سۈرىيەدە تۈركىيە قاتناشمىغان ھەرقانداق ھەربىي ئىتتىپاق مەغلۇپ بولىدۇ

روسىيە – تۈركىيە ئالاقىسى تەتقىقاتسى، سۈرىيەلىك ئاخباراتچى باسل جاسمنىڭ قارىشىچە تۈركىيەنىڭ فۇرات قالقىنى ھەرىكىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېلان قىلىشىغا بىر قانچە نۇقتىدىن باھا بېرىش مۇمكىن ئىكەن. ئۇ خەلجئونلاين تورى بىلەن قىلغان سۆھبېتىدە بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى “ بۇ بەلكىم ئۆتكەن يىلى روسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربى ھەرىكىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىغا ئوخشىشى مۇمكىن . رىئاللىق باشقا بولدى.  بۇنداق قىلىش ئارقىلىق تۈركىيە فۇرات قالقىنى ھەرىكىتى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان مەسئۇلىيەتتىن ئاجرىيالايدۇ . بولۇپمۇ روسىيە ئالدىدا شۇنداق . تۈركىيەنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلاردا سۈرىيە تەرەپتىكى ھەربى ھەرىكەتلىرىنىڭ، تۈركىيە روسىيەنىڭ كۆرۈشچى ئايرۇپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۋەتكەندىن كېيىنكى يېقىنلىشىشنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكى ئېنىق ئىش.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى  :بۇنداق بولغاندا، تۈركىيە ئۆزى خالىغان شەكىلدە، ھېچقانداق بىر تەرەپ ئالدىدا مەسئۇلىيەت ئۈستىگە ئالماستىن ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا ياردەم قىلالايدۇ . تۈركىيە بۇ كۈنلەردە مۇھىم بىر ئۆزگىرىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئۇ بولسىمۇ 16 ئاپرىلدىكى ئاساسى قانۇن ئاۋازغا قويۇش. تۈركىيەنىڭ فۇرات قالقىنىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېلان قىلىشنىڭ تۈركىيە جەمئىيىتىگە بولغان تەسىرى بار. بەلكىدە بۇرۇندىن فۇرات قالقىنى ھەرىكىتىگە قارشى چىقىپ كەلگەنلەرنىڭ ئاۋازىنى قولغا كەلتۈرىشى مۇمكىن.

تۈركىيەنىڭ رەققانى قايتۇرىۋېلىش ئۇرۇشىغا قاتنىنىشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى “ بۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ مەسىلە“. لېكىن ئىش شۇنداق بولۇپ قالسا، تۈركىيەنىڭ تىل ئەبيەز ۋە ئەينۇلئەرەب (كوبانى) ئىككى سۈرىيە شەھرىگە كىرىشى، بىر چالمىدا ئىككى قۇشقاچ سوققانلىق بولىدۇ. يەنى كۈرتلەر كونتروللىقىدىكى ئىككى رايۇننى ئايرىۋېتىش ۋە دائىش بىلەن ئۇرۇشۇش. لېكىن بۇ قېتىمقىسى يېڭى ھەرىكەت نامىدا بولىدۇ .

ئۇ يەنە تۈركىيە قاتناشمىغان ھەرقانداق ھەربى ئىتتىپاق مەغلۇپ بولىدۇ قارىدى: ”ۋاشىنتون بۇ نۇقتىنى ئوبدان بىلىدۇ، چۈنكى تۈركىيەنىڭ قولىدا مۇھىم كوزۇرلار بار. “ ئۇ، بۇ ھەقتىكى تالاش تارتىشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى، ئامىرىكىنىڭ بۇ ئىشتا يېقىن پۇرسەتتە، كەسكىن بىر ھەل قىلىش چارىسىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئۇنىڭ قارىشىچە ھازىرقى ئەڭ مۇھىم بولغىنى فۇرات قالقىنى ئۆزى مەقسەت قىلغان دائىشنى قوغلىۋېتىش ۋە جارابلۇستىن ئەئزازغىچى بولغان چىگرا رايۇننى تازىلاشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدىن ئىبارەت. بۇدائىشقا قارشى خەلقائارا ئىتتىپاق ۋە روسىيەنىڭ مەقسىتى بىلەن ماس كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كۇرد ھەربى كۈچلىرىنىڭ تۈركيە بىلەن بولغان پۈتۈن چېگرانى كونترول قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشمۇ بار. بۇ بولسا تۈرك ھەربى ئورگانلىرىنىڭ مەقسىتىگە ئۇيغۇن . ئۇنىڭدىن باشقا تۈركىيە، سۈرىيە ھۆكۈمەت ۋە ئۆكتىچى تەرەپلەرنىڭ فىدراتسىيە، ئاپتۇنۇمىيە نامىدىكى ھەرقانداق بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قارشى بولغان قارىشىغىممۇ ماس كېلىدۇ. يەنە تۈركىيە ئەزەلدىن تەشەببۇس قىلىۋاتقان بىخەتەر رايۇننىڭ ئەمەلىيلىشىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك.

تەرجىمە قىلغۇچى: ئۆچمەس

مەنبە: http://www.turkpress.co/node/32670