يەمەندە 12 مىليون ئادەم ئاچلىقتىن ئۆلگىلىۋاتىدۇ

2015- يىلى مارتتا ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغاندىن بېرى، يەمەن خەلقىنىڭ كۈلپەتلىرى كۈنساناپ ئېغىرلاشتى. ب د ت ئىككى يىلغا يېقىن ئۇرۇش نەتىجىسىدە ئاچلىق تەھدىتى ئاستىدا قالغان يەمەندە 12 مىليون كىشىنىڭ جىددىي ئىنسانىي ئېھتىياجلىرىنىڭ قاندۇرۇلۇشى ئۈچۈن 2.1 مىليارد دوللارلىق ياردەم چاقىرىقى چىقاردى.

ب د ت نىڭ ئىنسانىي ياردەم ئىشلىرىغا مەسئۇل باش كاتىپ ياردەمچىسى ۋە جىددىي ئەھۋاللار ماسلاشتۇرغۇچىسى ستېفىن ئوبرەين ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خەلقئارالىق قوللاش بولمىغان ئەھۋالدا مىليونلىغان يەمەنلىكلەرنىڭ بۇ يىل ئاچارچىلىق ئىچىدە قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئوبرەين يەمەننىڭ دۇنيادىكى يىمەكلىك كرىزىسى ئەڭ ئېغىر دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ”7.3 مىليون كىشى كېيىنكى قېتىملىق تامىقىنىڭ نەدىن كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. جىددى تەدبىرلەر ئېلىنمىغاندا، 2017 دە ئاچارچىلىق رىئال بىر ئىشقا ئايلىنىدۇ“ دېدى.

ئۆتكەن يىلى ب د ت نىڭ 5.6 مىليون كىشىگە ياردەم يەتكۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئوبرەين، 2017 دە تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ياردەم يەتكۈزۈشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى، يەمەندە داۋام قىلىۋاتقان ئۇرۇش ۋە بومباردىمانغا قارىماي، پۇقرالارغا ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئوبرەين مۇستەقىل ۋە بىتەرەپ ئىنسانىي ياردەملەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن، جىددىي بىر فوندىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ”بۇ سەۋەبتىن 12 مىليون كىشىگە ياردىمى تېگىدىغان 2.1 مىليارد دوللارلىق ياردەم چاقىرىقى چىقىرىۋاتىمىز“ دېدى.

ب د ت نىڭ يەمەندىكى ئىنسانىي ياردەم ماسلاشتۇرغۇچىسى جەيمىي ماكگولدرىكمۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر يىمەكلىك قىسچىلىقىنىڭ يەمەندە يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ”يەمەننىڭ ئەھۋالى ئېچىنىشلىق ۋە تېز يامانلىشىۋاتىدۇ“ دەپ باھا بەردى.

ماكگولدرىك يەمەندىكى 2.1 مىليون ئۆسمۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 3.3 مىليون كىشىگە ئېغىر دەرىجىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمەيۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ب د ت ئىنسانىي ياردەم ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، يەمەن نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنى تەشكىل قىلىدىغان 18.8 مىليون كىشى ئىنسانىي ياردەمگە ئېھتىياجلىقكەن. دۆلەتتە 2015- يىلى مارتتا پارتلىغان ئۇرۇشنىڭ زەربىسىدە تەخمىنەن 10 مىليون كىشى يىمەكلىك، سۇ، تىببىي ياردەم ۋە قوغدىنىشقا ”جىددىي ئېھتىياجلىق“ بولۇۋېتىپتۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋىلليام سپىندلېر تۈنۈگۈن جەنۋەدە بەرگەن باياناتىدا، يەمەندە ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان تەخمىنەن 7100 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 44 مىڭ كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، ئىككى مىليون كىشىنىڭ مۇساپىرغا ئايلانغانلىقىنى ۋە بۇ دۆلەتتە 19 مىليونغا يېقىن كىشىنىڭ ئىنسانىي ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

 

تەرجىمە قىلغۇچى: ئادىل

مەنبە: http://www.yenisafak.com/dunya/bmden-yemen-icin-21-milyar-dolarlik-yardim-cagrisi-2609975

جاۋاب يېزىش