تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى ئەھرارۇششامنىڭ زېمىن ۋە قوراللىرىنى ئىگەللىد

ئاپتورى: سەلىم ئۆمەر

تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى سۈرىيەنىڭ لازىقىيەدىكى تۈركىيە بىلەن چىگرىلىنىدىغان ئىستىراتىگىيەلىك ئورۇنلارنى ئەھرارۇششامنىڭ قولىدىن تارتىۋالدى. پارتىيەگە يېقىن كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئەھرارۇششامنىڭ قولىدىكى قورال – ياراقلارنىمۇ تارتىۋالغان.

ئالدىنقى ھەپتە، ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن مۇھاجىرلاردىن تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى (شەرقىي تۈركىستان) گە بەيئەت قىلغان بىر گۇرۇپپا، تۈركىيەگە يېقىن دەيمۇس ئېگىزلىكىدىكى  بىناغا ھۇجۇم قىلىپ تارتىۋالغان. بۇ گورۇھتىكىلەرنىڭ ھەممىسى بۇرۇن ”جۇندۇلئەقسا“ ھەرىكىتىنىڭ ئەزالىرى بولۇپ، ئۇلار بۇ ھۇجۇمدا ئەھرارۇششام ئەزالىرىدىن تۆتنى ئۆلتۈرۈپ، بۇ بىنادىكى بارلىق قۇرال ياراق ۋە ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىنى ئولجا ئالغان.

سۈرىيەلىك ئانالىزچى مۇھەممەد خەير ”arabi21.com“ تورىغا مۇنداق دېدى: بۇ ئاسىيالىقلار ئېگەللىگەن بىنادا ئالاقە ئۈسكۈنىلىرى بار بولۇپ، ئارىسىدا ئەھرارۇششامدىن باشقا، رايوندىكى يەرلىك گۇرۇپپىلارنىڭمۇ ئۈسكۈنىلىرى بار“.
بۇ رايوندا دەۋرىيلىك ئۈسكۈنە ئاسراشقا مەسئۇل كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بۇ بىناغا ئەھرارۇششامنىڭ تەلىپى بويىچە ئۈسكۈنە تەكشۈرۈش ئۈچۈن بارغان. لېكىن ئۇ بارغاندا ئۆزى بىكەتكەن ئۈسكۈنىلەرنىڭ يوقلىقىنى بايقىغان.

يەنە بىر تەرەپتىن ، ئەھرارۇششامنىڭ سۈرىيە ساھىلى مەسئۇلى ئەبۇ ئىسلامنىڭ مېدىيادا ئاشكارىلىشىچە، بۇ تۇنجى قېتىملىق ۋەقە ئەمەس ئىكەن. تۈركىستان پارتىيەسىدىكى نامالۇم بىر مەنبەنىڭ ئاشكارىلىشىچە بۇ قېتىمقى ھەرىكەت ئەھرارۇششامنى باش ئەگدۈرۈشنى مەقسەت قىلدىكەن. ئۇنىڭ دېىشىچە بۇ ئىشقا تەييار تۇرغان نۇرغۇن ئەزالار بار بولۇپ، سۈرىيەدە بىتەرەپ تۇرۇشقا كۈچەۋاتقان تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى رەھبەرلىرىمۇ بۇ ئېقىمغا ئامالسىز ئىكەن.

ئىدلىپ يېزىلىرىدىن سەلقىندىكى كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، پارتىيە ئەزالىرىدىن بىر قىسىم كىشىلەر تەھرىرۇششامغا ماسلىشىپ سەلقىننى ئېگەللەش جېڭىگە قاتناشقان . ئەھرارۇششام بىلەن قانلىق توقۇنۇشتىن كېيىن ئۇلارنى قوغلاپ، ئىدلىپنىڭ ھەممە يېرى تەھرىرۇششامنىڭ قولىغا ئۆتكەن..

نەتىجىدە تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى ئىدلىپتا ئىككىنچى چوڭ كۈچ بولۇپ قالغان. لېكىن بۇ پارتىيە ئۆز ئىچىدە بۇرۇنقى نۇسرە فرونتىغا(ھازىرقى تەھرىرۇششام) مايىللار بىلەن، يەرلىك ھەرىكەتلەرگە مايىل ئىككى ئېقىم ئارىسىدا قالغان ئىكەن. شۇڭلاشقا بۇ پارتىيە يېقىندا يۈزبەرگەن ۋەقەلەرگە قارىتا ھازىرغىچە رەسمى بايانات ئېلان قىلمىغان. شۇنداقتىمۇ، بۇ پارتىيە ئىچىدىكى مۆتىدىل ئېقىم دەپ قارالغانلار تەھرىرۇششامغا مايىل ئېقىمنىڭ يېقىندا يۈز بەرگەن كىرزىسقا ئارىلىشىپ قېلىشىنى توسۇپ قالالمىغان.  بۇلاردىن نۇسرەنىڭ بۇرۇنقى قازىسى ئەبۇ ئۆمەر تۇنىسى، ئۇيغۇر قوماندان ”جۇندۇللا“ قاتارلىقلار بار. گەرچە پارتىيە ئىچىدە ئىككى ئېقىم شەكىللەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىككىلىسى سۈرىيە ھاكىمىيىتىگە قارشى ئۇرۇشتا يەنىلا تەھرىرۇششامنىڭ يېنىدا تۇرىدۇ.

بۇ پارتىيە ئەزالىرى ئىچىدە يەنە ياۋرۇپادىن كەلگەن ئونلىغان ئەزا بار. ئۇلاردىن باشقا ئۆزبەكلەر، ئۆمەر ئومسۇن باشچىلىقىدىكى فرانسىيەلىكلەر، بوسنالىقلار، چىچەنلەرمۇ بار. لېكىن بۇلار يېقىنقى كىرزىسقا ئارىلاشمىغان ئىكەن..

تەرجىمە قىلغۇچى: ئۆچمەس
مەنبە: http://arabi21.com/story/1024612/%D8%A7%D9%84%D8%AA%D8%B1%D9%83%D8%B3%D8%AA%D8%A7%D9%86%D9%8A-%D9%8A%D8%B3%D9%8A%D8%B7%D8%B1-%D8%B9%D9%84%D9%89-%D9%85%D9%88%D8%A7%D9%82%D8%B9-%D9%84%D8%A3%D8%AD%D8%B1%D8%A7%D8%B1-%D8%A7%D9%84%D8%B4%D8%A7%D9%85-%D9%88%D9%8A%D8%B5%D8%A7%D8%AF%D8%B1-%D8%B3%D9%84%D8%A7%D8%AD%D9%87%D8%A7

تۈركىيە ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى سودىلىشىش

ئاپتورى: ھۈسەيىن ئابدۇلئەزىز

ئۆتكەن بىر قانچە يىل جەريانىدا، تۈركىيە روسىيە ۋە ئامېرىكىدىن مۇستەقىل ھالدا، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئۆز ئالدىغا ھەربى ھەرىكەت ئېلىپ بارالمىدى. فىرات قالقىنىدا شۇنداق بولدى، يېقىندا تەييارلىق قىلىنىۋاتقان فىرات قىلىچىدىمۇ شۇنداق بولىدۇ.

