سۈرىيەدىكى كۈرد ئاپتونومىيىسى رۇسىيەنىڭ قولىدىمۇ؟

ئاپتورى: مۇرات يەتكىن

رۇسىيە ئارمىيىسى باش شتاب باشلىقى تۈنۈگۈن ھەيران قالارلىق بىر بايانات ئېلان قىلدى. بۇ باياناتقا ئاساسلانغاندا، مۇنبىچ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ي پ گ قوراللىقلىرى قولىدىكى تايانچ نۇقتىلىرىنى باشار ئەسەد كۈچلىرىگە تاشلاپ بېرىپ، چېكىنىپ چىقىدۇ.

رۇسىيە باش شتابى ئاساسىي ھەرىكەت قىسمىنىڭ مەسئۇلى سېرگىي رۇدسكوي 3- مارتتىن ئېتىبارەن مۇنبىچ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئەمدى سۈرىيە ھۈكۈمىتىنىڭ مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

بۇنىڭ يەنە بىر مەنىسى شۇكى، 2016- يىلى ئاۋغۇستتا ئامېرىكا ئارمىيىسى مەركىزىي قوماندانلىق شتابىنىڭ ياردىمى بىلەن دائىشنىڭ قولىدىن ي پ گ نىڭ قولىغا ئۆتكەن مۇنبىچ، رۇسىيەنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى سۈرىيە ھۆكۈمەت كۈچلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

رۇسىيەنىڭ بۇ باياناتى، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستېرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ 2- مارتتا ”ي پ گ ئارقىغا چېكىنمىسە، تۈرك ئەسكەرلىرى ئەلبابتىن كېيىن مۇنبىچكە يۈرۈش قىلىپ، ي پ گ نى ئۇرىدۇ“ دېگىنىدىن بىر كۈن كېيىن ئېلان قىلىندى.

چاۋۇشئوغلۇ بۇ سۆزى بىلەن ئەسلىدە ئامېرىكىنىڭ ي پ گ ئۈستىدىكى نوپۇزىنى ئىشلىتىپ، تۈركىيەگە ۋەدە بەرگىنى بويىچە ي پ گ نى مۇنبىچنىڭ سىرتىغا ۋە فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىگە چېكىندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلغانىدى.

بۇ سۆز جۇمھۇرباشكانى تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپقا سۇنغان ”ي پ گ نى تاشلىۋەتكەن تەقدىردە، دائىشقا قارشى بىرلىكتە ئۇرۇشۇش“ تەكلىپىگە ۋە بۇ تەكلىپكە جاۋاپ ساقلىشىغا ئۇيغۇن ئىدى.

ئەمما بۇ جاۋاب تۈركىيەنىڭ كۈتكىنىدەك ئامېرىكىدىن ئەمەس، بەلكى رۇسىيەدىن كەلدى.

رۇسىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئالتە يىل بولغان سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشىغا دائىر بىر قانچە مۇھىم نۇقتىنى كۈنتەرتىپىمىزگە ئېلىپ كەلدى:

بىرىنچى، رۇسىيە بۇ ئويۇنلىرى بىلەن سۈرىيە سەھنىسىدە ھەم ئامېرىكىنىڭ، ھەمدە تۈركىيەنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالغاندەك كۆرۈنمەكتە. ئالدى بىلەن موسكۋا 2014 تىن بېرى ئامېرىكىنىڭ قۇرۇقلۇق قىسىملىرى كەبى ئۇرۇش قىلغان ي پ گ نىڭ ئۈستىدىكى نوپۇزىنىڭ ئامېرىكىنىڭكىدىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. بۇنىڭدا 15- فېۋرالدا موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن كۈرد سۆھبىتىنىڭ ھەسسىسى بولۇشى مۇمكىن. مەلۇمكى، تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ قوللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن 23-، 24- يانۋار ئاستانە ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىدىن كېيىن رۇسىيە، يېڭى سۈرىيە ئاساسىي قانۇنى تەكلىپ لايىھىسىدە، كۈردلارغا ئاپتونومىيەنى بىر تاللاش تۈرى سۈپىتىدە كۆرسەتكەنىدى.

ئىككىنچى، تۈركىيەنىڭ دەسلەپكى تەلىپى بۇنىڭ بىلەن ئورۇنلانغان بولدى. يەنى رۇسىيەنىڭ باياناتى بويىچە، ي پ گ مۇنبىچ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنى بوشىتىدۇ. بۇنداق بولغاندا، تۈركىيەنىڭ ناتودىكى ئىتتىپاقدىشى ئامېرىكا ئورۇنلىيالمىغان بىر تەلەپنى رۇسىيە ئەمەلگە ئاشۇرغان بولدى. ئەمما تۈركىيەنىڭ ئاخىرىدىكى تەلىپى بولغان ”مۇنبىچنىڭ ئەركىن سۈرىيە ئارمىيىسى ۋە باشقا ئۆكتىچى ئەرەب كۈچلىرىنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇش“ تەلىپى شۇ تاپتا ئاقمايدىغاندەك قىلىدۇ. يەنى ئەسەدنىڭ قولىغا ئۆتۈپ بولدى.

