ئەسەد تەلەيلىك، لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ئورۇن بوشىتىشى مۇمكىن

ئەنگىلىيە فاينانشىل تايمىز گېزىتىدە سىياسى ئانالىزچى دېۋىد گاردنېر تەھلىلىچە ھازىرغىچە بەششار ئەسەدنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ، ئامېرىكا ئەسەدنى يوقىتىش ئورنىغا جىھادچىلارنى يوقىتىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ كەلمەكتە.

دادىسىنىڭ 30 يىللىق ھۆكۈمرانلىقىدىن كېيىن، 2000. يىلى مەنسەپكە چىققان بەششار ئەسەدتە دادىسىدىكى قۇۋلۇق ۋە مەككارلىق يوق، ئەمما ئۇ، دادىسىنىڭ رەھىمسىزلىكىنى پۈتۈنلەي مىراس ئالغان.

بەششارنى پەرقلەندۈرىغان يەنە بىر نەرسە ئۇنىڭ غەلىتە تەلىيى. لېكىن بۇ تەلەي، ئۇ چەكلەنگەن گاز بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، 86 پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولۇش سەۋەپلىك ئامېرىكىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن تۈگەيدىغاندەكمۇ قىلىدۇ.

تەھلىلچى دېۋىدنىڭ قارىشىچە، زۇڭتۇڭ  ترامپنىڭ بەششار ئەسەد ھۆكۈمىتىگە تەۋە ھەربى ھاۋا بازىسىغا قىلغان ھۇجۇمى ، ئەسەدنى يوقىتىشنىڭ دەسلەپكى قەدىمى بولىشى ۋە ياكى 2013 تە ئەسەد سارىن گېزىنى قوللىنىپ 1400 يېقىن پۇقرانىڭ بېشىغا چىققاندىن كېيىن ئوباما ۋەدە قىلىپ ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ھېلىقى ئاگاھلاندۇرۇش بولىشىمۇ مۇمكىن… بەششار كېيىنكى ئېھتىماللىققا مايىلراق.

ئۇنىڭ تەلىيىگە، ئامېرىكا باشلىق غەرپ دۆلەتلىرى ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىنى يېقىتىشتىن بەكراق دۆلەت تەشكىلاتىنى يوقىتىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان .

ھازىرغە قەدەر، ئۇنىڭ پەرەزلىرى توغرا چىقىپ كەلمەكتە. ئۇ 2013.يىلىدىكى جىنايىتىدىن قۇتۇلۇپ قالدى. 2012 دە يوقۇلۇش گىرداۋىغا بېرىپ قالغاندا ئىران، ھىزبۇللا ۋە ئۇلارنىڭ مىلىتانلىرى قۇتقۇزۇپ قالدى. 2015 تە يەنە تۈگىشەي دېگەندە روسىيە قۇتقۇزۇپ قالدى.

ئىراقتا بولغان خاتالىق(بار بولغان ھۆكۈمەتنى ئۆرۈش)تىن ساقلىنىش ئۈچۈن سۈرىيەدىكى دۆلەتنى ساقلاپ قېلىش كېرەك دېگەن باھانە ئانچە توغرا ئەمەس. سېسىق نامى پۇركەتكەن ھەربىي ۋە ساقچىلاردىن باشقا دۆلەت دېگۈدەك نەرسىمۇ قالمىدى. ھەربى كۈچنىڭ توختىماي ئازىيىپ بېرىش، روسىيە ۋە ئىرانغا خىزمەت قىلىدىغان، ئىچكى جەھەتتىن بايلىق مافىيالىرى ۋە ئۇرۇشخۇمار مىلىتارىستلارنىڭ كونتروللىقىدىكى بەششار ھۆكۈمىتىنىڭ ئاجىزلىشىۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسى.

ئەسەد ھۆكۈمىتى مەۋجۇد بولۇپ، مىليونلىغان سۈرىيەلىكلەر ئۇنىڭ زۇلمى ئاستىدا تۇرىۋېرىدىكەن، دۆلەت ۋە بازا تەشكىلاتى يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىۋېتىدۇ.

تەرجىمە قىلغۇچى: ئۆچمەس

مەنبە: http://alasr.ws/articles/view/18561