سوت مەھكىمىسى ترامپنىڭ قارارىنى توختىتىپ قويدى

ئامېرىكا نيۇيورك فىدىراتسىيە سوت مەھكىمىسى يەتتە مۇسۇلمان دۆلىتى پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلىگەن پرېزىدېنت قارارىنى ۋاقىتلىق توختىتىپ، ئايرودرومدا قولغا ئېلىنغانلارنى چىگرىدىن چىقىرىۋەتمەسلىكنى قارار قىلدى.

نيۇيورك فىدىراتسىيە سوت مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا، فىدىراتسىيە سوتچىسى ئەن دوننېلىي، چىگرىدىن چىقىرىۋېتىش قارارىنىڭ ”ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان بىر زىيان“ غا سەۋەب بولۇپ قالىدىغانلىقى سەۋەبلىك، ئامېرىكىغا كىرىشىگە چەكلىمە قويۇلغان دۆلەتلەر پۇقرالىرىنىڭ ۋاقتىنچە ئامېرىكىدا قېلىشى ھەققىدە قارار ئالدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىمزالىغان، سۈرىيەلىك كۆچمەنلەرنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى توختىتىپ قويغان ۋە ئىراق، ئىران، سۈرىيە، سۇدان، لىۋىيە، سومالى ۋە يەمەن پۇقرالىرىنىڭ بۇ دۆلەتكە كىرىشىنى چەكلىگەن قارارنامىنىڭ جۈمە كۈنى كۈچكە ئىگە بولۇشىدىن كېيىن، نيۇيوركتىكى جون كېننىدى ئايرودرومىدا ئىككى ئىراق پۇقراسى قولغا ئېلىنىپ، بۇنىڭغا قارىتا ئامېرىكا دۆلەت ئىچى ئەركىنلىك ئىتتىپاقىنىڭ ئادۋوكاتلىرى قولغا ئېلىنغان ئىراق پۇقرالىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ۋە ترامپنىڭ كۆچمەنلەر ۋە بەزى مۇسۇلمان دۆلەت پۇقرالىرىغا ئالاقىدار قارارىنىڭ توختىتىلىشى ئۈچۈن داۋا ئاچقان ئىدى.

تەرجىمە قىلغۇچى: تۇماق

مەنبە: http://www.ensonhaber.com/federal-mahkeme-trumpin-gocmen-kararini-askiya-aldi-2017-01-29.html

جاۋاب يېزىش