تالىبان سانگىن ناھىيەسىنى تامامەن قولغا كىرگۈزدى

”ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكى“ نامىدىكى تالىبان ھەرىكىتى يېڭى يەرلەرنى قولغا كىرگۈزۈپ، زورىيىشنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. تالىبان ئافغانىستاننىڭ ھەلماند ۋىلايىتىنىڭ سانگىن ناھىيەسىگە چوڭ بىر ھۇجۇم بىلەن كىردى. يېقىندىن بۇيان بۇ رايوندا ھۆكۈمەت كۈچلىرى بىلەن تالىبان جەڭچىلىرى ئارىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇشلار بولۇۋاتاتتى. توقۇنۇشلار ئافغانىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ رايوننى تاشلاپ چىقىپ كېتىشى بىلەن نەتىجىلەندى. رايوننىڭ تالىباننىڭ قولىغا ئۆتكىنى جەزىملەشتۈرۈلدى.

تالىباننىڭ رەسمىي مەنبەلىرىدە بەرگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، تالىبان بۇ ناھىيەدە ھاكىمىيەتنى تامامەن كونترول قىلغان بولۇپ، نۇرغۇن ھەربىي ماشىنا، ئوق – دورا ۋە ئۈسكۈنىلەرنى قولغا چۈشۈرگەن.

تالىبان يەنە ھەلماندتا بومبىلىق ماشىنا بىلەن ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ بىناسىغا ھۇجۇم ئۇيۇشتۇردى. ھۇجۇم نەتىجىسىدە بىنادا 48 كىشى ئۆلدى.

سۈرەتتە ماشىنا بومبا ھۇجۇمىدىن كېيىنكى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ بىناسى:

تەرجىمە قىلغۇچى: ئادىل

مەنبە: http://www.islahhaber.net/taliban-helmand-da-sangin-ilcesini-tamamen-ele-gecirdi-89755.html