20 يىل ئىلگىرىكى 28- فېۋرال ۋە بۈگۈنكى تۈركىيە

ئاپتورى: ئابدۇلقادىر سەلۋى

تۈركىيە تارىخىدا ”كېيىنكى ھازىرقى زامان (postmodern) سىياسىي ئۆزگىرىشى“ دەپ ئاتالغان، جەمئىيەت ۋە سىياسەتتە چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان 28- فېۋرالنى ئارقىمىزغا تاشلىغىلى 20 يىل بولدى. 1997- يىلى 28- فېۋرالدا نەجمەتتىن ئەرباكان ۋە تانسۇ چىللەر ھۆكۈمىتىنىڭ قوراللىق قىسىملار تەرىپىدىن ئىستىپاغا زورلىنىشى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشى ئەمەلگە ئاشتى. ”12- مارت“، ”27- ماي“ ۋە ”12- سېنتەبىر“ سىياسىي ئۆزگىرىشلىرىنىڭ ئەكسىچە، ھەربىيلەر ”28- فېۋرال“ ۋەقەسىدە ھۆكۈمەتنى بېۋاسىتە ئۆتكۈزۈۋالمىدى. بۇنىڭ ئورنىغا تاراتقۇلار ئارقىلىق بىر مەيدان ئۇرۇش ئېچىلدى. ھەربىيلەرنىڭ ھۆكۈمەتنى زورلۇق بىلەن تارقىتىۋەتمەسلىكى ”28- فېۋرال“ ۋەقەسىنىڭ ”كېيىنكى ھازىرقى زامان سىياسىي ئۆزگىرىشى“ دەپ خاتىرىلىنىشىگە يول ئاچتى. ھەربىيلەرنىڭ ئاتىشى بويىچە ”دېموكراتىيەنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تەڭشەكلىرى“ ئىشلەندى.

1997- يىلى 28- فېۋرالدا ھۆكۈمەت بىلەن ھەربىيلەر ئارىسىدىكى جىددىيلىك ئەۋجىگە چىقىۋاتقاندا، مىللىي بېخەتەرلىك كومىتېتى (MGK) ”ئىنكاس قايتۇرۇش“ تېمىسىدا يېغىن چاقىردى. بۇ يېغىن توققۇز سائەت داۋاملاشتى. مىللىي بېخەتەرلىك كومىتېتىدىكىلەر لائىكلىك (دىن بىلەن ھاكىمىيەتنى ئايرىۋېتىش) نىڭ تۈركىيەدە دېموكراتىيە ۋە قانۇننىڭ كاپالىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ھەربىي قانات 18 ماددىلىق بىر قارار تىزىملىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەڭ مۇھىم بولغان تەلەپ سەككىز يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ بولۇپ، بۇنداق بولغاندا ئىمام خاتىپ ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ تولۇقسىز قىسمى تاقىۋېتىلەتتى.

”28- فېۋرال“ MGK سى يىغىن ئېچىۋاتقاندا، چانكايا سارىيىنىڭ ئىشىكىدە خەۋەر بېرىۋاتاتتۇق. NTV نىڭ باش تارقىتىش دىرېكتورى نەرمىن يۇرتەرى بىلەن بىرلىكتە HbbTV نىڭ ئىككى ياش مۇخبىرى سۈپىتىدە ”28- فېۋرال“ قارارلىرىنى ئەڭ باشتا ئېلان قىلغانلارنىڭ بىرى ئىدۇق. چانكايانىڭ سوغۇقلىرىدا توققۇز يېرىم سائەت ئاڭلىتىش بەرگەن ئىدۇق. ”28- فېۋرال“ ۋەقەسىنى مەجلىس ئارقا سەھنىلىرىدە كۆزىتىپ تۇردۇم. مەجلىسكە قوماندانلار توپلىنىپتۇ دېگەن بىر خەۋەر ئۇچۇپ يۈرەتتى. سىياسەتچىلەرنىڭ پۇت – قوللىرى تىترەپ تۇراتتى.

