پ ي د بارزانىدەك بولالامدۇ؟

ئاپتورى: ۋەردا ئۆزەر

سۈرىيەدە ئالتە يىلنىڭياقى داۋام قىلىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇش بىلەن تەڭ دۆلەتنىڭ يېڭى خەرىتىسىمۇ شەكىللىنىشكە باشلىدى. يەنى كىمنىڭ قەيەرنى ئىگەللىگەنلىكى ئاستا- ئاستا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. بىر تەرەپتىن ترامپ سەۋەبلىك ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە سىياسىتى ئۆزگىرىۋاتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن سۈرىيەدە رۇسىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىز بارغانچە ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ.

بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەنقەرە ئۈچۈن مەۋجۇتلۇق مەسىلىسى بولغان پ ي د \ ي پ گ كارىدورىنى تېخىمۇ جىددىي ھالەتكە كەلتۈرۈۋاتىدۇ.

پ ي د \ ي پ گ كارىدورى

ھەممىدىن ئاۋال، پرېزىدېنت ترامپنىڭ سۈرىيە سىياسىتىگە ئالاقىدار ”ياكى پ ي د \ ي پ گ بىلەن ياكى تۈركىيە ئارمىيىسى ۋە ئەركىن سۈرىيە ئارمىيىسى بىلەن بىللە ھەرىكەت قىلىدۇ“ دەپ كۈتۈش خاتا. بەلكى ئۈچىنچى بىر تاللاشمۇ بار. ئۇ بولسىمۇ رۇسىيە ۋە ئەسەد بىلەن بىرلىكتە ئىش قىلىشتۇر. ترامپنىڭ ھەر قانداق ئەھۋالدا بۇ ئىككى ئاكتيور بىلەن بىللە ئىشلەيدىغانلىقى ئاشكارە ھەم رۇسىيە بىلەن تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق ئورنىتىدىغانلىقى ئېنىق ھەمدە ئەسەدنىڭ ئورنىدا ئۆزگىرىش بولۇشىنى خالىمايدۇ. ئەمدى ئامېرىكىنىڭ رۇسىيە ۋە ئەسەد كۈچلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشى ”پ ي د \ ي پ گ“ نىمۇ خالىسا- خالىمىسا كۈچ تەڭپۇڭلۇقىغا قاتناشتۇرىدۇ. چۈنكى ھەم موسكۋا ھەم ئەسەد ھاكىمىيىتى پ ي د بىلەن ئىشىنى ئوبدانلا پىشۇرۇۋالغاندەك قىلىدۇ.

ئاستانەدىكى سۆھبەتلەردىن كېيىن، رۇسىيە بۇ سۆھبەتلەرگە قاتناشمىغان پ ي د ۋەكىللىرىنى موسكۋادا قارشى ئالغانىدى. رۇس دىپلوماتلىرىنىڭ ئاستانەدە تارقاتقان ”سۈرىيە ئاساسىي قانۇنى“ لايىھەسىدىمۇ كۈرد ئاپتونومىيەسىدىن سۆز ئېچىلغان ئىدى. ئۇندىن باشقا پ ي د نىڭ ئەسلىدىنلا موسكۋادا بىر ئىشخانىسى بار ھەمدە رۇسىيە ”پ ك ك“ نى ۋە بۇ سەۋەبتىن ”پ ي د \ ي پ گ“ لارنى تېرور تەشكىلاتى دەپ قارىمايدۇ.

يېقىنقى بىر قانچە كۈندە چىققان خەۋەرلەردىن كۆرۈپ يەتتۇقكى، رۇسىيە پ ي د ۋە ئەسەد ئارىسىدا ئارىچىلىق قىلىۋاتىدۇ. ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۈلۈشكۈن پ ي د يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى بىلەن ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋەكىللىرى كۆرۈشتۈرۈلگەن. ئىككى تەرەپ تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيىسىنىڭ پ ي د كونتروللۇقىدىكى رايونغا قاراپ ئىلگىرىلىشىنى توختىتىش ئۈچۈن كېلىشكەن. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئەسەد بەزى رايونلاردىن چېكىنىپ چىقىدۇ.

بۇ سەۋەبلەردىن ترامپنىڭ رۇسىيە ۋە ئەسەد بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشى ”پ ي د \ ي پ گ“ نى ئېنىقلا كۈچ تەڭپۇڭلۇقىغا قوشىدۇ. بۇلاردىن باشقا ترامپنىڭ راققا ئوپىراتسىيەسىدە ”ي پ گ“ كۈچلىرىنى قوللىنىشىمۇ ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس.

ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيە

يۇقىرىدىكى ئەھۋاللار ئالدىمىزغا شۇنداق بىر رىئاللىقنى چىقىرىدۇ: ئەنقەرە ئۈچۈن مەۋجۇتلۇق مەسىلىسى بولغان سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ”پ ي د \ ي پ گ“ كۈچلىرى ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇددەتتە داۋام قىلىدىغان مەۋجۇتلۇقتۇر.

