بۈيۈك ئادا

بۈيۈك ئادا چوڭ ئارال دېگەنلىك بولۇپ، ئىستانبۇلدىكى ئەڭ گۈزەل ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. لالەلى ترامۋاي بېكىتىدىن (ياكى بۇ ترامۋاينىڭ خالىغان بىر بېكىتىدىن) ترامۋايغا ئولتۇرۇپ، ئاخىرقى بېكەت كاباتاشتا چۈشىسىز. ئاندىن يېقىن ئەتراپتىكى بىلەت سېتىش ئورنىدىن بېلەت سېتىۋالغاندىن كېيىن (باھاسى يەتتە لىرا ئەتراپىدا) پاراخوتقا ئولتۇرۇپ، بىرەر سائەتتەك ماڭغاندىن كېيىن بۈيۈك ئاداغا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. 70 لىراغا خادىك (پەيتون سىياقىدىكى ئات ھارۋىسى) كىرالاپ ئارالنى بىر قۇر ئايلىنىپ بولغاندىن كېيىن، دېڭىز بويىدىكى ئازادىرەك بىر تاماقخانىغا كىرىپ غىزالانسىڭىز بولىدۇ.


جاۋاب يېزىش