تۈركىيەنىڭ «فىرات قالقىنى» ھەرىكىتى ئويۇننى بۇزدى

ئاپتورى: مۇرات يەتكىن

”فىرات قالقىنى“ ھەرىكىتى 2016- يىلى 8- ئاينىڭ 24- كۈنى، دائىشنىڭ گازىئانتەپتە ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمىدا 59 كىشىنى ئۆلتۈرۈشىدىن تۆت كۈن كېيىن باشلاندى.

بۇيرۇقنى بەرگىنى باش قوماندان سۈپىتىدىكى جۇمھۇرباشكانى تاييىپ ئەردوغان بولدى.

مەيلى تۈركىيە كەبى ناتو ئەزاسى بولسۇن، مەيلى رۇسىيە، ئىران كەبى ناتوغا رەقىب، ئەمما سۈرىيە ئالدىنقى سېپىدىن ئورۇن ئالغان باشقا دۆلەتلەر بولسۇن، ھەممىسى بۇ ھەرىكەتنى ئىنتايىن خەتەرلىك دەپ قارىدى.

توغرا، 2011- يىلدىن بېرى ئىچكى ئۇرۇش بولۇۋاتقان سۈرىيە تۇپراقلىرىغا كىرىش ئۈستى – ئۈستىگە خەتەرلىك ئىدى. ئەمما ئەسلى خەتەر ئارمىيەنىڭ ئىچىدە كۆرۈلۈۋاتاتتى. چۈنكى تېخى بەش ھەپتە ئاۋال ئارمىيەنىڭ ئىچىدىكى فەتھۇللاھچىلار تەشكىللىگەن بىر گۇرۇپپا ”15- ئىيۇل“ ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشىنى قوزغىغانىدى.

مىڭلارچە قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيە ئوفېتسىر – ئەسكەرلىرى يا جىنايەت ئۈستىدە تۇتۇلغانلىقى ئۈچۈن، ياكى فەتھۇللاھچىلار بىلەن مەخپىي ئالاقە قىلغانلىق گۇمانى بىلەن قولغا ئېلىندى، ئىشتىن بوشىتىلدى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاچقۇچلۇق سالاھىيەتكە ئىگە قىسىم قوماندانلىرىمۇ بار ئىدى.

”فىرات قالقىنى“ ھەرىكىتى بۇ ئېغىر يوقۇتۇشلارغا قارىماي داۋام قىلالىدى. كۈتكەن نىشانلارغا تېخى يەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

تۈرك قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ”يارىدار“ ھالىتىدىمۇ جەڭ قىلىش قابىلىيەتلىرىنى يوقىتىپ قويمىغانلىقى بۇ قەدەر ئېغىر تالاپەتنىڭ ئارقىسىدىنلا ئىسپاتلانغان بولدى.

كۈتۈلگەن نىشانلار مۇنداق ئىدى:

بىرىنچىدىن، دائىشنىڭ تۈركىيە چىگرىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈش، ئەسكەر – قورال ئۆتكۈزۈش ۋە ئەتكەسچىلىك قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛

ئىككىنچىدىن، دائىشتىن بوشىتىلغان يەرلەرگە پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى قولى بولغان پ ي د نىڭ يەرلىشىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛

ئۈچىنچىدىن، بۇنىڭ بىلەن تەخمىنەن 5000 كۋادرات كىلومېتىرلىق بىر دائىرىدە ئەركىن سۈرىيە ئارمىيىسىنىڭ ھاكىمىيىتىنى تىكلەش.

”ھۈررىيەت“ گېزىتىنىڭ 25- فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىتا، تۈنۈگۈن تۈركىيە ئارمىيىسى باش شىتابى نامىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ”فىرات قالقىنى ھەرىكىتى ئۇتۇقلۇق تاماملانغان بىر مەزگىلدە“ دېگەندەك ئىپادىلەر قوللىنىلغان بولسىمۇ، جۇمھۇرباشكانى ئەردوغان كۆرسەتكەن 5000 كۋادرات كىلومېتىر دائىرىنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش نىشانى يۈزدە 40% ئەمەلگە ئاشقان ھالەتتە، يەنى 2000 كۋادرات كېلومېتىر.