ئۈچىنچى، ئەنقەرەنىڭ رۇسىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە قارىتا سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسىگە ئۇلتىماتۇم تاپشۇرۇشى ياكى ھەربىي ھەرىكەتتە بولۇش ئېھتىمالى ئانچە چوڭ ئەمەستەك قىلىدۇ. چۈنكى ئالدى بىلەن، تۈركىيە ئارمىيىسىنىڭ سۈرىيە تۇپراقلىرىدا دائىش بىلەن ئۇرۇش قىلىش رامكىسى ئاستىدىكى قانۇنىي مەۋجۇتلۇقى رۇسىيە بىلەن تۈزۈلگەن ئالاھىدە بىر ”توقۇنۇشۇپ قالماسلىق“ ئەھدىنامىسىگە باغلىق. ئاندىن قالسا، تۈركىيە 2015- يىلى دېكابىردا رۇسىيە ئايروپىلانىنى چۈشۈرۈۋېتىش بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان كرىزىسنى 2016- يىلى ئىيۇندا تەستە بىر تەرەپ قىلدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ، يەنە كېلىپ رېفىراندۇمغا كېتىۋاتقاندا، پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان ساياھەت كەسپىنىڭ جانلىنىشى ئۈچۈن، رۇسلارنىڭ كېلىشىنى ساقلاۋاتقاندا، رۇسىيە بىلەن يېڭى بىر كرىزىس پەيدا قىلىشى ئەقىلگە سىغمايدىغاندەك قىلىدۇ.

تۆتىنچى، رۇسىيە (ئىراننىڭ ئىلھام بېرىشى بىلەن) 2015- يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تارتۇس دېڭىز ئارمىيە بازىسىنى كۈچلەندۈرۈپ، ھۈمەيمىن ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى قۇرۇش بىلەن، ھەربىي جەھەتتىكى سالمىقىنى ئاشۇرغاندىن كېيىن، سۈرىيە سەھنىسىدىكى باش ئاكتيور ھالىغا كەلدى. ۋاھالەنكى، قولىمىزدا رۇسىيەنىڭ بۇ قېتىمقى ي پ گ – مۇنبىچ ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارغاندا، ئامېرىكا بىلەن يېپىق دىپلوماتىيە يولى بىلەن ماسلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان – بارمىغانلىقىغا دائىر بىر دەلىلىمىز يوق. ئەمما ۋىلادىمىر پۇتىن بۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق دونالد ترامپقا يېڭى سۈرىيە ئستراتېگىيىسىنى ئېلان قىلىشتىن ئاۋال، رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى نۇپۇزىنى چوقۇم ھېساپقا كىرگۈزۈشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ قويغاندەك قىلىدۇ.

بەشىنچى، بۇ ھەرىكەت ئەنقەرە ئۈچۈن يېڭى بىر قاباھەت سىنارىيەسى (1- مارتتىكى يازمامدا تىلغا ئالغان ئۈچ ئېھتىماللىقنىڭ بىرى) گە يول ئېچىشى مۇمكىن. چۈنكى ئەگەر باشار ئەسەد پ ي د بىلەن دائىشقا قارشى ئۇزۇن مەزگىللىك بىر ئىتتىپاقداشلىق ھاسىل قىلسا، ئۇنداقتا كۈردلەر ئامېرىكىنىڭ نېمە قىلىشىغا باغلىنىپ قالماي، رۇسىيەنىڭ كاپالىتى ئاستىدا ھېلىقى كوبانى – ئافرىن كارىدورىنى تۈركىيە – ئەركىن سۈرىيە ئارمىيىسى كونتروللۇقىدىكى 2000 كۋادرات كىلومېتىر دائىرىنىڭ جەنۇبىدىن مۇنبىچ – ھالەپ لىنىيىسى ئارقىلىق بىرلەشتۈرۈپ قۇرالايدۇ. ئەسلىدە پۇتىن بەلكىم بۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەردوغانغا ۋاسىتىلىق ئۇچۇر بېرىشنى ئىستىگەن بولۇشى مۇمكىن. يەنى پۇتىن ئەردوغانغا پ ي د / پ ك ك لەر ئۈستىدە ئامېرىكىنىڭكىدىن چوڭراق نوپۇزى بارلىقىنى كۆرسىتىپ قويغاچ، ”دائىش بىلەن ئۇرۇشقانلىق ئەسەد بىلەن ئۇرۇشقانغا ئوخشاشتۇر“ دېگەن مەنىنى ئوچۇق ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويسا بولمايدىغانلىقىنى، بولمىسا ئەسەدنى كۈردلەرنىڭ ئاپتونومىيىسىگە قايىل قىلىشنىڭ ئانچە قىيىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەكچى بولۇشى مۇمكىن. بۇ خەتەرلىك بىر ئويۇن.

ئەنقەرە بۇ ئويۇننى كۆرۈشى لازىم. چۈنكى ئىككى ناتو ئىتتىپاقدىشى تۈركىيە ۋە ئامېرىكا پ ي د / پ ك ك ھەققىدە بىر – بىرى بىلەن زىتلىشىۋاتقاندا، رۇسىيە يەنە كۈرد قارتىسىنى ئويناپ، ھەر ئىككىلىسىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ قويماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئەردوغان ۋە ئاك پارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەزىيەتكە ئاساسەن، سۈرىيە سىياسىتىنى قايتىدىن تەڭشەپ، يېڭى بىر ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى زۆرۈردەك قىلىدۇ.

تەرجىمە قىلغۇچى: تۇماق

مەنبە: http://www.hurriyet.com.tr/yazarlar/murat-yetkin/suriyede-kurt-ozerkligi-rusya-eliyle-mi-40383975