ئامېرىكا راققاغا تەمىنلەش لىنىيىسى قۇرۇۋاتىدۇ

ئاپتورى: ئابدۇلقادىر سەلۋى

2017- يىلى 21- مارت

بىز رېفېراندۇم تالاش – تارتىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقاندا، راققا جېڭى ھەققىدە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر بولۇۋاتىدۇ.

ئامېرىكىنىڭ راققاجېڭىگە ئالاقىدار ھازىرلىقلىرى تېزلەشتى. تەمىنلەش لىنىيىلىرىنى قۇرۇشقا ۋە ئارقا سەپ ماتېرىياللىرىنى يەتكۈزۈشكە باشلىدى. ئېغىر قوراللارنىڭ بىر قىسمى بۇرۇنلا كەلگەن ئىدى. ئەمما جەڭدە ئىشلىتىلىدىغان ئېغىر قوراللارنىڭ تولۇقلىنىشى داۋام قىلىۋاتىدۇ.

ئامېرىكىنىڭ راققا پىلانى تېخى جەزىملەشمىدى. بەش بۈرجەكلىك بىنا ۋە باش قوماندانلىق شتابىنىڭ راققا جېڭىنى تۈركىيە بىلەن ئەمەس، بەلكى ي پ گ بىلەن قىلىشنى خالىغانلىقى ئېنىق. ئىش سىياسىي ئىرادىگە باغلىق بولۇپ قالدى. ئوباما مەزگىلىدە تەييارلانغان راققا پىلانىنى يېتەرسىز دەپ قارىغان ترامپ يېڭى بىر پىلان ھازىرلاشقا يوليورۇق بەرگەن ئىدى. يېڭى راققا پىلانى ترامقا سۇنۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ تېخى بىر قارارغا كەلمىدى. بەش بۈرجەكلىك بىنا ئۇنىڭ قارارسىزلىقىدىن پايدىلىنىپ قەدەم ئالدى. ھەربىي قىسىملارنىڭ ھازىرلىقلىرى تېزلەشتى.

تۈركىيە باش شتاب باشلىقى ھۇلۇسى ئاكار ئىنجىرلىكتىكى زىيارەتتە ئامېرىكا باش شتاب باشلىقى دۇنفوردقا تۈركىيەنىڭ راققا پىلانىنى سۇنغان ئىدى. بۇ پىلاندا، ئومۇمىي لىنىيە بويىچە تۈركىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ ئۈنۈملۈك ھاۋا ياردىمى، قۇرۇقلۇقتىن بولسا تۈركىيە ۋە ئامېرىكا ئالاھىدە ئەترەتلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيىسى، سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرىنىڭ ئىچىدىكى يەرلىك ئەرەب ئەزالار ۋە روژ پەشمەرگە قىسىملىرىنىڭ بىرلەشمە ھەرىكىتى قىياس قىلىنغان ئىدى.

ئەنقەرە سۇنغان راققا پىلانى رەت قىلىنمىغاچقا يەنىلا ئۈستەلدە تۇرۇۋاتىدۇ. ئەمما ترامپنىڭ خاھىشى تۈركىيەگە يېقىن بولمىغاچقا، تۈركىيە لايىھىسى ئاجىز كۆرۈنمەكتە. ئامېرىكا يېقىنقى ئۈچ يىل مابەينىدە ئورتاق جەڭ ۋە تەربىيىلەش قاتارلىق جەھەتلەردە ي پ گ گە مەبلەغ سېلىپ كەلدى. ئاخىرقى بىر يىلدا ئېغىر قوراللارنى بېرىشكە باشلىدى.

بەش بۇرجەكلىك بىنا راققا ئۇچۇرىنى مۇنبىچتە بايراق چىقىرىش ئۇسۇلى بىلەن بەردى. ي پ گ گە قارىتىلغان مۇنبىچ ھەرىكىتىنى توسۇپ قالغان ئامېرىكا، دائىشتىن تازىلانغان ئەلباب ھەرىكىتى جەريانىدىمۇ كۆرۈنەرلىك خىرىس كۆرسەتكەنىدى. ”ئەلبابتا ئوينالغان ئويۇنلارنى كۆرگەن بولساڭلار ئىدى. ئۇ يەردە دائىش بىلەنلا ئىلىشقىنىمىز يوق. بۇنىڭغا قارىماي ئەلبابنى ئېلىشىمىز بۈيۈك بىر غەلىبە بولدى“ دېيىلىۋاتىدۇ.