ئۆتكەن ئىككى يىلدا، ھەلەپنىڭ شەرقى شىمالغا جايلاشقان مىنبىجنىڭ ئەكسىچە، ھەلەپنىڭ غەربىگە جايلاشقان ئىفرىن شەھرى تۈركىيەنىڭ ھەربى نىشانلىرى تىزىملىكدە ئەمەس ئىدى.

تۈركىيەنىڭ مەقسىتى باشتىن ئاياغ ئىفرىن كانتونى بىلەن كوبانى كانتونىنى ئايرىۋېتىش ئىدى. لېكىن فىرات قالقىنى بۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي ئاياغلاشتى. چۈنكى كۇرتلار مىنبىج ۋە ھەلەپنىڭ شىمالىدىكى رايۇنلارنى ئىگەللىۋالغان ئىدى.

ئامېرىكا تۈركىيەنى رەققەگە يېقىن كەلتۈرمىگەندىن كېيىن تۈركىيە نارازى بولدى. تۈركىيەنى رازى قىلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا كۈرت كۈچلىرى ئىگەللىۋالغان تىل رىفئەت،مىڭ، ماير،تىل جەبىن،مەئرىستالخان،ھەردەنتىن، شەيخ ئىسا قاتارلىق كىچىك رايۇنلارنى تۈركىيە قوللايدىغان ئۆكتىچى كۈچلەرگە ئېلىپ بېرىشنى تەكلىۋىنى سۇندى. لېكىن جىددىيلىكنى پەسەيتىش رايۇنلىرى پىلانىدىن كېيىن بۇ تەكلىپ ئىشى بېسىقىپ قالدى.

قارىغاندا ئامېرىكا، بۇ يۇرتلارنى تۈركىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغاندەك قىلاتتى. چۈنكى جىددىيلىكنى پەسەيتىش پىلانى بوىيچە، ھەلەپ رايۇنلىرى تۈركىيەنىڭ نوپۇزىدا بولاتتى. بۇنداق بولغاندا، تۈركىيە ئىدلپىتىن ھەلەپنىڭ شىمالىنى كېسىپ ئۆتۈپ جەرابلۇسقا تۇتاشقان كەڭرى بىر رايۇنغا مەسئۇل بولاتتى.

بۇنداق بولغاندا، تۈركلەر خېلى كۆپ رايۇندا ھەربى نوپۇزغا ئېگە بولۇپ قالاتتى – دە، ئامېركىنىڭ سۈرىيەنىڭ شمالىدىكى پىلانلىرىنى بۇزۇپ قوياتتى.

قىزىقارلىقى، جىددىيلىكنى پەسەيتىش پىلانى كۈرتلەرنىڭ ئىگەللەپ تۇرغان شىمالى رايۇنلاردىن تۈركلەرنى توسۇپ قويدى.. لېكىن ئەينى ۋاقىتتا ئىفرىننىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بەردى. بۇ رايۇن ئامېرىكىنىڭ ئەمەس، بەلكى ئىفرىندىن باشقا، ھەلەپ رايۇنىدا ئەسكىرى كۈچى بولمىغان روسىيەنىڭ نوپۇزى ئاستىدا ئىدى.

ئالدىنقى ئايدىكى تۈركىيە ھۇجۇمىدىن كېيىن، دىققەت ئىفرىنگە بۇرالدى.  لېكىن بۇ شەھەرنىڭ مەسىلىسى يالغۇز تۈرك-كۇرت مەسىلىسىدىن ھالقىپ كەتكەن. بۇرۇنقى فىرات قالقىنى ھەرىكىتى، ھەلەپ مەسىلىسدە كېلىشىشنىڭ نەتىجىسى بولغان بولسا، كېلەركى فىرات قىلىچى ھەرىكىتى، ئىدلىپ ھەققىدە تۈزىلىدىغان كېلىشىشنىڭ نەتىجىسىگە باغلىق بولىدۇ. شۇڭلاشقا تۈركىيەنىڭ فىرات قىلىچى پىلانى، ئامېرىكا بىلەن روسىيەنىڭ پۈتۈشىشىگە ساقلاپ كېچىكىپ كەتتى.

ھازىرچە فىرات قىلىچىنىڭ دائىرىسىنى مۆلچەرلەش تەس. كۈرت كۈچلىرى ئىگەللىۋالغان ئىفرىندىن ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدۇ. چۈنكى ئىفرىن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا دېڭىزغا چىقىشىدىكى ئىستىراتىگىيەلىك ئورۇن. كۇرت ئاپتۇنۇمىيەسى فىدراتىپ پىلانىنىڭ باياناتچىسى ھەدايا يۈسۈپ ئككى ئاي بۇرۇن بۇ فىدىراتسىيەنىڭ ئاخىرقىنى نىشانىنىڭ، ئوتتۇرا دېڭىزغا يول ئېچىش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان ئىدى.

شۇ سەۋەپتىن،PYD رەھبەرلىرى ، روسىيە بىلەن ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ ھەربى ھەركىىنى توختاتمىسا، ئىفرىننى سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىمىز دەپ تەھدىت سالدى. بۇ ئەمەلىىيەتتە ئامېركىنىڭ روسىيە- تۈركىيە كېلىشىمىنى بۇزۇشى ئۈچۈن قىلغان بېسىم ئىدى.

لېكىن ئامېرىكىنىڭ پوزىتسىيەسى تېخىچە نامەلۇم. مىنبىجدىكىدەك ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ئەۋەتىپ، تۈركىيەنىڭ ئالدىنى توسامدۇ؟ ياكى شەھەرنى سۈرىيەگە ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىپ، ھەممە تەرەپنى تەڭ رازى قىلىدىغان بىر كېلشىمنى ئوتتۇرغا قويامدۇ؟

قانداقلا بولمىسۇن، شىمالدا تۈركىيەنىڭ قولىغا بېرىلىدىغان بىر رايۇن بار. بۇ، ئىدلپىنى ئىگەللەشنىڭ ۋە تەھرىرۇششامنى تۈركلەرنىڭ قولى بىلەن تازىلاشنىڭ بەدىلى بولىدۇ. بۇنداق بىر بەدەلنى تۈركىىيە ئىستىراتىگىيەلىك چوڭ بىر پايدىغا ئېرىشمەي تۇرۇپ تۆلىمەيدۇ.

خۇلاسىدە ئۈچ خىل ئېھتىماللىق بار : ئىفرىن، ياكى فىرات قالقىنى رايۇنىنىڭ غەربى، ياكى ئىدلىپ. قايسىسىنىڭ مۇقىمدىلىشى رايۇندىكى ۋە خەلقئارالىق كۈچلەرنىڭ ئارىسىدىكى كېلىشىشكە باغلىق.

روسىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىستىراتىگىيەلىك ئارقا ھويلىسى بولغان رايۇنلاردا، تۈركىيەگە يول قۇيۇشتىن ئىككى نىشانى بار. بىرى روسىيە- تۈركىيە ئىتتىپاقىنى ساقلاپ قېلىش، چۈنكى روسىيەنىڭ جىددىيلىكنى پەسەيتىش رايۇنلىرى پىلانى تۈركىيەسىز مەغلۇپ بولىدۇ. ئىككىنچىسى روسىيە كەلگۈسىدىكى كېلىشىملەردە، تۈركىيەنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە  ئامېرىكىدىن يىراقلاشتۇرماقچى.

بۇنىڭ قارشىسىدا، ئامېرىكا تۈركىيە مەنپەئەتلىرىگە زىيانكەشلىك قىلغۇچى بولۇپ كۆرۈنگىسى يوق. تۈركىيەنى روسىىيەگە يالغۇز تاشلاپ بەرگۈسىمۇ يوق. چۈنكى بۇنداق قىلىش كەلگۈسىدە ئامېرىكا مەنپەئەتىگە زىيانلىق . بولۇپمۇ سۈرىيەدە دائىشنى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن. بۇ چاغدا ئامېرىكا، كۈرت كۈچلىرىدىن بەكراق تۈركىيەگە ھاجىتى چۈشىدۇ.

مۇشۇنداق قىلىپ سۈرىيەنىڭ غەربى شىمالى ھەرخىل كۈچلەر ئارىسىدا سودىلىشىش ئوبىكتى بولۇپ قالدى. ئىدلىپ، ئەڭ ئاخىرقى ئىتتىپاقنىڭ ئىستىرىلكىسىنىڭ قايسى تەرەپكە قارايدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ.

تەرجىمە قىلغۇچى: ئۆچمەس

مەنبە: http://arabi21.com/story/1022722/%D8%AA%D8%B1%D9%83%D9%8A%D8%A7-%D9%88%D9%84%D8%B9%D8%A8%D8%A9-%D8%A7%D9%84%D9%85%D8%B3%D8%A7%D9%88%D9%85%D8%A7%D8%AA-%D9%81%D9%8A-%D8%A7%D9%84%D8%B4%D9%85%D8%A7%D9%84-%D8%A7%D9%84%D8%B3%D9%88%D8%B1%D9%8A

ئوتتۇرا شەرقتە قانلىق يېڭى بىر دەۋر: گېرمانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى دائى

ئىراق ۋە سۈرىيەدە مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، يېقىن ئارىدا دائىش تارىخقا ئايلىنىدۇ، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئوتتۇرا شەرقتە تىنچىلق ئەمەلگە ئاشماسلىقى مۇمكىن، سۈرىيە كىرزىسى ھەم ئاخىرلاشمايدۇ. ئەمما – 1998 دىن 2005 كىچە گېرمانىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مېنىستىرى بولغان  يوشكا فىشىر يازغان ماقالىگە ئاساسلانغاندا – بۇ رايۇندا قانلىق يېڭى بىر دەۋىر باشلىنىدۇ. بۇ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېىن ئوسمانلى ئىمپراتورلىقى پارچىلىنىپ، بۇ رايۇندا مەيدانغا كەلگەن قالايمىقانچىلىقتىن قېلىشمايدۇ..

Euronews تور بېكىتىدا نەشىر قىلىنغان، يوشكا فىشىرنىڭ بۇ ماقالىسىدە دېيىلىشىچە، رايۇندىكى زوراۋانلىق ۋە قانلىق توقۇنۇشلار داۋاملىشىدۇ، رايۇن ھاكىمىيەتلىرى ئۆز ئىچىدە بۇ توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىپ، تىنچلىق بەرپا قىلالمايدۇ .

بۇنىڭدا غەرپ ۋە سايكس بىكو بىگۇناھ ئەمەس

ئىراق ئىستىلاسىغا قارشى تۇرغان يوشكا فىشىر دەيدۇ : ئوتتۇرا شەرقتە بولىۋاتقان كۈلپەتلەردىن غەرپنى ئاقلاپ بولغىلى بولمايدۇ . ئۇ بۇ يەردە، بۈيۈك بىرىتانىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ ئوسمانلى ئىمپراتورلىقىنىڭ زېمىنلىرىنى بۆلۈشكەن سايكىس پىكو كېلىشىمنامىسىگە ئىشارەت قىلغان بولۇپ، 1916. يىلى مەخپى ھالدا تۈزۈلۈپ يۈرگۈزۈلگەن بۇ پىلان ھازىرمۇ ئەرەب دىيارىدا خۇددى تۈنۈگۈن يېڭىدىن تۈزۈلگەندەك نەپرەت قوزغىماقتا..
بۇ يەردە يەنە، چار روسىيەنىڭ ئوينىغان رولىنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىق كېېرەك . ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئۇنىڭ ۋارىسى بولغا سوۋىتلەر ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭ رەقىبى بولغان ئامېرىكا، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا بۇ رايۇنغا ئۈزۈكسىز ئارىلىشىپ كەلدى.

ئامېرىكا بۇ قالايمىقانچىلىقنىڭ ئەڭ چوڭ جاۋاپكارى

گېرمانىيەدە 20 يىلغا يېقىن ھاكىمىيەت تۇتقان يېشىل گېرمانىيە پارتىيەسى قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى ولغان يوشكا فىشىر يەنە مۇنداق دەپ يازدى  :ئامېرىكا بۇ رايۇندىكى قالايمىقانچىلىق ۋە كىرزىسنىڭ ئەڭ چوڭ جاۋاپكارى ۋە ئىشتىراكچىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ ئارىلىشىشىنڭ تۈپ سەۋەپلىرىدىن بىرى بولسا، بۇ رايۇندىكى نېفىتقا بولغان ئېھتىياجىدۇر. لېكىن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا سودا مەنپەئەتىدىن تىزلا غەرپكە قارشى، سوۋىتكە مايىل ھاكىمىيەتلەرنىڭ چىقىشىنى ئالدى ئىستىراتىگىيەسىگە ئۆزگەردى.
ئاندىن ئامرىكىنىڭ بۇ رايۇندىكى تەسرى ئىسرائلىيە بىلەن بولغان زىچ ھەمكارلىقى ئاستىدا تېخىمۇ مۇستەھكەملەشتى.  ئەڭ ئاخىرىدا بولسا قولتۇق رايۇنىدا ئىككى قېتىملىق ساددامغا قارىش يۈرگۈزۈلگەن ئۇرۇش ئارقىلىق نوقتىلاندى.
ئۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان پاتقاقلىقىدا قېلىشىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە زور تەسىرى بولدى. 80. يىللاردا سوۋىتلەر ئىستىلاسىغا قارىشى ھەرىكەتلەر ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ياردىمى ئاستىدا جىھاد قىلدى.  ئامېرىكىنىڭ يېقىن ئىككى ئىتتىپاقدىشى بولغان پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ئىستىراتىگىيەلىك تەھدىتكە دۇچ كەلدى. بۇ 11. سىنتەبىردىن كېيىن تېخىمۇ روشەنلەشتى. چۈنكى ھۇجۇمغا قاتناشقان 19 كىشىنىڭ 15ى سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقراسى ئىدى. پاكىستان بولسا، ئەلقائىدە تەشكىلاتىغا ئورۇن بەرگەن، ئامرىكا ۋە غەرپكە قارشى سۈيقەستلىرىىدە قوللىغان تالىبان ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم مەنبەسى ئىدى.

