رۇسىيەدىن ئامېرىكىغا ھەيۋە – سۈرىيەنى كۈچلەندۈرىمىز

سۈرىيەدىكى ئەسەد رىجىمىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى بولغان رۇسىيە، ئامېرىكىنىڭ بۈگۈن سەھەردە سۈرىيەنىڭ شايرات ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قىلغان سىنارەد ھۇجۇمىغا غەزىپىنى بىلدۈرمەكتە.

بۈگۈن كۈنبويى موسكۋادىن ئارقىمۇ – ئارقا باياناتلار كەلدى. خەلقئارالىق خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى ئىشلارنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىياتىنى دۇنياغا ئاڭلىتىۋاتىدۇ.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، لازكىيەدىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسى ۋە تارتۇستىكى دېڭىز ئارمىيە بازىلىرىنىڭ S-300 ۋە S-400 سىنارەدلىرى تەرىپىدىن قوغدالغانلىقىنى بىلدۈردى.

شايرات ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ئېتىلغان سىنارەدلەرنىڭ ئايروپىلان ئىسكىلاتىدىكى ئالتە ئايروپىلانغا زەربە بەرگەنلىكىنى قەيت قىلغان مىنىستىرلىكنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، بازىغا 23 سىنارەد چۈشكەن.

رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىملىق ھۇجۇمىدا تۆت كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، ئىككى يارىدارنىڭ دوختۇرخانىغا توشۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، سۈرىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ توققۇز ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئىگور كوناشېنكوۋ، بۇ قېتىملىق سىنارەد ھۇجۇمىنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت ئىلگىرى تەييارلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى رۇس خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىدا يەر ئالغان باياناتلىرىدا، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەگە قاراشلىق ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قىلغان سىنارەد ھۇجۇمىدىن كېيىن، سۈرىيەنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ كۈچلەندۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەرجىمە قىلغۇچى: تۇماق

مەنبە: http://www.haber7.com/ortadogu/haber/2301171-rusyadan-abdye-gozdagi