ھەممە ئىشلارغا قارىماي جەرابلۇسنى، دابىقنى، ئەلبابنى دائىشتىن تازىلىغان تۈركىيە ئەمدى بۇ يەرلەردە قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا. تۈركىيە فىرات قالقىنى ھەرىكىتى بىلەن ئافرىن ۋە كوبانى ناھىيەلىرىنىڭ بىرلىشىشىنى توسۇپ قالدى. ئامېرىكا بۇنىڭدىن راھەتسىز، بەلكى تۈركىيە ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئەلبابقا قەدەر بولغان بىر رايوننى كونترول قىلىشىنى ئۇزۇن مەزگىلىك پىلانلىرى ئۈچۈن خەتەرلىك دەپ قارىماقتا.

ئەنقەرەدە راققا جېڭىنىڭ ئاپرىلنىڭ ئاخىرى ياكى ماينىڭ بېشىغا قالغانلىق كۆز قارىشى ھۆكۈم سۈرمەكتە. پىلانلاش ۋە ھازىرلىنىش جەريانى داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئالدىنقى سەپتە يۈرۈشتۈرۈلۈۋاتقان خىزمەتلەرگە قارىساق، جەڭنىڭ تېخىمۇ بالدۇر باشلىنىدىغانلىقىدەك كەيپىيات بار. بەش بۈرجەكلىك بىنانىڭ ترامپقا سۇنغان راققا پىلانى سۈرىيە ۋە ئىراقتىن ئىبارەت ئىككى ئاياقتىن تەركىب تاپىدۇ. ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ ئەربىل ياكى تېلئافەرگە چۈشۈرۈلۈشى، بۇ يەردىن سىنجار لىنىيىسى ۋە رابىيا ئىغىزىدىن سۈرىيەگە كىرىشى كۈتۈلۈۋاتىدۇ. ئامېرىكا دوھۇكتا تەلىم بەرگەن 4500 نەپەر روژ پەشمەرگەلىرىنى ئۇرۇش لىنىيىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن ئالدىنئالا كىرگۈزىدۇ. ئامېرىكا راققا جېڭى ھارپىسىدىكى تەمىنلەش لىنىيىسىنى قۇرۇشقا باشلىدى. ئامېرىكىلىقلار سىنجاردا بىر يۇقىرى سىغىملىق تەمىنلەش لىنىيىسى قۇرۇۋاتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ راققا پىلانىدا ي پ گ ۋە روژ پەشمەرگە قىسىملىرى راققا قورشاۋىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئامېرىكا ھاۋادىن زىچ بومباردىمان قىلىش ئارقىلىق ياردەم بېرىدۇ. ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىملىرى شەھەر ئىچى جېڭىدە ئوتتۇرىغا چۈشىدۇ. يەنە بىر يېڭى ئۇچۇر شۇكى، ئاۋانگارت قىسىملارنىڭ راققا چىگراسىغا يېتىپ بارغانلىقىغا ئالاقىدار سۈرەتلەر كېلىشكە باشلىدى.

ئىشنىڭ يەنە بىر تەرىپىمۇ بار. راققا جېڭىنىڭ كۆرۈنۈشى ئاستىدا، ئامېرىكا ي پ گ نى ئېغىر قوراللار بىلەن قوراللاندۇرۇۋاتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ بىر ئۆزگىچىلىكى بار. جەڭ ئاياقلاشقاندىن كېيىن، بۇ قوراللارنى چېكىندۈرۈپ كەتمەيدۇ. ئىراقنى ئىشغال قىلىش جەريانىدا ئەكەلگەن قوراللارنىمۇ ئېلىپ كەتمىدى. ئۇنداقتا ي پ گ گە بەرگەن قوراللارنى قانداق قىلىدۇ؟ قايتۇرۇۋالمايدىغانلىقى ئېنىق. ي پ گ بۇ قوراللارنى كىمگە توغرىلايدۇ؟ ئەلۋەتتە بىزگە. ئامېرىكىلىقلار جەڭنى ي پ گ بىلەن بىللە قىلىش بىلەنلا بولدى قىلمايدۇ. يەنە راققانىڭ كەينىدىكى ئىشلارمۇ بار.

تەرجىمە قىلغۇچى: ئادىل

مەنبە: http://www.hurriyet.com.tr/yazarlar/abdulkadir-selvi/abd-rakkaya-ikmal-hatti-kuruyor-40401624