تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت رۇخسىتى چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

تۈركىيەدىكى بىر قىسىم مۇناسىۋەتلىك پىداكار كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، 2017-يىلى 13- يانۋار كۈنى تۈركىيە خىزمەت ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى (چالىشما ۋە سوسيال گۈۋەنلىك باكانلىغى) تۈركىيە تەۋەسىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت رۇخسىتى چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. بۇ تۈركىيەدىكى ئىش ئورۇنلىرىدا قاچاق ئىشلەپ، شىركەت سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمەن بولالمايۋاتقانلار ۋە خىزمەت رۇخسىتى (چالىشما ئىزنى)  بولمىغانلىقى سەۋەبلىك تۈرك شىركەتلىرىدە ئىشلەش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن بىر چوڭ خۇشخەۋەر ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرەپتىن رەسمىي يازما ئۇقتۇرۇش چۈشكەندە ئەھۋالنىڭ تەپسىلاتىنى داۋاملىق خەۋەر قىلىمىز.

جاۋاب يېزىش