سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى جەڭگى – جىدەل ئىچىدە داۋام قىلماقتا

رايوننىڭ تەقدىرى ئايرىم ئىككى ئۆيدە شەكىللىنىۋاتىدۇ

سۈرىيە ئۇرۇشىنىڭ ئاياقلىشىشى ئۈچۈن ئۈمىد تۇغدۇرغان ئاستانە سۆھبىتى تۈنۈگۈن باشلاندى. ئۆكتىچىلەر بىلەن سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ھەيئەتلەر قارىمۇ – قارشى ئولتۇرمىدى. سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان رىكسوس مېھمانخانىسىدىكى بىر ئۆي ئۆكتىچى ھەيئەتلەرگە، يەنە بىرسى ھۆكۈمەت ھەيئەتلىرىگە ئاجرىتىلدى. ئۆكتىچىلەر تۇرغان ئۆيدە كېپىل بولغۇچى دۆلەت تۈركىيەنىڭ ۋەكىللىرى، ھۆكۈمەت ھەيئەتلىرى تۇرغان ئۆيدە رۇس ۋەكىللىرى موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇردى.

سۈرىيەدىكى توقۇنۇشلارنى توختىتىش مەقسىتىدە، ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار، ئەسەد ھاكىمىيىتى، تۈركىيە، رۇسىيە، ئىران ۋە ئامېرىكىنىڭ قېتىلىشى بىلەن قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانەدىكى يىغىلىش باشلاندى. سۆھبەتلەر تۈركىيە ۋاقتى سائەت 11:00 دە باشلىنىپ، 24 سائەت داۋاملىشىدىغان مۇزاكىرىلەردىن كېيىن بۈگۈن ئوخشاش ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئېلىنىدىغان قارارلارنىڭ تەپسىلاتى كۈتۈلۈۋاتاتتى. ئەمما بەزى ئىنكاسلارغا قارىغاندا، سۆھبەتلەر بۈگۈن ئاخشامغا قەدەر ياكى يەنە بىر نەچچە كۈن داۋاملىشىشى مۇمكىنكەن. ئاستانەدىكى سۆھبەتلەردە تۈنجى قېتىم ھەر قايسى گۇرۇپپىلارنىڭ رايوندىكى ئۇرۇشۇۋاتقان ۋەكىللىرى ئورۇن ئالدى ۋە ھەر قايسى تەرەپلەر تۈنجى قېتىم بىر ئۈستەلگە كەلدى. يۇمىلاق بىر ئۈستەلنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇرغان بارلىق گۇرۇپپىلارنىڭ ئالدىدىكى كارتىلارغا يېزىلغان ”سۈرىيە ئەرەب جۇمھۇرىيىتى“ دېگەن خەت دىققەتنى تارتتى.

قاتناشقۇچىلارنىڭ دائىرىسى كەڭرى بولدى

ئۆكتىچىلەرنىڭ نامىدا، ئىسلام ئارمىيىسى رەھبەرلىرىدىن مۇھەممەد ئاللۇشنىڭ باشچىلىقىدا 14 كىشىلىك ھەيئەت سۆھبەت ئۈستىلىگە كەلدى. ھەيئەتتە شام كورپۇسى (فەيلاكۇش شام)، ئىززەت ئارمىيىسى (جەيشۇل ئىززا)، زەپەر ئارمىيىسى (جەيشۇل ناسىر)، ئىسلام شەھىتلىرى (شۇھەدا ئەلئىسلام)، مۇجاھىتلار ئارمىيىسى (جەيشۇل مۇجاھىدىن)، بىرىنجى ساھىل پولكى، شام ئەسكەرلىرى (ئەجنادۇل شام)، فەستاكىم ئىتتىپاقى (تەجەممۇ فەستاكىم)، سۇلتان مۇرات تۇگايى، شام فرونتى (ئەججەبھە ئەششامىيە)، ئەركىن ئىدلىب ئارمىيىسى (جەيشۇل ئىدلىب ئەلھۇر)، ئىسلام ئارمىيىسى (جەيشۇل ئىسلام)، جەنۇب فرونتى (ئەججەبھە ئەججەنۇبىيە) ۋەكىللىرى ئورۇن ئالدى.

تۈركىيەنىڭ سايىسىدە

ئاستانەگە كەلگەن، ئەمما يىغىلىشقا قېتىلمىغان تەخمىنەن 40 كىشىلىك مەسلىھەتچىلەر گۇرۇپپىسى ھەيئەتلەرگە ئارقا تەرەپتىن ياردەم بەردى. مۇزاكىرىلەردە ئەسەد ھاكىمىيىتى نامىدا سۈرىيەنىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى بەشار ئەلجافەرى ئورۇن ئالدى. مۇھەممەد ئاللۇش بىلەن بەشار ئەلجافەرى ئاخىرقى قېتىم 2016- يىلى ئاپرىلدا جەنۋە ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت ھىمايىسىدىكى تىنچلىق سۆھبەتلىرىدىن كېيىن يەنە بىر ئۈستەلگە كەلگەن بولدى. دىكابىرنىڭ ئاخىرىدىن بۈگۈنگىچە بولغان جەرياندا ئاستانە سۆھبىتىنى بايقۇت قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغان ئۆكتىچىلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە بۇ قېتىمغا سۆھبەتكە قېتىلىشى تۈركىيە يۈرگۈزگەن سەبىرلىك ۋە تەسىر كۈچىگە ئىگە خىزمەتلەرنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