ئېراق ئىستىلاسىدىكى مەقسەت ساددامنى ئاغدۇرۇپ، پۈتۈن ئوتتۇرا شەرقتە ئىسلاھاتقا ئۈلگە بولىدىغان دېموكراتىك، غەرپنى قوللايدىغان ھاكىميەت قۇرۇش ئىدى. لېكىن ئىككىنچى بوش ھۆكۈمىتىدە رېئالىزمدىن بەكراق ئىمپريالىستىك ئىدىيالزم ئۈستۈن ئورۇندا تۇردى. نەتىجىدە پۈتۈن ئوتتۇرا شەرق مۇقىمسىزلاشتى. ئىران نوپۇزىنى ھەر تەرەپكە كېڭەيتەلەيدىغان ئورۇنغا چىقىپ قالدى.

نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت : سەئۇدى ئەرەبىستان X ئىران

دائىش دۆلىتى يوقالغاندىن كېيىن، سۈننى دۆلەت سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە شىئە دۆلەت ئىران ئارىسىدا بولىدىغان ئاشكارا نوپۇز تالىشىش توقۇنۇشى بۇ رايۇندا يېڭى بىر دەۋىرگە ئىشىك ئاچىدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ توقۇنۇش، بەزى ياللانما كۈچلەر ئارقىلىق ۋاستىلىك ئېلىپ بېرىلدى. لېكىن ھازىر بۇ رايۇندا ھەركىت قىلىۋاتقان ئىككى دۇنياۋى كۈچ(ئامېرىكا ۋە روسىيە) بۇنداق بىر توقۇنۇشنى ئاشكارا تىلغا ئالدى. ئامېرىكا سەئۇدىيەنىڭ، روسىيە بولسا ئىران تەرىپىنى ئالدى.
كەلگۈسىدە بۇ توقۇنۇش تېخىمۇ كۈچىيىپ، ھازىرقى ”تېرورغا قارشى تۇرۇش“نىڭ ئورنىنى ئالىدۇ.

ئىران بىلەن بىۋاستە ھەربى توقۇنۇش، شەكسىزكى بۇ رايۇننى ئورۇش ئوتىغا كۆمىدۇ. بۇرۇن بۇ رايۇندا بولغان ھەرقانداق توقۇنۇشتىن ھالقىپ كېتىدۇ. بۇنىڭغا ئىلاۋە، سۈرىيەدىكى توقۇنۇشنىڭ داۋاملىشىشى، ئىچكى ئۇرۇش ۋە ھاكىمىيەت تالىشىشتا ھالسىراپ كەتكەن ئىراق، دائىش ۋە شۇنىغا ئوخشاش جامائەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىمۇ بار ئەلۋەتتە.

كۈرت مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش

رايۇن مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرستىدىغان يەنە بىر ئامىل بولسا كۈرت مەسىلىسىنى قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش. كۇرتلەر بولسا دۆلىتى يوق بىر مىللەت. لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دائىشقا قارىتا ئۇرۇشتا ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. يېڭىدىن قولغا كەلتۈرگەن ھەربى ۋە سىياسى نوپۇزلىرىنى كۈچلۈك ئاپتۇنۇمىيە ياكى مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن قوللانماقچى بولىۋاتىدۇ . لېكىن بۇ ئىشتا زىيان تارتىدىغان دۆلەتلەر- تۈركىيە،سۈرىيە، ئىران ۋە ئىراق- گە قارىتا بۇ ئىش، ئۇرۇش پارتلاشقا يېتەرلىك سەۋەپ بولالايدۇ. چۈنكى كۇرلەتلەرنىڭ ئىشى بۇ دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

يۇقارقى ھەل قىلىنمىغان مەسىلىلەرگە قارىساق، ۋە ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئارىسىدىكى كىرزىس كۈچەيسە، بۇ رايۇننىڭ كەلگۈسىدە تىنچلىققا ئېرىشىشىنى پەرەز قىلالمايمىز.  روشەنكى ئامېرىكا ئىراق پاجىئەسىدىن دەرس ئالدى. ئۆزىنىڭ شۇنچە ھەربى ۋە ئىقتىسادى كۈچى بىلەن ئوتتۇرا شەرقتە قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلىپ ئۇتۇپ چىقالمايدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتى. ئوباما ھۆكۈمىتى بۇ رايۇندىن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقتى. بۇ رايۇندا ئۇتۇپ چىقىش سىيەسى ۋە ھەربى جەھەتتى يەتكىلى بولمايدىغان بىر غايە دەپ قارىدى..
شۇڭلاشقا سۈرىيە ئىچىكى ئۇرۇشىدا ئامېرىكىنىڭ ھەربى (ھاۋا ھۇجۇمى بىلەن بولسىمۇ) جەھەتتىن ئارىلىشىىشىنى خالىمىدى . نەتىجىدە بۇ بوشلۇقنى روسىيە كىلىپ تولدۇردى، ئاقىۋىتىنى ھەممىمىز كۆردۇق

ئوبامادىن كېيىن دونالد ترامپ كەلدى، ئۇ زۇڭتۇڭ سايلىمى مەزگىلىدە رايۇندىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىمىز دېدى. لېكىن سايلىنىپ بولغاندىن كېيىن سۈرىيەگە 52 تال كرۇز بومبىسى ئاتتى. سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى قوللىدى. ئىرانغا قارىتا ئېغىر سۆز قىلدى.

ئوتتۇرا شەرققە قارىتا، ترامپنىڭ باياناتلىرى بەزى تۇيۇقسىزلا كەسكىنلىشىپ كېتىدۇ. ئۇ تېخىچە بۇ رايۇن مەسىلىسگە قانداق يول تۇتۇشنى ئۆگىنىپ بولالمىدى. شۇڭلاشقا بۇ جەھەتتىمۇ كەلگۈسىگە ئۈمىتۋار قارىيالمايمىز.

