تۈركىيە ئەلبابنى باشار ئەسەدتىن بۇرۇن ئالماقچى

ئەلبابتا توقۇنۇشلار ئەۋجىگە چىقتى. دۇنيانىڭ كۆز- قۇلىقى سۈرىيەدە داۋام قىلىۋاتقان ئەلباب ئوپىراتسىيەسىدە.

ئەڭ يېقىندا كەلگەن خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەلباب تامامەن قورشىۋېلىنغان ئەھۋالدا بولۇپ، ئەتراپتىكى ھالقىلىق ئورۇنلار قولغا كىرگۈزۈلگەن.

بىر تەرەپتىن تۈركىيە قوراللىق كۈچلىرى، يەنە بىر تەرەپتىن ئەسەد كۈچلىرى ئەلبابقا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. ئىككى تەرەپتىن كېلىۋاتقان ئىلگىرىلەشلەر دائىشنى بۇلۇڭغا قىستاپ قويۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خەۋپ- خەتەرمۇ ئېشىپ بارماقتا.

تۈركىيە قوللىشىدىكى ئۆكتىچىلەردىن ئەندىشىلىك ئاگاھلاندۇرۇشلار كەلمەكتە. ”پۇل- مۇئامىلە ۋاقتى“ دا سۆز قىلغان سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەر ”ئەسەد ئەلبابقا تۈركىيەدىن بۇرۇن كىرسە، بۇ بىر بالايىئاپەت بولىدۇ“ دەپ ئاگاھلاندۇردى.

كالىن: رۇسىيە بىلەن كۆرۈشۈۋاتىمىز

تۈركىيە جۇمھۇرباشقانلىقى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن تۈنۈگۈن بىۋاسىتە ئاڭلىتىشتا بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئەلباب شەھەر ئىچىدە ئىكەنلىكىنى، ئەسەد كۈچلىرى بىلەن قارشىلىشىپ قالماسلىق ئۈچۈن، رۇسىيە بىلەن كۆرۈشۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيە قوراللىق كۈچلىرى قوللىشىدىكى ئەركىن سۈرىيە ئارمىيىسى ئەلباب مەركىزىدىن 6.2 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئەسەد ھۆكۈمىتى كۈچلىرىگە قارشى تەدبىر قوللىنىپ، ئالدىنقى كۈنى ھالەپ – ئەلباب يولىنى كەستى.

تۈركىيە ئەلبابنى ئاۋال ئالسا نوپۇزى ئاشىدۇ

دائىشنىڭ ئەلبابتا تۈركىيە باشچىلىقىدىكى كۈچلەرگە يېڭىلىشى، ئۆكتىچىلەر ئۈچۈن بىر بىخەتەر رايون قۇرغان تۈركىيەنىڭ شىمالىي سۈرىيەدىكى نوپۇزىنى ئاشۇرىدىغانلىقى تەكىتلىنىۋاتىدۇ.

تەرجىمە قىلغۇچى: تۇماق

مەنبە: http://www.haber7.com/guncel/haber/2254975-kritik-saatler-esed-girerse-felaket-olur

جاۋاب يېزىش