يېڭى ئۆيلەنگەن تۈرك ئەسكىرى ئەلبابتا شېھىت بولدى

تۈرك قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئەلبابتا داۋام قىلىۋاتقان فىرات قالقىنى ھەرىكىتىدە، بۈگۈن دائىش تېررورىستلىرى بىلەن بولغان توقۇنۇشتا ئىككى ئەسكەر شېھىت بولدى، 15 ئەسكەر يىنىك يارىلاندى. سەپدىشى يەھيا ئەفىلئوغلۇ بىلەن بىللە شېھىت بولغان سېرژانت گۆكخان قىلىچنىڭ ئۈچ ئاي ئىلگىرى توي قىلغانلىقى ۋە ئۈچ كۈن ئىلگىرى رۇخسەتتىن قايتىپ قىسىمغا قوشۇلغانلىقى ئېنىقلاندى.

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تېرورلۇق نىشانلىرىغا قارىتا داۋام قىلىۋاتقان فىرات قالقىنى ھەرىكىتىدىكى توقۇنۇشتا شېھىت بولغان سېرژانت گۆكخان قىلىچنىڭ شاھادەت خەۋىرى ئادانادىكى دادىسىنىڭ ئۆيىگە يەتكۈزۈلدى.

تۆت يىلغا يېقىن سېرژانت سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن 25 ياشلىق گۆكخان قىلىچنىڭ مەركەز يۈرەگىر شەھىرى سارىشام مەھەللىسىدە ياشايدىغان ئائىلىسىگە دائىرىلەر تەرىپىدىن قايغۇلۇق خەۋەر يەتكۈزۈلگەندە، خەۋەرنى ئاڭلىغان شېھىتنىڭ دادىسى مەھمەت ۋە ئانىسى فاتما قىلىچ ناھايىتى قايغۇردى. ئۆزىنى يوقىتىپ قويغان دادىغا 112 جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترىتى چاقىرىلدى.

ئۈچ ئاي ئىلگىرى ئۆيلەنگەن گۆكخان قىلىچنىڭ ئاتا- ئانىسى تۇرۇشلۇق كوچىغا تۈرك بايراقلىرى ئېسىلدى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى تەزىيە چىدىرى قۇردى.

تەرجىمە قىلغۇچى: تۇماق

مەنبە: http://www.yenisafak.com/gundem/el-bab-sehidi-3-ay-once-evlenmis-2609912#cxrecs_s

جاۋاب يېزىش