شۇڭا بۇ مەسىلىگە ئالاقىدار قىسقا مۇددەتلىك چارىلەردىن ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەگە ئۆتۈشىمىز لازىم. توغرا، فىرات قالقىنى ھەرىكىتى بىلەن پ ي د نىڭ شىمالىي سۈرىيەدىكى ئافرىن ۋە كوبانى رايونلىرىنى بىرلەشتۈرۈۋېلىشىنىڭ ئالدى ئېلىندى ۋە بۇنى داۋام قىلىش ئۈچۈن ترامپ ھۆكۈمىتىگە پەرقلىق لايىھەلەر سۇنۇلدى.

ئەمدى بۇ ھەرىكەتنىڭمۇ نېرىسىغا نەزەر سالماق، سۈرىيەدە شەكىللەنگەن يېڭى خەرىتىگە قارىتا ئورۇن تۇتماق لازىم بولۇۋاتىدۇ. ئېنىقكى، ئەنقەرەمۇ شۇنداق قىلىشقا باشلىدى.

”نيۇيورك ۋاقتى“ نىڭ ئۈلۈشكۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇمھۇرباشقانى تاييىپ ئەردوغاننىڭ باش مەسلىھەتچىسى ئىلنۇر چەۋىك، ”تۈركىيە سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا بىر كۈرد رايونىنىڭ بولۇشىنى كۆڭلىگە سىغدۇرالايدۇ“ دېگەن. يەنى ئەنقەرە فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە پ ي د نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئەمما فىراتنىڭ غەربىدىكى ئەرەبلەر كۆپ سانلىقنى ئىگەللىگەن رايونلاردا كۈرد مەۋجۇدىيىتىنى قوبۇل قىلمايدۇ.

چەۋىك تىلغا ئالغان يەنە بىر نۇقتا تېخىمۇ نازۇك. چەۋىك ”پ ي د مۇ بارزانىغا ئوخشاش بولالمامدۇ؟ بارزانىنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئاجايىپ ياخشى“ دېگەن. يەنى ئىراق كۈردىستان ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى مەسئۇد بارزانى پ ك ك بىلەن ئارىسىنى قانداق ئايرىغان بولسا، سۈرىيەلىك كۈردلارنىڭمۇ پ ك ك دىن شۇنداق يىراقلىشىشىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.

ئەمما بۇ نۇقتا بۇ مەسىلىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل بولۇشى ئۈچۈن ئاچقۇچ بولالايدۇ. ترامپ ھۆكۈمىتىمۇ ئامېرىكىنىڭ پ ك ك ۋە ي پ گ ئۈستىدىكى نوپۇزىنى ئىشلىتەلەيدۇ.

پ ي د بىلەن ي پ گ نىڭ ئارىلىقى

مەلۇمكى، ئىلگىرى ”پ ي د“ مۇستەقىل، ئايرىم بىر سىياسىي قىزىق نۇقتا ئىدى. لېكىن ”ي پ گ“ تېخىمۇ كۈچلۈك ھالغا كېلىپ، غەرب ”ي پ گ“ گە بارغانسېرى كۆپ كۆڭۈل بۆلگەندىن كېيىن، ”پ ي د“ بىر ياندا قالدى.

ئەمدى ”پ ي د“ ئۆزىنى يېڭىدىن بىر سىياسىي ئاكتيۇر سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇپ، زوراۋانلىقتىن ئۇزاقلاشسا، قايتىدىن قىزىق نۇقتا ھالىغا كېلەلەيدۇ. بۇ تەشكىلاتنى بۇ يۆنىلىشتە ئىلھاملاندۇرۇشقا بولىدۇ. بۇ ”پ ك ك“ بىلەن بولغان كۈرىشىمىزدە قولىمىزنى كۈچلەندۈرىدۇ ھەمدە سۈرىيە سىياسىتىمىزدە كەڭرى بىر مانىۋىر مەيدانى ئاچىدۇ.

شۇتاپتا ئەنقەرە ئۈچۈن يېڭى بىر پۇرسەت بار: ترامپ بىلەن سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرۇپ ”پ ي د \ ي پ گ“ نىڭ تەسىر كۈچى ۋە رولىنى ئاجىزلىتىشقا ۋە ”پ ي د“ بىلەن ”ي پ گ“ نىڭ ئارىسىنى ئايرىيدىغان بىر ئىستراتېگىيە تۈزۈپ چىقىشقا بولىدۇ.

ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن رۇسىيە ۋە ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەرگە بولغان قوللاشلىرىمىزنى ئازايتىدىغانلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەنقەرە ۋە موسكۋا ئارىسىدا بولۇۋاتقان باھا تالىشىشلاردا، ئەركىن سۈرىيە ئارمىيىسىنىڭ چەكلىك بىر رايونغا چېكىنىشىنىڭمۇ سۆھبەت تېمىلىرىدا بارلىقىنى پەرەز قىلالايمىز.

تەرجىمە قىلغۇچى: تۇماق

مەنبە: http://www.hurriyet.com.tr/yazarlar/verda-ozer/pyd-barzani-olabilir-mi-40364854

جاۋاب يېزىش