موكا دىپلوماتىيىسى

ئېچىلىش يېغىلىشىدا بىر ئۈستەلگە كەلگەن تەرەپلەر ئارىسىدىكى سۆھبەتلەر كېيىنكى قېتىملاردا ۋاسىتىلىك شەكىلدە داۋام قىلدى. موكا دىپلوماتىيىسى يەنە بىر قېتىم ئىشقا سېلىندى. ئۆكتىچىلەر بىلەن ھاكىمىيەت تەرەپدارلىرى مۇزاكىرىلەرنى يۈزمۇ – يۈز ئېلىپ بارمايۋاتىدۇ. رىكسوس مېھمانخانىسىدا ئەمەلگە ئاشقان سۆھبەتلەردە بىر ئۆي ئۆكتىچىلەرگە، يەنە بىر ئۆي ھاكىمىيەت ۋەكىللىرىگە ئاجرىتىلدى. ئۆكتىچىلەر بىلەن بىرلىكتە سۆھبەتكە قېتىلغان تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى سەدات ئۆنال باشچىلىقىدىكى تۈرك ھەيئىتى ئۆكتىچىلەرنىڭ تەلەپلىرىنى ئېلىپ، ھاكىمىيەت ۋەكىللىرى تۇرغان ئۆيدىكى يەنە بىر كېپىل بولغۇچى دۆلەت رۇسىيەنىڭ ھەيئىتىگە سۇنۇۋاتىدۇ. رۇس دائىرىلىرى بولسا بۇ تەلەپلەرنى ھاكىمىيەت ۋەكىللىرىگە يەتكۈزۈۋاتىدۇ.

تېررورىست جىددىيچىلىكى

ئاستانىدە بىر ياندىن سۆھبەتلەر داۋام قىلسا، يەنە بىر ياندىن نەتىجە باياناتى ئۈستىدىكى خىزمەتلەرمۇ باشلاندى. ئەمما مۇزاكىرە باسقۇچىدىكى باياناتلارنىڭ ”ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشى ۋە نازارەت قىلىنىشى ئۈچۈن ئۈچلۈك مىخانىزىم قۇرۇش، سۈرىيەدە ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار ۋە ھاكىمىيەتنىڭ تېررورغا قارشى ئۇرۇش قىلىشى ۋە بۇ دائىرىدە دائىش بىلەن ئەلنۇسرانىڭ باشقا گۇرۇپپىلاردىن ئايرىلىشى“ قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئاستانەدە تېررورىست گۇرۇپپىلارنى ئۆكتىچىلەردىن ئايرىش مۇزاكىرىسى ”تېررورىست“ ھەققىدىكى تالاش – تارتىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۆكتىچىلەر ھەيئىتىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد ئاللۇش ”سۈرىيەدىكى ئىرانپەرەس ھەربىيلەر ۋە ي پ گ كۈچلىرى تېررورىستلار تىزىملىكىگە ئېلىنىشى كېرەك“ دېگەندە، ھاكىمىيەت ۋەكىلى بەششار جافەرىمۇ ئۆكتىچىلەرنى تېررورىست دەپ سۈپەتلىدى. پات – پات ئۆرلەپ تۇرغان جىددىيچىلىك تۈركىيە ۋە رۇسىيە ۋەكىللىرى تەرىپىدىن توختىتىلدى. رۇسىيە تەرەپنىڭ ئاستانەدە ئۆكتىچىلەر بىلەن ھاكىمىيەت تەرەپدارلىرىنىڭ بىۋاسىتە كۆرۈشۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

قان تۆكۈشنى توختىتىمىز

ئۆكتىچىلەر ھەيئىتىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد ئاللۇش ئېچىلىش يىغىلىشىدا سۆزگە چىقىپ: ”سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش ئەمەلگە ئاشمىغان ھالەتتە باشقا ئىشلارنى تارتىشمايمىز“ دېدى. ئاستانەگە سۈرىيەدىكى قان شارقىراتمىسىنى توختاتماق ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى سۆزلىدى. ئاللۇش ئىران تىزگىنى ئاستىدىكى ھەربىي كۈچلەرنىڭ ۋەھشىلىكتە دائىشتىن پەرقسىز ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ھۆكۈمەت تۈرمىلىرىدە 13 مىڭ ئايالنىڭ گۇناھسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئاللۇش تۇتۇلغانلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى. سۆزىدە ب د ت نى تەنقىتلىگەن ئاللۇش ب د ت ۋەكىلى دې مىستۇرانىڭ ئۆزىگە ”ب د ت دەرايياغا بۇۋاقلار يىمەكلىكى ئەۋەتىشكىمۇ ئاجىز“ دېگەنلىكىنى يەتكۈزدى. ئاللۇش يەنە پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى ئۇزارتىلمىسى بولغان ي پ گ نىڭمۇ تېررورچى تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئاللۇش ”قاتىللار يا سىياسىي يول بىلەن ياكى ئۇرۇش يولى بىلەن بەرىبىر يوقىلىدۇ. بىز ھەر ئىككىسى ئۈچۈن تەييار“ دېدى.