ئەمما بۇ نەتىجىلەرنى تۆۋەن مۆلچەرلىمەسلىك لازىم. مەسىلەن، تۈنجى كۈنى جەرابلۇسنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى بىلەن دائىشنىڭ مۇھىم كىرىم مەنبەلىرىنىڭ بىرى بولغان تاموژنا بېجى نامىدىكى ھەقلەرنىڭ كېسىلىپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ 2016- يىلىدىكى كىرىملىرىنىڭ ئازىيىپ كەتكەنلىكى لوندون مەركىزىي ICSR ئورگىنىنىڭ دوكلاتلىرىدا يېزىلدى.

بۇندىن باشقا، دائىشنىڭ ئىدېئولوگىيە چۈشەنچىلىرىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان دابىق (دائىش ئەزالىرى قىيامەتنىڭ ئالدىدا مەھدى ۋە دەججال قوشۇنلىرىنىڭ ئۇ يەردە تۇتۇشىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن) نىڭ 16- ئۆكتەبىردە قولغا كەلتۈرۈلۈشى، شىددەتلىك توقۇنۇشلار ۋە قارشى ھۇجۇملاردىن كېيىن 24- فېۋرالدا ئەلباب شەھەر مەركىزىنىڭ ئىگەللىنىشى بەكمۇ مۇھىم.

ئەلۋەتتە بۇ بىر زىددىيەتلەرگە تولغان جەريان بولدى ۋە شۇنداق داۋام قىلىۋاتىدۇ. مەسىلەن، ”فىرات قالقىنى“ دا تۈركىيە ناتودىكى ئىتتىپاقدىشى بولغان ئامېرىكىدىن بەكرەك، ناتودىكى رەقىبى بولغان رۇسىيەنى يېنىدا كۆردى. بۇمۇ رۇسىيە بىلەن بولغان ئايروپىلان كرىزىسىنىڭ ”15- ئىيۇل“ ئىسيانىدىن ئۈچ ھەپتە ئىلگىرىكى كېلىشىم بىلەن ھەل قىلىنغانلىقىدىن بولدى.

بۇلاردىن باشقا، ”فىرات قالقىنى“ ھەرىكىتىگە سۈرىيە ۋە رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ھۇجۇم قىلماسلىقى ئۈچۈن تۈزۈلگەن بىر كېلىشىم، ئەلقائىدە ۋە دائىشنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان بىر ئۇرۇش توختىتىش ئەھدىنامىسىگە ۋە رۇسىيەنىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىسى ئاندرىي كارلوۋنىڭ 19- دېكابىردا ئۆلتۈرۈلۈشىگە قارىماي 23-، 24- يانۋاردىكى ئاستانە سۆھبىتىگە تەرەققىي قىلدى.

لېكىن جۇمھۇرباشكانى ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈن، يەنى 28- فېۋرالدا پاكىستانغا كېتىشتىن ئىلگىرى تەكرار ئىشارەت قىلغىنىدەك، راققا ۋە مۇنبىچ تېمىلىرى ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا جىددىي مەسىلە بولۇۋاتماقتا.

مەلۇمكى، تۈركىيە ئامېرىكىدىن ۋەدە قىلغىنى بويىچە پ ي د نى مۇنبىچتىن فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا چېكىندۈرۈشىنى، راققا ئوپىراتسىيەسىنى پ ي د بىلەن ئەمەس، تۈركىيە ۋە تۈركىيەنىڭ قوللىشىدىكى كۈچلەر بىلەن ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلماقتا. چۈنكى پ ي د / پ ك ك لارنىڭ تۈركىيە چىگراسىنى بويلاپ بىر كۇرد ئاپتونۇم رايونى قۇرۇش تەييارلىقى كۆزگە كۆرۈنمەكتە.

ئالاقىدار پۈتۈن تەرەپلەر ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ سۈرىيەدە پ ي د ياكى تۈركىيەنىڭ قايسىسى بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىق قارارىنى ساقلاۋاتقاندا، سۈرىيەدە پ ي د دىن پىيادە ئەسكەرلەر سۈپىتىدە پايدىلىنىۋاتقان ئامېرىكا ئارمىيىسى مەركىزىي قوماندانلىق شتابى (CENTCOM) رەسمىي ھالدىكى پائالىيەتلەر ئارقىلىق پ ي د گە قانداق قوراللارنى بەرگەنلىكى، پ ي د ئايال ئەسكەرلىرىنىڭ دائىش بىلەن قانداق قەھرىمانلارچە ئۇرۇشلارنى قىلغانلىقىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلماقتا. بۇ كەلگۈسىدە دەرسلىك كىتابلاردا سۆزلەنگۈدەك بىر پسىخولوگىيىلىك ئۇرۇش ئۆرنىكى بولدى.

