جەيشۇلفارۇق سۈرىيەدىكى بۈيۈك بىرلەشمە – تەھرىرۇششامغا قوشۇلدى

سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى ئىچىدىكى يەنە بىر گۇرۇپپا – جەيشۇلفارۇق تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، سۈرىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچىلەر بىرلەشمىسى بولغان تەھرىرۇششامغا قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۈرىيە ئىنقىلابىنىڭ 7- يىلىدا كۈچلەر تەڭپۇڭلۇقىنى ئۆزگەرتىۋەتكىدەك بىر ھەرىكەت بىلەن كونتروللۇقىدىكى رايونلارنى بىر پۈتۈن قىلىپ بىرلەشتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان تەھرىرۇششام ھەرىكىتى بۈگۈن جەيشۇلفارۇق گۇرۇپپىسىنىمۇ ئۆزىگە قوشۇۋالدى.

ئۆكتىچى گۇرۇپپا جەيشۇلفارۇقنىڭ رەھبەرلىرى باياناتىدا ئۆز گەۋدىسىدىن ۋاز كېچىپ، سۈرىيە جىھادىدا بۇندىن كېيىن تەھرىرۇششام بايرىقى ئاستىدا كۈرەش قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

تەرجىمە قىلغۇچى: ئادىل

مەنبە: http://www.islahhaber.net/ceysul-faruk-grubuda-tahrirus-sam-a-katildi-89708.html