قەيسەرىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرغان ھەقسىز مۇلازىمەت گۇرۇپپىسى زورايماقتا

«پىدائىيلار ھەقسىز مۇلازىمەت گۇرۇپپىسى»

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قېرىنداشلارغا سەمىمىي سالام يوللايدۇ.

اللەقا ھەمد-سانالار بولسۇنكى؛ “ دۇنيادا بىر قېرىندىشىنىڭ بىر قىيىنچىلىقىنى ئاسانلاشتۇرغانلارنىڭ، ئاخىرەتتىكى بىر قىيىنچىلىقى اللە تەرىپىدىن ئاسانلاشتۇرۇلىدىغانلىقى“دەك ئىلاھىي بېشارەتكە ئىشەنگەن قېرىنداشلار بىرلىشىپ، 2015-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا باشلىغان ”ۋاقتى، كۈچى ۋە ھۈنىرى بولغان ياردەم سۆيەرلەرنىڭ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلاردا ياردەمگە مۇھتاج بولغانلارغا خالىس ياردەم بېرىش“تەك ھەقسىز خىزمەتلىرىمىز، اللەنىڭ فەزلى-مەرھەممىتى بىلەن تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا قارىماي داۋام قىلىپ، ئەتراپتىكى نۇرغۇن قېرىنداشلارنىڭ مۈشكۈللىرىنى ئاسانلاشتۇردى ۋە ساۋاپلاردىن نەسىۋىدار قىلدى.

اللەقا شۈكۈرلەر بولسۇن. قەيسەرى شەھىرىدە باشلانغان بۇ خىزمىتىمىزنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشىشى، باشقا يەرلەردىمۇ كېڭىيىشى، بىز ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىلھام ۋە مەدەت بولدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ ساھەدە ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتلەردە بىزلەرنى قوللىغان قېرىنداشلارغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز ۋە سەمىمىي سالام يوللايمىز.

بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى؛ ئۇيغۇرلار ئىيمانىغا سادىق؛ ئىسلامىدا مۇستەھكەم؛ ئاق-كۆڭۈل، سەمىمىي ۋە ياردەمپەرۋەر بىر مىللەتتۇر. بىز بۇ كىچىككىنە خىزمىتىمىزنىڭ بىز ئۈچۈن ئىككى دۇنيالىق سائادەتلەرگە ۋەسىلە بولۇپ قىلىشىنى جانابىي اللەتىن تىلەش بىلەن بىرگە، تۈرلۈك ئېھتىياج ساھىپلىرىنىڭ بىزگە ئىشىنىشىنى؛ ئىمكانى يار بەرگەن دوستلارنىڭمۇ بوش ۋاقتى ۋە پەزىلەتلىرىنى سەرپ قىلىپ، بىز بىلەن بىرگە ”مۈشكىلاتلىرىنى اللە ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىلىدىغانلار“دىن بولۇشقا دەۋەت قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن:  پىدائىيلار ھەقسىز مۇلازىمەت گۇرۇپىسى

ئالاقىلىشىش نومۇرى: 05380639668

 

ئورنى: تۈركىيە كايسەرى

 

تۈركچىسى:

Yardım sever hizmet gurubu    dünyanın dört bir yanındaki   kardeşlere samimi selamlarını iletiyor.

Allahu Tealaya hamd olsun

“ Kim ki dünyada sıkıntıya düşene yardım ederse Allah da ona ahirette yardım eder“ gibi ilahi işaretlere inanan kardeşler birleşerek, 2015 yılın sonlarında başlanan “ vakti, gücü ve mesleği olan yardım severlerin , sıkıntıları olanlara, yardıma muhtaç olanlara Allah rızası için yardım etmek gibi hizmetimiz, Allahın fazli ve merhameti ile bütün zorluklara rağmen edilerek, etraftaki bir çok kardeşlerimizin sıkıntılarını çözmekte ve sevaplara vesile olmaktadır.

Allah’a şükürler olsun ki Kayseri şehrinde başlanan bu hizmetimiz dünyanın farklı yerlerinde yaşayan kardeşlerimizin destekleriyle bir çok yerde gerçekleşerek bizi her zaman motive etmektedir.

Dolaysıyla bu sahada maddi ve manen bizim yanımızda olan kardeşlerimize teşekkürlerimizi sunuyoruz ve yürekten selamlıyoruz .

Biz inanıyoruz ki Uygurlar imanına ve İslam’a sadık, temiz kalpli, sıcak kanlı ve yardım sever bir millettir.

Biz bu azıcık hizmetimizin bizim için iki dünyada da saadete vesile olmasını cenabı Hak’tan dileriz ve her türlü ihtiyaç sahiplerinin bize güvencesini isteriz, imkanı olan arkadaşların da bizim saflarımızda yer almalarını temenni etmekle beraber , tüm sıkıntılarına Allahu teala yardım edenlerden olmaya davet ediyoruz.

Tel: 05380639668

جاۋاب يېزىش