سۈرىيەدىكى 13 مىڭ كىشىلىك قەتلىئام ئاشكارىلاندى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى سۈرىيەدىكى بىر يوشۇرۇن تۈرمىدە كۆپىنچىسى ئۆكتىچىلەرنى قوللايدىغان پۇقرالاردىن تەشكىل تاپقان 13 مىڭ ئەتراپىدىكى كىشىنىڭ قەتلى قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئىنسان ھەقلىرى ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ يېڭى دوكلاتىدا، 2011- يىلى سىنتەبىردىن 2015- يىلى نويابىرغىچە سايدنايا تۈرمىسىدە ھەر بىر ھەپتىدە ئوپچە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كەچۈرۈم تەشكىلاتى تىلغا ئېلىنغان ئۆلۈم جازالىرىنىڭ سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن تەستىقلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۈرىيە ھۆكۈمىتى جىنايەتچى ياكى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارغا ناچار مۇئامىلە قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى گەپ- سۆزلەرنى يالغانغا چىقىرىپ كېلىۋاتقان ئىدى.

كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلات ئۈچۈن ئارىسىدا گۈندىپاي، تۇتۇلغانلار ۋە تۈرمە خىزمەتچىلىرىمۇ بولغان 84 كىشى بىلەن يۈزتۇرانە سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئاساسلانغاندا، ھەر ھەپتىسى، ئاز بىر قىسىم ۋاقىتلاردا ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم 20 دىن 50 كىچە كىشى پۈتۈنلەي يۇشۇرۇن ھالدا، دەمەشقنىڭ شىمالىدىكى تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى: ئۇرۇش جىنايىتى ھېسابلىنىدۇ

دوكلاتتا، ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئالدىدا، تۇتۇلغانلارنىڭ بىر مىنۇتتىن ئۈچ مىنۇتقىچە داۋاملىشىدىغان ”ھەربىي سوت“ لارغا چىقىرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا ئىپادىسى ئېلىنغان بىر سابىق ھەربىي سوتچى ”تۇتۇلغانلاردىن يۈز بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر جىنايەتنى سادىر قىلغان- قىلمىغانلىقى سورالغانلىقى ۋە ”ھەئە“ دېسىمۇ، ”ياق“ دېسىمۇ ئوخشاشلا جازالانغانلىقىنى تىلغا ئالدى. مەزكۇر سوتچى ”بۇ سوتلارنىڭ قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكى بىلەن بىر ئالاقىسى بولمىغانلىقى“ نى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ”ئۇرۇش جىنايىتى“ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يانۋارنىڭ باشلىرىدا بۇ ئىشلارغا ئالاقىدار سۈرىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، ئەمما جاۋاب ئالالمىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

تەرجىمە قىلغۇچى: ئادىل

مەنبە: http://www.haber7.com/ortadogu/haber/2254140-af-orgutunden-kan-donduran-suriye-iddiasi

جاۋاب يېزىش