سەئۇدىنىڭ پايتەختى رىيادقا باشقۇرۇلىدىغان بومبا چۈشتى

ئىران يادرو كېلىشىمىگە قارشى تۇرىدىغان يېڭى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىشقا چۈشكەندىن بۇيان، يەمەندىكى ئىچكى ئۇرۇش بارغانسىرى ئەۋجىگە چىقتى. يەمەندىكى ھۇسى قوراللىقلىرى بۈگۈن ئىراندا ئىشلەنگەن ”سكود“ سىنارەتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادقا ھۇجۇم قىلدى. ”ساباھ“ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ھۇسى باياناتچىسىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ھۇجۇمنىڭ بىر قېتىملىق ئۇتۇقلۇق بولغان ”دەل تېگىدىغان، ئۇزۇن مۇساپىلىق باللىستىك سىنارەد سىنىقى“ بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

پايتەخت رىياد تىگىش دائىرىسى ئىچىدە

ھۇسىلارنىڭ باياناتىدا، ”شۇنى بىلدۈرۈشنى خالايمىزكى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى ئەمدى سىنارەدلىرىمىزنىڭ تېگىش دائىرىسى ئىچىدىدۇر ۋە ئاللاھ خالىسا بۇنىڭ داۋامى تېخىمۇ زور بولىدۇ.“ دېيىلدى. بۇ ھۇجۇم سەئۇدى تۇپراقلىرىدا بىر ھەپتە ئىچىدە قىلىنغان ئىككىنچى قېتىملىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ھۇجۇمى بولدى. سەئۇدى دائىرىلىرى ھەربىي لاگىرنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى يالغانغا چىقاردى. سەئۇدى مۇداپىئە مىنىستىرى مۇھەممەد بىن سالمان ھۇجۇم سائەتلىرىدە يەمەن پرېزىدېنتى ھادى بىلەن كۆرۈشۈۋاتاتتى.

بىرىنچى نومۇرلۇق تېررور قوللىغۇچىسى

بۇ يېڭى ھۇجۇم ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىگە قارشى تۇرىدىغان دونالد ترامپ باشچىلىقىدىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراننى بىرىنچى نومۇرلۇق تېرور يۆلەنچۈكى دەپ ئېلان قېلىشىدىن كېيىن بولدى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ فوكس خەۋەرلىرى تېلېۋىزىيەسىدە تارقىتىلغان يۈزتۇرانە سۆھبەتتە ”ئىران بىرىنچى نومۇرلۇق تېررورچى دۆلەتتۇر، ھەر تەرەپكە پۇل ۋە قورال ئەۋەتىدۇ.“ دېگەندەك ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

زۇكار ئارىلى بوركان- 1 بىلەن ئۇرۇلدى

ھۇسىلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا بولغان ھۇجۇملىرى ئەدەب كېتىۋاتىدۇ. 31- يانۋاردا قىزىل دېڭىز زۇكار ئارىلىدىكى سەئۇدى – ئەرەب بىرلەشمە ئەمىرلىكى ھەربىي بازىسىغا سكود سىنارىتىدىن ئۆزگەرتىپ ياسالغان بوركان- 1 سىنارەتى بىلەن قىلىنغان ھۇجۇمدا بىرلەشمە ئارمىيەدىن 80 ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد مەككە ئاسمىنىدىن ئۇچۇپ ئۆتتى

ئۆتكەن يىل نويابىردا، ھۇسىلارغا تەۋە بىر باللىستىك سىنارەد مەككە ئاسمىنىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، جىددە شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغانىدى. يەمەندىن كۆتۈرۈلگەن سىنارەد مەككىگە 65 كىلومېتىر يىراقلىقتا بىرلەشمە ئارمىيە تەرىپىدىن توسۇپ قېلىنغان ئىدى.

قورال ياراغ ئامبىرى ئاشكارىلاندى

يەكشەنبە كۈنى يۇتيۇبقا يۈكلەنگەن بىر ۋىدېئودا، يەر ئاستىدا ساقلانغان نۇرغۇن ھۇسى سىنارەدلىرى ئاشكارىلانغان ئىدى. ھۇسىلارنىڭ يەمەندىكى توپىلاڭ جەريانىدا قولغا كىرگۈزگەن ”سكود“ سىنارەدلىرى ئىرانلىق ئېنژىنىرلار تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلىپ، ”بوركان- 1“ دەپ ئاتالدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئىران فارس ئاگېنتلىقى ھۇسىلارنىڭ ئىراندا ياسالغان ”زىلزال- 2“ باللىستىك سىنارەدلىرى بىلەن 4- فىۋرالدا پايتەخت ساناغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى.

تەرجىمە قىلغۇچى: ئادىل

مەنبە: http://www.haber7.com/dunya/haber/2254131-sarabistanin-baskenti-riyada-fuzeli-saldiri

جاۋاب يېزىش