پۇتىننىڭ ئەڭ چوڭ قورقۇنچى – كاۋكاز مۇجاھىدلىرى قايتىپ كېلەرمۇ؟

ئەنگىلىيە تايمىس گېزىتى رۇسىيەنىڭ سان – پېتېربۇرگ شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن مېترو ھۇجۇمىغا ئالاقىدار بىر ئانالىز ئېلان قىلدى. بۇ گېزىتنىڭ موسكۋادىكى مۇخبىرى توم پارفىت ئانالىزدا رۇسىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمنىڭ سەۋەبىگە ئالاقىدار يىپ ئۇچلىرىنى توپلاشقا داۋام قىلىۋاتقان بولسىمۇ، دائىشنىڭ رولىغا ئالاقىدار كۈچلۈك گۇمانلاردا بولۇۋاتقانلىقىنى يازدى.

ئانالىزدا ئەگەر بۇ گۇمانلار دەلىللەنسە، رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى قوراللىق ئۆكتىچىلەرگە ۋە دائىشقا قارىتىلغان ھەربىي مۇداخىلىسىگە ئالاقىدار يېڭى سوئاللارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقى بايان قىلىندى.

رۇسىيەنىڭ 2015- يىلى سىنتەبىردە باشلىغان ھاۋا ئوپىراتسىيەسىدىن ئىككى ئاي كېيىن، بىر رۇس يولۇچىلار ئايروپىلانى مىسىرنىڭ سىنا يېرىم ئارىلىدا چۈشۈرۈۋېتىلگەن ۋە ئايروپىلاندىكى 224 كىشىنىڭ ھەممىسى قازا قىلغانىدى. يۇقىرىدىكى ئانالىزدا بۇ ھۇجۇمنى دائىشنىڭ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئانالىزغا ئاساسلانغاندا، موسكۋانىڭ خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى رۇسىيەدىن دائىشقا قېتىلغانلارنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇش مەيدانىنى تاشلاپ، ئىنتىقام ئىستىكىدە دۆلىتىگە قايتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ.

ئانالىزدا چېچېنىستاننىڭ 1990- يىللار ۋە 2000- يىللاردا ئېلىپ بارغان ئىككى قېتىملىق مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدىن كېيىن، بۇ خىلدىكى ھۇجۇملارنىڭ يامرىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئانالىزچىلارنىڭ دېيىشىچە، رۇسىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى شىمالىي كاۋكازىيەدىكى بۇ ئىسيانچىلارنىڭ سۈرىيەدىكى ئۇرۇشقا قېتىلىشىغا كۆز يۇمۇپ، ”تېررورنى ئېكسپورت قىلغان“. ئەمدىلىكتە بۇنىڭ ئاقىۋىتى بىلەن روبىرو تۇرماقتا.

ئانالىزغا ئاساسلانغاندا، شىمالىي كاۋكازىيەدىكى ئىسيانچى قوماندانلار دائىشنىڭ رەھبىرى ئەبۇبەكرى باغدادىغا بەيئەت قىلغان.

ئانالىزدا يەنە كېسىپ ئېيتقىلى بولمىسىمۇ، بۇ ھۇجۇمنىڭ دائىشنىڭ ياۋروپادىكى ئاخىرقى ھۇجۇمى بولۇپ قالىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

تەرجىمە قىلغۇچى: ئادىل

مەنبە: http://www.haber7.com/dunya/haber/2297966-putinin-en-buyuk-korkusu-geri-donecekler