”28- فېۋرال“ دىن كېيىنكى ۋاقىتلار ئىدى. ئەرباكاننى قەدەممۇ – قەدەم ئىستىپاغا ئېلىپ بارغان ”بېسىم باسقۇچى“ داۋام قىلىۋاتاتتى. 1997- يىلى 6- ئايغا كەلگەندە ھەتتا، سىياسىي ئۆزگىرىش بولغاندا خەۋەر بېرىشلىرى ئۈچۈن، خەۋەر مەركەزلىرىدە نۆۋەتچى ئەترەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇۋاتاتتى. تېلېۋىزىيە مەركەزلىرىدە سىياسىي ئۆزگىرىش خەۋەرلىرىنى تارقىتىدىغان ئەترەتلەر تەييار قىلىنىۋاتاتتى.

جۇمھۇرباشكانى دەمىرەل چانكايا سارىيىدىن، ھەربىيلەر باش شتاپتىن، گېزىتلەر سەھىپىلىرىدىن سىياسىي ئۆزگىرىش ھاۋاسىنى تارقىتىۋاتاتتى. ”28- فېۋرال“ ۋەقەسى نەق بىر ”قورقۇتۇپ ئىدارە قىلىش“ ئىدى. كېيىنچە ئىچىمىزدىكى بۇ ”ئەسكەر قورقۇنچى“ نى سۆكۈپ ئالغۇچى ئەردوغان بولدى. ”15- ئىيۇل“ ۋەقەسىدە ئۇنىڭ نەقەدەر قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆردۇق. ”15- ئىيۇل“ دا جۇمھۇرباشكانى ئەردوغاننىڭ چاقىرىقى بىلەن تانكىلارغا قارشى يۈرۈش قىلغان مىللەت قورقۇنچنى قورقۇتتى، ئۆلۈمنى ئۆلتۈردى.

ھەربىي نازارەت قۇرۇلمىسىدىكى تۈنجى بۇرۇلۇش 2007- يىلىدىكى ”27- ئاپرىل ئىنتېرنېت ئەسلەتمىسى“ گە بېرىلگەن جاۋاپ بىلەن باشلاندى. 1980- يىلىدىكى ”12- سېنتەبىر“ ۋەقەسىدىن ئىلگىرى گېنېراللار جۇمھۇرباشكانى كورۇتۈرككە ئاگاھلاندۇرۇش مەكتۇپى بەرگەن ئىدى. ئۇ چاغدا نە باشباكان دەمىرەل، نە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىنىڭ باشلىقى ئەجەۋىت نەزەرگە ئېلىنمىدى. ئاۋال مەكتۇپ، ئاندىن ”12- سېنتەبىر“ ۋەقەسى كەلدى. ئەمما ئەردوغان بۇ قېتىم ئۇنداق بولۇشىغا يول قويمىدى. سىياسىي تارىخى داربە ۋە ئەسلەتمىلەر بىلەن تولغان دۆلىتىمىزدە بىر ”تۈنجى“ بارلىققا كەلدى. ئەسلەتمىگە ئەسلەتمە بېرىلدى. ئەردوغان داربە ۋە ھەربىي نازارەت بىلەن بولغان كۈرىشىنى مىللەت بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ باردى. بۇنىڭ نەقەدەر قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ”15- ئىيۇل“ كېچىسى كۆردۇق. ئۆزى جۇمھۇرباشكانى، پارتىيىسى ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى پارتىيە بولۇشىغا قارىماي، ئۇ كېچە ئەردوغاننىڭ يېنىدا پەقەتلا مىللەت بار ئىدى.

دەمىرەل، ”تۈنۈگۈننىڭ ئاپتىپى بۈگۈننىڭ كىر – قاتلىرىنى قۇرۇتماس“ دەر ئىدى. بۇرۇنقى رەھبەرلەرنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ قارشىسىدىكى تۇرقىنى ئەيىپلىمەكچى ئەمەسمەن. ئەمما ”28- فېۋرال“ سىياسىي ئۆزگىرىشىنىڭ 20 يىللىق خاتىرە كۈنىدە ئەردوغاننىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشلەرگە قارشى كۈرەشلىرىنى تەكىتلەپ ئۆتكۈم بار. چۈنكى سىياسىي ئۆزگىرىشلەر بىلەن ئاغدۇرۇلغان نۇرغۇن رەھبەرلەرنى كۆردۇق. ئەمما سىياسىي ئۆزگىرىشنى ئاغدۇرۇۋەتكەننى ھېچ كۆرمىگەن ئىدۇق. ”مىڭ يىل داۋام قىلىدۇ“ دېيىلگەن ”28- فېۋرال“ ھالىتى 2002- يىلى 3- نويابىر سايلاملىرىدا تارىخنىڭ قاراڭغۇ بەتلىرى ئارىسىدىن ئورۇن ئالدى. ئۇ كۈنى شېئىر ئوقۇغىنى ئۈچۈن تۈرمىگە سولانغان ئەردوغان بۈگۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇمھۇرباشكانى. ئۇ كۈنى ياغلىق ئارتقانلىقى ئۈچۈن مەكتەپلەرنىڭ ئىشىكلىرىدىن كىرگۈزۈلمىگەن ياغلىقلىق قىزلار بۈگۈن ”تۈرك قوراللىق قىسىملىرى“ دا ۋەزىپە ئۆتىسە بولىدىغان بولدى. بۇ نۇقتىغا مىللەتنىڭ پاراسىتى، ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكى بىلەن كەلدۇق.

