يېڭى يىل كېچىسىنى قانغا بويىغان ھۇجۇمچى تۇتۇلدى

يېڭى يىل كېچىسى رەئىناغا ھۇجۇم قىلغان تېررورىست ئابدۇلقادىر ماشارىپۇۋ ئىستانبۇل ئەسەنيۇرتتا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق ھەرىكەتتە ئوغلى بىلەن بىرلىكتە قولغا چۈشتى. ماشارىپۇۋ 31- دېكابىر كېچىسى يېڭى يىل كىرگەندىن بىر نەچچە سائەت كېيىن، قولىغا قورال ئېلىپ رەئىناغا كىرگەن ۋە نەچچە ئون كىشىنىڭ جېنىنى ئالغاندىن كېيىن، غايىب بولغان. 17 كۈندىن بۇيان ئىستانبۇلنىڭ ھەممە يېرىدە ئىزدىلىۋاتقان تېررورىست ساقچى ئەترىتىنىڭ ئېلىپ بارغان ھەرىكىتىدە قولغا چۈشۈرۈلدى. تېررورىست ماشارىپۇۋنىڭ قىرغىز ئاغىنىسىنىڭ ئۆيىدىن تېپىلغانلىقى ئېنىقلاندى. بۇلار بىلەن بىللە قولغا ئېلىنغان بەش كىشىنىڭ ئۈچى مىسىر، سېنېگال ۋە سومالى تەۋەلىكىدىكى ئاياللار ئىكەنلىكى، گۇماندارلارنىڭ مال سېتىۋېلىش ۋە ئورۇن يۆتكىلىشتە گۇمان قوزغىماسلىق ئۈچۈن قارا كىيىملىك ئاياللار سىياقىغا كىرىۋالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

تەرجىمە قىلغۇچى: ئادىل

مەنبە: http://www.cnnturk.com/turkiye/yilbasini-kana-bulayan-reina-saldirgani-yakalandi

جاۋاب يېزىش