ترامپنىڭ ئەلپازى دۇنيانى قورقۇتتى

ئامېرىكىنىڭ يېڭى پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ پرېزىدېنتلىق تەختىگە ئولتۇرغىنىغا ئەمدىلا ئىككى ھەپتە بولغان بولسىمۇ، نۇرغۇن كىشىلەرگە نەچچە ئايلار ئۆتكەندەك بىلىنىپ كەتتى. مېكسىكا چىگراسىغا تام سوقۇش، ئامېرىكىغا مەبلەغ سالمىغان ئامېرىكا شىركەتلەرگە تۋىتتېردا خرىس قىلىش، جۇڭگو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى شىركەتلىرىنىڭ ماللىرىغا 55 پىرسەنتكە يېتىدىغان تاموژنا بىجى تەھدىتى ۋە كۆچمەنلەرنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلەش قاتارلىقلار يېڭى پرېزىدېنتنىڭ ئىككى ھەپتىلىك ئىجرائاتلىرىنىڭ ئىچىدىكى بىر قانچىسى.

ھازىر دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشىلەر شۇنى سوراۋاتىدۇ: ترامپ پرېزىدېنتلىق قىلىدىغان تۆت يىلدىن قانداق ئاتلاپ ئۆتىمىز؟

2021- يىلىدىكى دۇنيانى ئالدىن پەرەز قىلىش ئاسان ئەمەس. ئەمما ترامپنىڭ نۆۋەتتىكى ئىجرائاتلىرى ئەسلىدە كەلگۈسىدە قىلىدىغان ئىشلىرىنىڭ قىسقارتىلمىسىدۇر. نۇرغۇن ئىنكاسلاردا مەسىلىنىڭ ترامپ بىلەن چەكلەنمەيدىغانلىقى، ئۇنىڭ چېكىپ تۇرۇپ تاللىغان مىنىستىرلىرىنىڭمۇ يوشۇرۇن قاباھەتلىك ئادەملەر ئىكەنلىكى تەكىتلىنىۋاتىدۇ.

بىر قىسىم ئەقىل ئامبىرى ئورگانلىرى ترامپ باشچىلىقىدا دۇنيانىڭ كەلگۈسى تۆت يىلدا قانداق ئۆزگىرىدىغانلىقى تېمىسىدا بەزى سىنارىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ سىنارىيەلەرنىڭ ھەممىسى يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ سودا ئۇرۇشىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. دۇنيا بانكىسى، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى، ب د ت ۋە ناتوغا ئوخشاش غەرب دۆلەتلىرى قۇرغان ئورگانلارمۇ بەك ئۇزۇن سۈرەلمەيدىغان بۇ مەزگىلدە، يېڭى دۇنيا تەرتىپىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. ئەمما ئورتاق قاراش شۇكى، دۇنيانىڭ قالغان قىسمىدىكىلەرمۇ ترامپ بىلەن ئوخشاش سەنەمگە دەسسىسە، رايونلۇق توقۇنۇشلارنىڭ چوڭ ئۇرۇشلارغا ئايلىنىش خەتىرى ئېشىپ كېتىدۇ.

بىرىنچى سىنارىيە

2021- يىلى دۇنيا مىقياسىدا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىشىنىش ئومۇميۈزلۈك يوقاپ كېتىدۇ. ئۆزئارا تىجارەت ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشىدۇ. دۆلەتلەر ئۆز چىگرالىرىنىڭ ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش دەۋرىگە قايتىدۇ. پۇل پاخاللىقى تېز ئاشىدۇ.

ئىككىنچى سىنارىيە

ئامېرىكا مېكسىكىغا قوللانغان ئۇسۇلىنى جۇڭگو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغىمۇ قوللىنىشقا باشلىغاندا سودا ئۇرۇشى پارتلايدۇ. پرىۋوت نىسبىتىگە ئارىلىشىش مەركىزىي بانكىلارنىڭ ئەركىنلىكىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ.

ئۈچىنچى سىنارىيە

ناتو، ب د ت، دۇنيا سودا تەشكىلاتى، خەلقئارا پۇل فوندى قاتارلىق ئورگانلار كېرەكسىز ھالغا كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن، خەلقئارا سودا ۋە سىياسەت قانۇنلىرى بۈگۈنكىدىنمۇ مۇجمەل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ.

تەرجىمە قىلغۇچى: ئادىل

مەنبە: http://www.haber7.com/amerika/haber/2253739-trumpin-icraatlari-korkuttu

جاۋاب يېزىش