ئوتتۇرا شەرقتە چوڭ كۆلۈملىك ئۇرۇش چىقىش ئېھتىماللىقى زورايدى

تەرەپلەرنىڭ ئوخشىمىغان فرونتلاردا ھۇجۇمى كۈچەيگەنسىرى بۇ رايۇندا زور كۆلەمدە ئۇرۇش چىقىش ئېھتىماللىقى زورايماقتا. ئەنگىلىيە ئىستىخباراتىغا تەۋە دەپ قارىلىدىغان middleeasteye تورىنىڭ قارىشىچە، سۈرىيەدە ۋە قولتۇق رايۇنىدا ۋەزىيەت كەسكىنلىشىپ ، رايۇن ھالقىغان، خەلقئارالىق توقۇنۇشقا ئايلانغىلىۋاتىدۇ .

ۋەزىيەت كەسكەنلەشتى

2013 تىن باشلاپ، دونالد ترامپ، ئامېرىكا ئىران بىلەن ئۇرۇشىدۇ دەپ كەلگەن ئىدى. ئۇ چاغدا ترامپ سىياسەتكە بۇرنىنى تىقىۋالغان ئادەتتىكى بىر مىلياردىر ئىدى. Foxnews دا تاشقى ئىشلار ۋەزىرى جون كېرىنى قاتتىق تەنقىت قىلاتتى. لېكىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا زۇڭتۇڭ كاندىداتى، ئاندىن رەسمى زۇڭتۇڭ بولدى. كانادا Vice ژورنىلىنىڭ قارىشىچە ئۇنىڭ ئىرانغا قاراتقان باياناتلىرى دىققەتنى چەككۈدەك ”دۈشمەنلىىك’ تۈسىنى ئالغان ئىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھدىسىنىڭ ئۇرۇش ھەققىدىكى گېپى

ھازىرقى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرىدىغىنى، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىران ئارىسىدىكى كۆرۈلۈپ باقمىغان دۈشمەنلىشىش ھالىتىدۇر. سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھدىسى مۇھەممەد بىن سالماننىڭ ماي ئېيىدىكى تەھدىتىدىن كېيىن، 2017. يىلى 7. ئىيۇن دائىش تەشكىلاتى ئىران پارلامېنتى ۋە ئىران سابىق داھىيسى ئايەتۇللا ھۈمەينى قەبرىستانلىقىغا ھۇجۇم قىلدى.

سالمان مۇنداق دېگەن ئىدى: ”بىز ئۇرۇشنىڭ سەئۇدى زېمىنىغا يېتىپ كېلىشىگە ساقلىمايمىز. بەلكى ئۇرۇشنىڭ ئىران زېمىندا بولىشىغا كۈچەيمىز“ ئىراندىكى ئەڭ كىچىك مەسئۇلدىن، ئەڭ چوڭ رەھبەرگېچە ھېچكىم بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنىڭ ئارقىسىدا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قولى بارلىقىدىن گۇمان قىلمايدۇ.

مۇھەممەد بىن سەلمان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىرانغا قاراتقان يېڭى. ئاشكارا دۈشمەنلىشىش سىياسىتىنىڭ پىلانلىغۇچىسى. 21. ئيۇندا ئۇ، يېڭى ۋەلىئەھدى بولۇپ سايلىنىپ، كەلگۈسىدە تەختكە چىقىدىغان شەخس بولۇپ قالدى. ئاۋغۇستتا 32 ياشقا كىرىدىغان بۇ ”نادان سىياسىئون“، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بۇنىڭدىن كېيىنىكى تاشقى سىياسىتىگە مەسئۇل. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇداپىئە مېنىستىرى ۋەزىپىسىنمۇ ساقلاپ قالىدۇ. ئۇ يەنە سەئۇدىىيەنىڭ نېفىت قاتارلىق ئىقتىسادى ساھەلىرىدىكى ئىسلاھاتقىمۇ باشچىلىق قىلىدۇ.

ئىسرائىلىيەلىكلەر بۇ يېڭى تەيىنلەشنى ”ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكىغا نىسبەتەن خوشخەۋەر“ دەپ ماختاشتى. ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى سابىق ئەلچىسى دانيال شابىرۇ ئۇن ئىرانغا نىسبەتەن ”خەتەرلىك“ دەپ قارىدى. مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ ۋەلىئەھدى بولىشى سەئۇدى-ئىران توقۇنۇشى چىقىشنىڭ ئىېھتىماللىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرىۋېتىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېڭىي تاشقا ئىشلار سىياسىتىگە مېسال بولىدىغان ئىشلاردىن يەنە بىرى بولسا، 2017. يىلى 23. ئىيۇل سەئۇدىي ئەرەبىستان باشچىىلىقىدىقى دۆلەتلەر تەرىپىدىن قاتارغا يۈرگۈزۈلگەن ئىمبارگونى قالدۇرۇش ئۈچۈن تەييارلانغان شەرتلەر تىزىملىكى.
associated press ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋېرىگە ئاساسەن، بۇ تىزىملىكتە 13 شەرت بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قاتار دۆلەت مەبلىغى تەمىنلەپ كەلگەن ئەلجەزىرەنى ۋە قاتاردىكى تۈركىيە ھەربى بازىسىنى تاقاش، ئىران بىلەن بارلىق مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش قاتارلىقلار بار.

كۆپلىگەن كۈزەتكۈچىلەر ئىران بىلەن بولغان ئالاقىگە چەك قويۇش، بۇ تىزىملىكتىكى ئاساس شەرت ، لېكىن بۇ، خەلقئارالىق مۇناسىۋەت پىرىنسىپلىرىگە پۈتۈنلەي زىت. يەنە كېلىپ بىر دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىق ھوقۇقىغا زىت دەپ قاراشتى.  بۇنداق بىر تەلەپ ئىراق دىكتاتورى ساددام ھۈسيەن 1991. يىلى قولتۇق ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن شەرت قىلىنمىغان .

تەرجىمە قىلغۇچى: ئۆچمەس

مەنبە: http://www.huffpostarabi.com/2017/07/22/story_n_17560122.html

دائىشنىڭ 35 مىڭ ئەسكىرى قەيەرگە كەتتى؟

ئاپتورى: ئەلى سائادەت

يوللاردا، كوچىلاردا، ۋەيران قىلىنغان بىنالاردا تاشلىنىپ، يېتىپ كەتكەن جەسەتلىرى يوق.

ئەسىرگە چۈشكەنلەر يوق، قېچىۋاتقان ئەسكەرلىرى يوق. بۇ، بۇرۇن كۆرۈلمىگەن ئالاھىېدە بىر خىل جەڭ. ئۇ يەر – بۇ يەردىن چىقىۋاتقان رەسىملەر ۋە سىنلاردا بولسا، بۇ تەشكىلات ئەسكەرلىرىنىڭ پاكىزە، رەتلىك ھەربىيچە كېيىنىپ، كامىرا ئالدىدا ماڭغان ھالەتلىرى ..  نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى بۇ، جەسەتسىز ئۇرۇش.

