سۈرىيەدە بۈيۈك بىرلەشمە: ئەلنۇسرا تەھرىرشامغا قوشۇلدى

تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ قارالغانلىقى ئۈچۈن ئاستانەدىكى ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىگە قاتناشتۇرۇلمىغان ئەلنۇسرا ئۆزىدىن ۋاز كېچىپ، نۇرىددىن زەنگى ھەرىكىتى، ئەنسارۇددىن تۇگايى، سۈننەت ئارمىيەسى ۋە لىۋائەلھەق لەر بىر يەرگە كېلىپ قۇرغان تەھرىرشامغا قوشۇلدى. بۇ ئالتە يىل داۋاملاشقان سۈرىيە ئۇرۇشىدىكى ئەڭ بۈيۈك بىرلەشمىدۇر.

سۈرىيەدە ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ گۇرۇپپىلار بىرلىشىش قارارىنى ئالدى. ئون مىڭلارچە جەڭچىلىرى بولغان بەش چوڭ ئۆكتىچى گۇرۇپپا بىلەن بەزى كىچىك ئەترەتلەر ئۆزلىرىدىن ۋاز كېچىپ،  «ھەيئەتى تەھرىر شام» نامى ئاستىدا قۇرۇلغان ئانا تەشكىلاتقا قوشۇلدى.

ئۆزلىرىدىن ۋاز كەچكەن تەشكىلاتلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ دىققەتنى تارتقىنى ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىنىڭ قاتمال نۇقتىسى بولغان جەبھەتۇن فەتھەششامدۇر. تېخى يېقىندىلا ئىسمى ئەلنۇسرا بولغان ۋە ئەلقايدە بىلەن ئورگانىك مۇناسىۋىتى بولغان بۇ تەشكىلات، 2016- يىلى ئىيۇلدا ئەلقايدەدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئىسمىنى جەبھەتۇن فەتھەششامغا ئۆزگەرتكەنىدى. ئەمما يەنىلا تېررورىست دەپ قارالغان بۇ تەشكىلات 31- دىكابىردا ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلغان ئىدى.

تەجرىبىلىك شەخس باش قوماندان بولدى

2011- يىلدىن بۇيان شىددەتلىك ئۇرۇشلار داۋام قىلىۋاتقان سۈرىيەدە بۇ قېتىم بىرلەشكەن چوڭ گۇرۇپپىلار – جەبھەتۇن فەتھەششام يەنى شام فەتىھ فرونتى، نۇرىددىن زەنگى ھەرىكىتى، سۈننەت ئارمىيەسى، ئەنسارۇددىن فرونتى ۋە لىۋائەلھەق قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. يەنە بىر تەرەپتىن فەتىھ ئارمىيەسىنىڭ قازىسى ئابدۇللاھ مۇھەيسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش نوپۇزلۇق ئۆلىمامۇ يېڭى قۇرۇلغان تەشكىلاتقا قوشۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ھەيئەتى تەھرىرشامنىڭ قوماندانلىقىنى بىر مەزگىل سۇرىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى گۇرۇپپىسى بولغان ئەھرارۇششامنىڭ باش قوماندانلىقىنى قىلغان ئەبۇ جەبىر ئۆز ئۈستىگە ئالدى. بۇ ئالتە يىلغا يېقىن داۋام قىلغان ئۇرۇشتىكى گۇرۇپپىلارنىڭ ئەڭ چوڭ بىرلىشىشى دەپ قارىلىۋاتىدۇ.

توقۇنۇش يۈز بەرمەي قۇرۇلدى

«ھەيئەتى تەھرىر شام» – سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى ھەلەپنى قولدىن بېرىپ قويۇپ، پسىخىكىلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك مەغلۇبىيەتكە چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن، قولغا كەلتۈرگەن ئەڭ ياخشى نەتىجە سۈپىتىدە باھالىنىۋاتىدۇ. ھەلەپنى قولدىن بېرىپ قويغاندىن كېيىن، ئۆكتىچىلەر ئارىسىدا بىرلىشىش سۆھبەتلىرى باشلانغان. ئەمما ئەنقەرەدىكى ياراشتۇرۇش سۆھبىتى ۋە ئارقىدىنلا ئەمەلگە ئاشقان ئاستانە سۆھبىتى ھەر قايسى گۇرۇپپىلارنى ئۆزئارا ئۇرۇشۇش گىردابىغا ئېلىپ كەلگەنىدى.

ھەيئەتى تەھرىر شام

شۇكۇرۇششام بىلەن ئەھرارۇششام تەشكىلاتلىرى ھەر قايسى گۇرۇپپىلار ئارىسىدىكى جىددىيچىلىكنىڭ بىر تەرىپىنى تەشكىل قىلغاچقا، ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ بەزى تارماقلىرى ئەلنۇسرانىڭ ئۆزلىرىنى جايلىۋېتىشىدىن قورقۇپ، ئەھرارۇششامغا قوشۇلۇشنى قارار قىلغانىدى. بۇ ئىشلاردىن كېيىن ئەھرارۇششام بىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارغا مەركىزىي باش شتاپ قۇرۇش، مەركىزىي ئەدلىيە ئىتتىپاقى قۇرۇش ۋە ئالىي مەسلىھەت كومىتېتى تەشكىل قىلىش ھەققىدە چاقىرىق قىلدى. ئەمما ئەھرارۇششامنىڭ بۇ تەلىپىگە چوڭ گۇرۇپپىلار ئاۋاز قوشمىدى. بۇ چاقىرىقتىن بىر كۈن كېيىنلا، بەش چوڭ گۇرۇپپىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن  «ھەيئەتى تەھرىر شام» ئېلان قىلىندى.

تەرجىمە قىلغۇچى: ئادىل

مەنبە: http://m.yenisafak.com/dunya/suriyede-tarihi-birlesme-2604586

جاۋاب يېزىش