ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولىدىغان كرىزىس ئىقتىسادىي مۇقىملىقىمىزنى خەتەرگە ئىتتىرىدۇ

گوللاندىيە بىلەن بولغان كرىزىس ئەۋج ئالغان، قىسقا مەزگىلدە ئاخىرلاشمىغان ئەھۋالدا ئىقتىسادىمىزنىڭ چوڭ زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقى ئېنىق. ئىقتىسادتىكى ئەسلى خەتەر – جىددىيلىكنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسىگە يېيىلىپ كېتىشىدۇر.

ھەم تۈركىيەدە ھەم گوللاندىيەدە جىددىيلىككە ئالاقىدار داستانلارنىڭ داۋام قىلغانلىقى، سىياسەتچىلەرنىڭ توقۇنۇشنى سايلام بېلىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقى كۆز ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ. ئەمما بۇ ئەھۋالنىڭ ئىمكانقەدەر تېز ئاخىرلىشىشى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىگە پايدىلىق.

ئاپېلسىن تىلىپ، سۈيىنى سىقىپ ئىچكەنگە ئوخشاش بىرىنچى قول نامايىشلار بىلەن بولدى قىلىنسا، ئوبراز مەسىلىسىدىن باشقا ئارتۇق مەسىلە يوق. گوللاندىيەنىڭ تۈنۈگۈن تۈركىيەگە بارىدىغان پۇقرالىرىغا چىقارغان چاقىرىقىنىڭ ساياھەتچىلىك باشچىلىقىدىكى تۈركىيەنىڭ ئەسلىدىنلا ئاجىز ئىقتىسادىي تەڭپۇڭلۇقىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشىدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ.

بۇ تېمىدا ئىقتىساد مىنىستىرى نىھات زەيبەكچىنىڭ ئىقتىسادىي ئېمبارگونىڭ ئويلىشىلمىغانلىقىنى سۆزلىشى ئاقىلانىلىقنىڭ پۈتۈنلەي يوقالمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. ئەمما بەزى گوللاندىيە شىركەتلىرىنىڭ ئىسمى ئاتىلىپ بېرىلگەن ئۇچۇرلارنى قورقۇپ تۇرۇپ ئوقۇدۇم. ئۈمىد قىلىمەنكى، سىياسىي نوپۇزلۇقلار بۇ قېتىم قەھرىمانلىقنىڭ چەك – چىگرىسىنى سىزىشتا ئۇتۇقلۇق بولغاي.

تۈركىيەدە بىۋاسىتە چەتئەل مەبلىغى جەھەتتە بىرىنچى رەتتىكى دۆلەتنى، تاشقى سودا ئاكتىپ بالانسى كۆرۈلگەن، يىلدا 6.6 مىليارت دوللارلىق سودا ھەجمىگە ئىگە بىر شېرىكنى، بىر مىليون ساياھەتچى ئەۋەتكەن بىر دۆلەتنى قۇربان قىلىۋېتىشكە تەۋەككۈل قىلىشنىڭ دۆلەتكە ۋە ئىقتىسادقا چوڭ زىيان سالغانلىق بولىدىغانلىقى ئېنىق.

مېنىڭچە ئىقتىسادىي نۇقتىدىن ئەڭ قورقۇنچلۇق تەرىپى بۇ بولغۇلۇقلارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى كرىزىسقا ئايلىنىپ كېتىشىدۇر. ئون يىللارچە بىريۇسسېلدا ۋەزىپە ئۆتىگەن، ئىلمىي تەتقىقاتلىرىنى بۇ ساھەدە ئېلىپ بارغان مۇتەخەسىس، تۈركىيە سودا – سانائەتچىلەر ئۇيۇشمىسى (TÜSİAD) نىڭ يېڭى باش كاتىپى باھادىر كالەئاغاسىنىڭ ئىنكاسىنى ئاڭلاپ قورقۇنچۇم ئاشتى. كالەئاغاسى چىققان تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا ”ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن جىددىي بىر كرىزىس مۇمكىنچىلىكى بار“ دېدى. ئارقىدىن دىققەتنى تارتقۇدەك بىر شەكىلدە تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن كرىزىسقا چۈشكەن ئەھۋالدا يوقىتىپ قويىدىغانلىرىنى ئوبدان بىر خۇلاسىلىدى.