يەنە كېلىپ، رۇسىيەمۇ يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان سۈرىيەدە بىر كۇرد ئاپتونۇم رايونى قۇرۇشنى تاللاش تۈرى سۈپىتىدە سۆھبەت ئۈستىلىگە قويماقتا.

ئىشنىڭ بىر تەرىپىدە تۈركىيەنىڭ فىرات قالقىنى ھەرىكىتىگە كىرىشىپ، سۈرىيەدىكى ئويۇننىڭ قائىدىسىنى ئۆزگەرتكەنلىكى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرى فىكرى ئىشىكنىڭ دېگىنىدەك ”سۆزىمىزنىڭ ئېتىبارغا ئېلىنىشىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى“ دەك رىئاللىق بار. ”فىرات قالقىنى“ باشلىتىلمىغان بولسا ئىدى، تۈركىيە بۈگۈنكىچىلىكمۇ ”باھا تالىشىش“ ھوقۇقىغا ئىگە بولالمايتتى.

ئىشنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە ئەردوغان ۋە ئاك پارتىيە ئۈچۈن بىر نەچچە قاباھەتلىك ئېھتىماللىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. بۇ ئېھتىماللىقلارنىڭ بەزىلىرى تۆۋەندىكىدەك:

بىرىنچىسى، رۇسىيەنىڭ بېسىمى بىلەن باشار ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ پ ي د نى قانۇنلۇق سۆھبەت شېرىكى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشى، تېررورىست ھېسابلىمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى. بۇ ئەھۋالدا ھازىر بىز كۆرۈۋاتقان خەرىتىدىكى بىر قانچە رەڭلەر ئازىيىپ، پ ي د / پ ك ك نىڭ كوبانى ۋە ئافرىن ئوبلاستلىرى ”فىرات قالقىنى“ رايونىنى جەنۇبتىن ھالەپ ئارقىلىق پۇتۈنلەي قورشاپ بىرلىشىپ كېتەلەيدۇ.

ئىككىنچىسى، ترامپنىڭ تۈركىيە تەلەپ قىلغان مۇساپىرلار ۋە ئۆكتىچىلەر ئۈچۈن قۇرۇلىدىغان ”بېخەتەر رايون“ نى تۈركىيە چىگراسىدا، ”فىرات قالقىنى“ رايونىدا ئەمەس، بەلكى جەنۇبتا، ئىئوردانىيە چىگراسىدا قۇرۇشنى قارار قىلىشى.

ئۈچىنچىسى، ترامپ تانكا، زەمبىرەك قاتارلىق ئېغىر قوراللارنى تۈركىيەنىڭ ئورنىغا ئىراق، قاتار ياكى كۈۋەيت قاتارلىق ئىتتىپاقداشلىرىغا تەمىنلەپ، ئۇلارنى راققا ھەرىكىتىگە قوشۇۋالالايدۇ ۋە تۈركىيە ئارمىيىسىنى ئامېرىكا ئارمىيىسى بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىش خەتىرىگە تاشلاپ قويۇپ، پ ي د / پ ك ك غا رەسمىي ساھىپ چىقالايدۇ. بۇ ئىشنىڭ ئەڭ يامىنىدۇر.

ئەنقەرە بۇ سەۋەبتىن CENTCOM نىڭ ئاخىرقى بىر قانچە كۈنلەردىكى ئىغۋاگەرچىلىكىگە قارىتا تېزىسنى تەكرارلاش بىلەن بولدى قىلىۋاتىدۇ ۋە ترامپنىڭ قارارىنىڭ يۇقىرىدىكى ئۈچ ئىھتىماللىقنىڭ بىرى بولۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ.

تۈركىيە ئارمىيىسى باش شىتابى ”فىرات قالقىنى ھەرىكىتى ئۇتۇقلۇق تاماملانغان بىر مەزگىلدە“ دېگەندەك ئىپادىلەرنى ئىشلەتكەنىكەن، بەلكىم يېڭى بىر باسقۇچنىڭ ئىشارىتىنى بېرىۋاتقاندۇ. ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە بۇنى چۈشىنىمىز.

تەرجىمە قىلغۇچى: ئادىل

مەنبە: http://www.hurriyet.com.tr/yazarlar/murat-yetkin/firat-kalkani-oyunu-bozdu-bozmasina-ya-40380779