دۇنيادىكى بارلىق سۈنئى ھەمراھلار، ئىشپيونلۇق تورلىرى، يانفونلاردىكى جاسۇسلۇق ئەپلىرى، يۇقۇرى ئېنىقلىقتىكى(ساددامنىڭ كۇسىرىنىڭ رەڭگىنى كۆرەلەيدىغان ) كامېرالارمۇ، مۇسىل ۋە رەققا ئۇرۇشلىرىدا ۋە ياكى باشقا شەھەرلەردىكى ئۇرۇشلاردا، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەسىرگە چۈشكەن ئەسكەرلىرىنى كۆرسىتەلمىدى.

دۆلەت تەشكىلاتىغا قارشى مۇنتىزىم قوشۇنلار، ياللانما ئەسكەرلەر ھەمكارلىشىپ ئۇرۇشىۋاتىدۇ. لېكىن بۇ ئۇرۇشتا قارشى تەرەپنىڭ ئەسكەرلىرى يوق. ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەرلا تېلىۋىزىيە قاناللىرى، ئاخبارات ئورگانلىرىغا ياكى فەيسبۇك، تىۋىتتەر قاتارلىق يەردەلەر (كونتروللۇق) ئۇچۇر بېرىۋاتىدۇ.

توردا تارقىلىۋاتقان رەسىملەرنىمۇ ھېچكىم دەلىللىيەلىگېنى يوق. كۆپلىرى گۇمانلىق. باغدادىنىڭ جەسىتى دەپ ئىران تور بەتلىرىدە يوللانغان رەسىملەرمۇ تەكشۈرۈلگەندە، نەچچە يىل بۇرۇنقى ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ رەسىمى بولۇپ چىقتى.

روس ئەسكەرلىرى، سۈرىيە دۆلەت ئارمىيەسى، ئىران ۋە ئىتتىپاقداش ئارمىيە يۆلەپ قوللاۋاتقان شىيئە ۋە كۇرت ياللانملىرى ھەممىسى بىرلىشىپ سۈرىيەدە؛ ئىراق ئامىيەسى، شىيئە خەلق ئەسكەرلىرى، ئامېرىكا باشچىلىقدىكى نەچچە دۆلەت ئارمىيەسى بىرلىشىپ ئىراقتا، دۆلەت تەشكىلاتىغا قارشى ئۈچ يىلدىن بېرى قانلىق جەڭ قىلىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا بۇ تەشكىلاتنىڭ ئۆلگەن ئەسكەرلىرى ياكى ئەسىرگە چۈشكەنلىرى قېنى؟

بىر قانچە يىل بۇرۇن، ئامېرىكا ئىستىخباراتىدىن بىر مەسئۇل، بۇ تەشكىلات ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 104 دۆلەتتىن بولۇپ، 35 مىڭغا يېتىدۇ دېگەن.  ئۇ چاغدىكى ھالەتنى تېخىمۇ يورۇتۇش ئۈچۈن شۇلارنى ئەسلىمەك لازىم : بۇ تەشكىلات شۇ چاغدا ئىراق زېمىنىنىڭ 40%نى ئىگەللىگەن بولۇپ، 108 مىڭ كۋادىرات كېلومېتىرغا يەتكەن. سۈرىيەنىڭ يېرىمىنى ئىگەللىگەن بولۇپ، 95مىڭ كۋادىرات كىلومېتىرغا يەتكەن.

بۇ، 2014. يىلىدىكى گەپ. ئۇ چاغدا بۇ تەشكىلاتقا قارشى خەلقئارالىق ئۇرۇش باشلىتىلغان . ئەگەر تەشكىلات ئەسكەرلىرىنى ئىگەللىگەن زېمىنغا چاچساق، ھەر 6 كۋادىرات كېلومېتردا بىردىن ئادىمى توغرا كېلىدۇ. ياكى بۇلار ئېگەللىدى دېگەن زېمىن مەۋھۇم زېمن بولۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەسكەرلىرى يوق.

مۇسىل ئۇرۇشى باشلىنىشتىن بۇرۇن، CNN ئاشكارىلىغان بىر ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ھەقىقى سانى 5 مىڭدىن ئاشمايدۇ. بۇ سان كۆپلىگەن سوئال پەيدا قىلىدۇ ئەلۋەتتە. بۇ تەشكىلات ئەمەلىي ئىگەللىگەن زېمىن زادى قانچىلىك؟

بۇ تەشكىلات ئەمەلىي باشقۇرغان رايۇنلارغا قارىساق، ساپلا ئەرەب سۈننىيلەرنىڭ يۇرتلىرى.  خەلقئارا جەمئىيەت قوزغىغان ئۇرۇشتا ساپلا مۇشۇ سۈننىي رايۇنلار پۈتۈن ۋەيران قىلىندى.

ھەقىقەت تېخىمۇ روشەن كۆرۈنىشى ئۈچۈن، ئېسىمىزگە مۇنداق بىر ۋەقەنى ئالايلى. ئۆز ۋاقتىدا ئىراق ئارمىيەسى كۆپلىگەن سۈنننىي شەھەلەردە ئورۇنلاشقان ئىدى. (سابىق ئىراق باش ۋەزىرى نۇرى مالىكى زامانىدا). تۇيۇقسىزلا ئىراق ئارمىيەسى پۈتۈن قۇرال ياراق، ماشىنا، برونىۋىك ۋە باشقا ھەربى ئەسلىھەلىرىنى تاشلاپ، بۇ سۈننىي شەھەرلەردىن ”قاچتى“. ئىراق ئاسمانلىرىدا ئۇچۇپ يۈرگەن ئامېرىكا بومباردىمانچى ئايرۇپىلانلىرىمۇ بىر بومبا تاشلىمىدى. بۇ سىنارىيە سۈرىيەدىمۇ تەكرارلاندى. يەمەن، لىۋىيە ۋە مالىدەك باشقا يەرلەردىمۇ شۇنداقراق ئىش بولدى.

بۇ تەشكلات مالىيەدە قىينالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بانكىلارنى ئىگەللەپ، نۇرغۇن نەقپۇلنى ئولجا ئېلىشىغىمۇ رۇخسەت قىلىندى.  يەنە تېخى نېفىت قۇدۇقلىىرى، مال توشۇش چېگرالىرىمۇ تەشكىلات قولىغا چۈشتى.  سۈرىيە ھۆكۈمىتى بۇ تەشكىلاتتىن نېفىت سېتىۋالدى، بۇ تەشكىلات ئىگەللىگەن يەرگە ھۇجۇم قىلمىدى.

كۈنلەرنىڭ بىرىدە، يەنە تۇيۇقسىزلا، ئىراق ئارمىيىەسى، شىيئە خەلق ياللانمىلىرى، ئامېرىكا ئارمىيەسى بولۇپ، يۇشۇرۇن بىر كۈچنىڭ قۇدرىتى بىلەن كۈچلىنىپ قالدى. تەشكىلات ئىگەللىۋالغان سۈننى شەھەرلەرنى بىر بىرلەپ ”ئازات “ قىلدى. لېكىن پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ، خارابىلىققا ئايلاندۇرۇپ، ئاھالىسىنى ئۆلتۈرۈپ ياكى قوغلاپ ، ياشاش مۇمكىن بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن.