يىغىنچاقلىغاندا سىياسەتمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ، ئەمما تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان جىددىي بىر كرىزىسكە ھېچ چىداملىق ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەك. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈچۈن يېڭىدىن ئويلىشىلغان سىستېمىدا، تۈركىيەنىڭ ئەزالىققا قوبۇل قىلىنىش ئېھتىمالى ئارتقان ئىكەن، تاموژنا بىرلىكى ئەھدىنامىسىنىڭ يېڭىلىنىشى بىلەن پايدا ئالىدىغانلىقىمىز ئوتتۇرىدا ئىكەن، مۇشۇنداق بىر سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇھىتتا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن رىشتىمىزنى ئۈزۈش ئۆز پۇتىمىزغا ئۆزىمىز پالتا چاپقانلىقتۇر.

ئاجىزلاپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، مۇناسىۋەتلەرنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ ئىقتىسادىي مۇقىملىققا قوشىدىغان تۆھپىسىنى، ئىجابىي پسىخولوگىيىلىك تەسىرىنى ھېچكىم بوش چاغلىماسلىقى كېرەك.

بازار جىددىيلىكنىڭ ئاخىرلىشىشىنى كۈتۈۋاتىدۇ

بازارغا قارىغىنىمىزدا، گوللاندىيە بىلەن بولغان كرىزىسنىڭ، ياۋروپا بىلەن بولغۇسى كرىزىس تەھدىتىنىڭ باھاغا تەسىر كۆرسەتمىگەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز. بازارنىڭ جىددىيلەشكىنى ئېنىق، ئەمما روشەنكى، ”جىددىيلىك تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقمايدۇ“ دېگەن ئىشەنچتە. بۇنىڭدا ئېلان قىلىنغان ئاقىلانە باياناتلارنىڭ تەسىرى بارلىقى ئايان. تۈركىيە –  گوللاندىيە سودا كېڭىشىنىڭ باشلىقى مۇرات ئۆزيەغىن ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋەقفى (İKV) نىڭ باشلىقى ئايھان زەيتىنئوغلۇلار بەرگەن باياناتلىرىدا ئىككىلا تەرەپنى ئاقىلانە بولۇشقا چاقىردى، جىددىيلىكنىڭ ئىمكانقەدەر تېز ئاخىرلىشىشىنى ئىستىدى، جىددىيلىكنىڭ ئەۋجىگە چىقىشىدىن ئىككىلا تەرەپنىڭ زىيان تارتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

بۇ ئارىدا ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىمۇ ”تۈركىيە تەرەپنىڭ سۆزلىرىگە دىققەت قىلىشى“ نى تەكىتلەپ، ئىككىلا تەرەپكە ھۇشيار بولۇشنى تەۋسىيە قىلدى. بۇ باسقۇچتا ۋەقەنى ئۇلغايتىۋېتىشنى خالىمايدىغانلىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يان بېسىشقا توغرا كەلسە، ناتو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىم تەرەپتە تۇرىدىغانلىقى ئېنىق. يەنە بىر قېتىم كۆردۇقكى، سىياسەتچىلەرنىڭ سايلام بېلىتى ئۈچۈن دىپلوماتىك قائىدىلەرگە، ئەھدىنامىلەرگە خىلاپلىق قىلىشى ھەممەيلەنگە زىيانلىق. قانداقلا بولمىسۇن، بىر بىرىمىزگە بېقىنىدىغان دۇنيادا ياشاۋاتىمىز ۋە مەنپەئەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئورتاق. بۇ رىئاللىقنى يوقتەك قىلىپ كۆرسەتمەك، ئويلىغىنىمىزنىڭ ئەكسىچە، مىللىي مەنپەئەتلەرگىمۇ زىيان سالىدۇ.

تەرجىمە قىلغۇچى: تۇماق

مەنبە: http://www.hurriyet.com.tr/yazarlar/erdal-saglam/ab-ile-kriz-ekonomik-istikrari-tehlikeye-sokar-40394045