رۇسىيەدىن ئەسەدكە ئاگاھلاندۇرۇش

رۇسىيە ئەسەد كۈچلىرىدىن سۈرىيەدىكى ئۇرۇش توختىتىشقا رىئايە قىلىشنى تەلەپ قىلدى. رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ئۇرۇش توختىتىشنى نازارەت قىلىش مەركىزىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارنىڭ رىئانوۋوستى ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا ھۆكۈمەت كۈچلىرىنىڭ قەرەللىك ھالدا ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىشلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئىسمى ئاشكارىلانمىغان بىر رۇس ئەمەلدارى ھۆكۈمەت كۈچلىرىگە بەزى قوماندانلىرىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلىش كېرەكلىكىنى ”قاتتىق بىر شەكىلدە“ ئەسكەرتكەنلىكىنى يەتكۈزدى. سۈرىيەدە تۈركىيە ۋە رۇسىيەنىڭ كېپىللىكىدىكى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن نازارەت قىلىنغانلىقىنى بايان قىلغان باياناتتا، كۈندە ئوتتۇرا ھېسابتا ئالتە قېتىم خىلاپلىق ئېنىقلاپ چىققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىرىنچى كۈنتەرتىپ – ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش

سۆھبەتلەردە ئالدى بىلەن 30- دىكابىردا تۈركىيە ۋە رۇسىيەنىڭ كېپىللىكىدە ئېلان قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىشتىن كېيىنكى خىلاپلىق قىلىشلار ئۈستەلگە قويۇلدى. ئۇرۇش توختىتىشتىن كېيىنكى خىلاپلىقلار تۈركىيە ۋە رۇسىيە تەرىپىدىن دوكلاتقا ئېلىنغان ئىدى. بۇ خىلاپلىقلارنىڭ زور كۆپ قىسمىنىڭ ئەسەد ئارمىيىسى ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدىكى گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن سادىر قىلىنغانلىقى كۆرسىتىلگەن ئىدى. ئاستانە يىغىنىدا ئۆكتىچى كۈچلەر، باشار ئەسەد ئارمىيىسى ۋە ھۆكۈمەتنى قوللايدىغان چەتئەللىك گۇرۇپپىلارنىڭ خىلاپلىقلىرى ئورنى خەرىتىدە ئىشارەتلەنگەن بىر دوكلات شەكلىدە يىغىنغا قاتناشقان تەرەپلەرگە سۇنۇلدى. خىلاپلىقلارنىڭ توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئۆكتىچىلەر ئەسەد ئارمىيىسى ۋە ئىران قوللىشىدىكى ھىزبۇللاھنىڭ ئۇرۇش توختىتىش ئېلانىدىن كېيىن پايتەخت دەمەشىقنىڭ شەرقىدىكى گۇتا رايونى بىلەن غەربىي سەھراسىدىكى بارادا ۋادىسىدا قولغا كەلتۈرگەن رايونلاردىن چېكىنىپ چىقىشىنى تەلەپ قىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئاستانەدە ھەر قايسى تەرەپلەر بىر يەرگە كەلگەن چاغدا، ئەسەد ھۆكۈمىتى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىشقا يەنە بىر قېتىم خىلاپلىق قىلدى. ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك قەدەملەر ئېلىنغاندىن كېيىن، ئۈستەلگە قويۇلۇشى تەلەپ قىلىنغان يەنە بىر تېما ئىشەنچنى ئاشۇرىدىغان تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە بۇ دائىرىدە ئالدى بىلەن دەمەشق ۋە ھۇمۇستا ھۆكۈمەتنىڭ قورشاۋى ئاستىدا ئىنسانىي كرىزىس چوڭقۇرلاشقان نۇرغۇن رايونلارغا ئىنسانىي كارىدورلارنىڭ ئېچىلىشى بولدى. ئۆكتىچىلەرنىڭ تەلەپلىرىنىڭ ئارىسىدا يەنە ھۆكۈمەت تۈرمىلىرىدىكى مىڭلارچە سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىمۇ ئورۇن ئالدى.

تەرجىمە قىلغۇچى: تۇماق

مەنبە: http://www.yenisafak.com/gundem/bolgenin-kaderi-iki-odada-sekilleniyor-2601491

جاۋاب يېزىش