بۇ سىنارىيە سۈرىىيەدىمۇ تەييارلىنىۋاتىدۇ . ئەرەب سۈننىيلەر ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەرگە ھۇجۇم قىلىنماقچى. سۈرىيەدە ئاز سانلىق بولغان كۇرتلار تۇيۇقسىزلار ، تەشكىلات ئىگەللىۋالغان شەھەرلەرنى ”ئازات“ قىلىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ.

ياق ياق، بۇ سۈيقەست نەزەرىيەسى ئەمەس. لېكىن بۇ سوئاللار ئۆزلىكىدىن چىقىۋاتىدۇ. كىم بۇ تەشكىلاتنى قۇرۇپ چىقتى؟ كىم بۇلارنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيە، يەمەن، لىۋىيە ۋە سىناي يېرىم ئارىلىغا سىزىپ كىرىشىگە يول ئاچتى؟  كىم بۇلارنىڭ 200 مىڭ كۋادرات كىلومېتر رايۇندا بۇنداق ئۇزۇن مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشىغا يول قويدى(ئەگەر راستىنلا بۇلار مۇشۇنچىلىك زېمىننى ئىگەللەپ تۇرغانلىقى راس دېسەك)؟

قانداقسىگە 4 يىلگە يېقىن كېڭەيمىچىلىك قىلىپ داۋاملىشالىدى؟  35 مىڭ ئەسكېرى قەيەرگە كەتتى؟ بۇلار ئەرەب دۆلەتلىرى ئارىسىدا قانداق بېرىپ – كېلىپ ئەركىن يۈرەلىدى ؟ ياۋرۇپاغا قانداق ئۆتۈپ ھۇجۇم قىلالىدى(فرانسىيەدە بەزمىخانىغا ھۇجۇم قىلغانلار نەچچە قېتىم سۈرىيەگە بېرىپ كەلگەن)؟  ئۇلار زامان ماشىنىسى قوللانغان ياكى كۆرۈنمەس كىيىم كەيگەنمىدى ؟

بۇ تەشكىلاتنىڭ ئالى رەھبەرلىرىنىڭ، ئامىرىكا ئىراقنىڭ شەرقىدىكى ئۇممۇ قەسىر شەھرىدە قۇرۇپ باشقۇرغان بوكا تۈرمىسىدە يىغىلىپ قېلىشىنىڭ سىرى نېمە؟ بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەبۇ بەكرى باغدادى(ئىبراھىم بىن ئەۋاد ئەلبەدرى ئەلسامىرائى) 2004 .يىلى تۇتۇلۇپ 2006. يىلى قويۇپ بېرىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت قوشۇنى“نى قۇرۇپ چىققان.

بۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە بۇ تەشكىلاتنىڭ سابىق باياناتچىسى ئەبۇمۇھەممەد ئەدنانى، باغدادىنىڭ ئالى ياردەمچىسى فازىل ئەھمەد ئەلھەيالى(ھاجخ مۇئتەز)لەرمۇ بار.  يەنە سابق نۇسرەت تەشكىلاتى ھازىرقى فەتھۇششام رەھبېرى ئەبۇ مۇھەممەد ئەلجەۋلانىيمۇ بار. . بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئامېرىكا تۈرمىسىدىن ئىراق تۈرمىسىگە يۆتكەلگەن بولۇپ، كېيىن بىر قېتىملىق تۈرمىدىن قېچىش ۋەقەسىدە بۇ قوماندان ۋە رەھبەرلەرنىڭ كۆپى قاچالىغان . 2013 تە ئەبۇ غەرىپ تۈرمىسىدىن 500 كىشى قېچىپ كەتكەن .

سۈرىيەدە دەسلەپ خەلق تىنچ يول بىلەن قوزغالغاندا، سۈرىيە ھۆكۈمىتى، تۈرمىسىدىكى جىھادچىلارغا ۋە بىخەتەرلىك جىنايەتلىرىگە چېتىشلىق بارلىق مەھكۇملارنى قويۇۋەتكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەبۇ لوقمان دەپ ئاتالغان ئەلىى مۇسا شەۋاخ بار بولۇپ، ئۇ باغدادىنىڭ رەققەگە تەيىنلىگەن ۋالىسى بولغان .

ئىراقلىق سىياسى تەھلىلچى ھىشام ئەلھاشىمى مۇنداق دەيدۇ : دائىشنىڭ 17 دىن 25 كىچە بولغان ئەڭ ئالى رەھبەرلىرى 2004 . يىلىدىن 2011 . يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا. ئامېرىكا تۈرمىسىدە تۇرغانلار. بۇلارنىڭ كۆپى ئىراق تۈرمىلىرىگە يۆتكەلگەندىن كېيىن قېچىپ كەتكەن.

بۇ ئۇچۇرنى گاردىيان گېزىتى 2014 يىلى تەكىتلىگەن .ھەربى ئىشلار  تورى ”زى لوڭ ۋور“ دا ئۇزۇن يېزىلغان بىر ماقالىدا، ئامېرىكا ”دەيلى بىيست“، ”نيويورك پوست“، گېرمانىيە ”دىر شىپىگل“ قاتارلىق ئىشەنچىلىكلىكى يۇقۇرى مېدىيالاردا يەر ئالغان .

ئۇنداقتا بىز كۆرۈۋاتقان بۇ ئۇرۇش، مېدىيا ئۇرۇشى. ھەقىقەتلەر ۋە رىئاللىق بۇ ئۇرۇشنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئالدىن پىلانلانغانلىقىنى ئېچىپ بەرمەكتە. بۇ تەشكىلاتنىڭ پەقەت  ۋەھشىيلىكنى ئەڭ چېكىگە يەتكۈزۈشى، كاللا كېسىپ، ياۋايىلىق قىلىشى يېتىپ ئاشاتتى. بۇلارنى ئاڭلىغان كىشىنىڭ قەلبىگە قورقۇنچ چۈشۈپ، مەدەنيەت ۋە مىراسلارنى ۋەيران قىلىپ، بەزى دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقمىلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپ بېرىشى يېتىپ ئاشاتتى. سەھنىگە ئاياللارنى قوشۇپ قويىشمۇ خېلى ئۈنۈملۈك. ئايال كىشىنى ئېلىپ ساتىدىغان چۆرە دىدەك قىلىپ كۆرسىتىش. بۇ، ھەممىنى ھەرىكەتلەندۈرگەن،  ئىنسانىيەتنىڭ ئاجىز نۇقتىسى ئىدى.

ئەڭ مۇھىمى بۇ ئۇرۇشنىڭ سەھنىسى سۈننىيلەرنىڭ شەھەرلىرى بولغانلىقى. ئىسرائىلىيەگە بولسا بىر پاي ئوقى ئېتىلمىدى.