ئەردوغان پىنارھىسار تۈرمىسىگە كېتىۋاتقاندا، ”بۇ ناخشا بۇ يەردە ئاياقلاشمايدۇ“ دېگەن ئىدى. ھەقىقەتەن ئۇ ناخشا ئۇ يەردە تۈگىمىدى. ”27- ماي“ دا مەندەرەسنى دارغا ئېسىشتى. ”12- مارت“ ۋە ”12- سېنتەبىر“ سىياسىي ئۆزگىرىشلىرىدە خەلقنىڭ سايلىمى بىلەن كەلگەن رەھبەرلەر چۈشۈرۈۋېتىلدى. ”28- فېۋرال“ دا ئەرباكاننى ئاغدۇردى. ئەمما ”15- ئىيۇل“ دا ئەردوغاننى ئاغدۇرۇۋېتەلمىدى. ئىلگىرى سىياسىي ئۆزگىرىشلەر بولاتتى، ھۆكۈمەتلەر ئاغدۇرۇلاتتى، رەھبەرلەر قولغا ئېلىناتتى، ھېساپلاشما دېموكراتىك سىستېمىغا روخسەت بېرىلگەندە بېلەت ساندۇقلىرىدا ئوتتۇرىغا چىقاتتى. ئەردوغان بولسا سىياسىي ئۆزگىرىشلەرگە قارشى ئوچۇق بىر مۇجادىلە ئېلىپ باردى. ”15- ئىيۇل“ كېچىسى قانلىق بىر داربە ئۇرۇنۇشىغا قارشى ئۆلۈمگە يۈزلەنگەن ھالدا كۈرەش قىلدى ۋە غەلىبە قىلدى.

”15- ئىيۇل“ بىلەن بىرلىكتە مىللەت ھاكىمىيەتكە يېڭى بىر شەكىل بەردى. بىر پارتىيە مەزگىلى ۋە سىياسىي ئۆزگىرىشلەردە باش تېما بولۇشتىن چىقىرىۋېتىلگەن خەلق ”15- ئىيۇل“ كېچىسى تەقدىرىنى قولىغا ئالدى. بۇندىن كېيىن سىياسىي ئۆزگىرىشنى خىيال قىلغانلار خەلقنى ھېسابقا ئېلىشقا مەجبۇر. باشباكانلار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغاندا سۈكۈتتە قالغان تۈركىيە ئەمدى يىراقلاردا قالدى. جۇمھۇرباشكانلىقى سىستېمىسىغا كۆچۈش بۇ كۈرەشنىڭ مۇھىم نامايەندىلىرىنىڭ بىرى بولغۇسى. ئازابلىق كۈرەشلەر داۋامىدا ”28- فېۋرال“ دىن ئالدىمىزدىكى ”16- ئاپرىل رېفېراندۇمى“ غا كىرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز. ”16- ئاپرىل رېفېراندۇمى“ بولسا ”15- ئىيۇل“ دا مىللەتنىڭ بەرگەن قارارىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بولىدۇ.

تەرجىمە قىلغۇچى: تۇماق

مەنبە: http://www.yenisafak.com/gundem/1997nin-28-subatindan-2017nin-28-subatina-iki-farkli-tsk-aciklamasi-2621044

http://www.hurriyet.com.tr/yazarlar/abdulkadir-selvi/28-subattan-16-nisana-40379611