ئەسەد قىسىملىرى ئىدلىبقا خېمىيەلىك قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلدى

بۈگۈن ئەتىگەن ئەسەد ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئىدلىب ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى خان شەيخۇن بازىرىغا قىلغان خلور گازىلىق ھۇجۇمىدا 100 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، كۆپىنچىسى بالىلار بولغان 500 گە يېقىن كىشىنىڭ گازدىن زەھەرلەنگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

”سۈرىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى“ نىڭ سەھىيە مىنىستېرى فەرراس جۇندى يەنە خان شەيخۇن بازىرىدىكى خېمىيىلىك قورال ھۇجۇمىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان قۇتۇلدۇرۇش خىزمەتلىرى ئەسناسىدا، بىر پۇقرالار مۇداپىئە مەركىزى ۋە بىر دوختۇرخانىنىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

گازدىن زەھەرلەنگەنلەردىن ئەھۋالى جىددىي بولغان، بىرى ئەر، قالغانلىرى ئايال ۋە بالىلاردىن تەركىب تاپقان 15 كىشى جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرى بىلەن تۈركىيە ھاتاي ۋىلايىتى رەيھانلى ناھىيىسىدىكى جىلۋەگۆزۈ چىگرا ئېغىزىدىن تۈركىيەگە كەلتۈرۈلدى.

بەششار ئەسەد رىجىمىنىڭ خلور گازىلىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئىدلىبنىڭ خان شەيخۇن رايونىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، ھاتايدىن 30 دانە جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ئىدلىبقا قاراپ يولغا چىقتى.

ئىدلىبنىڭ ئەل ھابىت بازىرىغا تۈنۈگۈن كېچە ئۇيۇشتۇرۇلغان خلور گازىلىق ھۇجۇمدا 20 پۇقرا زەھەرلەنگەن ئىدى.

تەرجىمە قىلغۇچى: ئادىل

مەنبە: http://www.haber7.com/ortadogu/haber/2297975-esedten-kimyasal-katliam