يۇقاردىكىلەر بۇ ھەقتىكى ئەڭ ئاخىرقى گېپىمىز ئەمەس. بۇ ۋەقەلەر خېلى ئۇزۇنغىچى بىر تېپىشماق بولۇپ قالىدۇ. لېكىن جىم تۇرغان سۇغا ”تاش ئېتىپ“ مىدىرلىتىپ باقتۇق.

تەرجىمە قىلغۇچى: ئۆچمەس

مەنبە: https://www.newlebanon.info/lebanon-now/323007/%D8%A3%D9%8A%D9%86-%D8%A7%D8%AE%D8%AA%D9%81%D9%89-35-%D8%A3%D9%84%D9%81-%D9%85%D9%82%D8%A7%D8%AA%D9%84-%D9%85%D9%86-%D8%AA%D9%86%D8%B8%D9%8A%D9%85-%D8%A7%D9%84%D8%AF%D9%88%D9%84%D8%A9

تىل فاكۇلتېتى مۇدىرى: زەيىد ئىبنى سابىت رەزىياللاھۇ ئەنھۇ

ئاپتورى: ئىبراھىم ئەسئەس

ئەگەر ئاشۇ زاماندا تىل فاكولتىتى بولسا، زەيد ئىبنى سابىت رەزىياللاھۇ ئەنھۇ مۇدىرى بولغان بولاتتى. ياق ياق، ئەگەر شۇ چاغدا مائارىپ مېنىستىرلىكى بولغان بولسا، زەيد ئىبنى سابىت رەزىياللاھۇ ئەنھۇ مېنىستىرى بولغان بولاتتى . بۇ ھەيران قالغۇدەك ئىش ئەمەس. چۈنكى ئۇ، قارىيلارنىڭ شەيخى، (ئۇ زاماندىكى قارىي ئۇقۇمى قۇرئان يادلىغان ئۆلىمالارنى كۆرسىتەتتى، ھازىرقىدەك يالغۇز قۇرئاننى يادلىغانلا كىشىنى ئەمەس) مەدىنىنىڭ مۇفتىسى، ۋەھيى خاتىرىلىگۈچىسى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئاقىللىرىدىن بىرى ئىدى. تېخى يەنە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمانى ئىدى. ئۇھېكايەت قىلىپ دەيدۇ: ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەندە، قېشىغا ئېلىپ بېرىلدىم. باشقىلار، ”بۇ بالا بەنى نەججاردىن، 17 سۈرە يادلاپ بولدى“ دەپ تونۇشتۇردى. مەن ئوقۇپ بەردىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ياراپ قېلىپ، ماڭا : ”يەھۇدىلانىڭ يېزىقىنى ئۆگەن، مەن ئۇلارغا ئىشەنچ قىلالمايمەن “ دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن يېرىم ئايدا ئوبدانلا ئۆگەندىم، (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خېتىنى)ئۇلارغا يازاتتىم. ئۇلار خەت يازسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئوقۇپ بېرەتتىم ”.

زەيد ئىبنى سابىت ئۇ چاغدا ئون بىر ياشتا ئىدى. ئۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، بىر قانچە تىل ئۆگىنىشكە بۇيرىغان . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ چاغدا مەدىنىدە ھەرخىل ئىختىساس ئىگىلىرى بار بولغان يېڭى بىر جەمئىيەت قۇرۇۋاتقان ئىدى. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ زەيد ئىبنى سابىت ئىلىمگە بېرىلدى. ئىلىم بىلەن تونۇلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئاندىن راشىد خەلىپىلەر زامانىدىمۇ ئىلىم بىلەن بولدى.

قىيامەتكىچە ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ گەدىنىدە زەيد ئىبنى سابىتنىڭ ياخشىلىقى بار. ئۇ، قۇرئاننى توپلاشقا مەسئۇل بولدى. سىز قۇرئان كەرىمگە قارىغاندا زەيدنى ئەسلەشنى، ئۇنىڭغا دۇئا قىلىشنى ئۇنۇتماڭ. بەلكىم شۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ رىزاسىغا ئېرىشىپ، جەننەتتە زەيدكە ھەمراھ بولۇرسىز.

ھەزرىتى ئەبۇ بەكىرنىڭ زەيدنى قۇرئاننى توپلاشقا تاللىشى تاساددىپىيلىق بولماستىن، بەلكى زەيدنىڭ قىممىتىنى تونىغانلىقتىن ئىدى. ئۇنىىڭدا مائارىپ مېنىستىرىنىڭ سالاھىيىتى بار ئىدى. تەجرىبە ۋە ئىختىساس ئىگىسى ئىدى. ھەممىدىن مۇھىمى، ئۇ، ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن مېتودقا ئېگە ئىدى. ”زەيد قۇرئاننى توپلىغان“ دېگەن ئىبارىگە سەل قارىساق، قۇرئان ئايەتلىرىنى يادلىۋالغان يەردىن مۇنداقلا يىغىپ يېزىپ قويغان دەپ ئاددىي ئويلىساق بولمايدۇ. زەيد ئۇ ئىش ئۈچۈن مەخسۇس مېتود : يەنى ئايەتلەرنى قانداق توپلاش، قانداق رەتلەش، قانداق خاتىرىلەنگەنلىكى ھەققىدە، باشقىلارمۇ يادلىغان بولىشى … قاتارلىق ئۆلچەملەرنى بىكىتكەن . بۇ ھەقتە مۇشۇنچىلىك توختالسام يېتەرلىك. چۈنكى، بۇ يازمىنىڭ ئوبىكتى زەيد ئەمەس، يۇقارقىلار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە راشىد خەلىپەلەر زامانىدىكى مەدىنىدە جەميىتىنىڭ ئىلمىي ھەرىكىتىگە يازمىغا مۇقەددىمە شەكلىدە نەزەر تاشلاشتىن ئىبارەت. سەل تۇرۇپ بۇ ھەقتە يەنە توختىلىمەن.

بۇ يازمىدىن مەقسەت، ئاسماندا پەرىشتىلەر، دېڭىز – ئوكيانلاردا بىلىقلار مەغپىرەت تىلەيدىغان، ئەرشتە مەقامى كاتتا بولغان ئالىم ھەققىدە توختىلىش. بۇنىڭ سەۋەبى بولسا، بىر قېرىندىشىمدىن كەلگەن تېلىپۇن بولۇپ، ئۇنىڭ دېيىشىچە، بەزى موللىلار ئۇنىڭ ئارقىغا كىرىۋېلىپ، ئۇ قىزىققان باشقۇرۇش، ئىستىراتىگىيە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئاللاھنىڭ كىتابى، رەسۇلىنىڭ سۈننىتى ۋە ئسلام ئۈممىتىگە خىزمەت قىلىشقا يارايدىغان دۇنيالىق پەنلەرنى ئۆگىنىشىنىڭ ئۇنى ئالىم(ئۆلىما) قاتارىغا ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماختىغانلار قاتارىغا كىرگۈزمەيدىغانلىقىنى دەپتۇمىش. ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئالىم، ئەقىدە، تەپسىر، فىقھ ۋە باشقا شەرىئەت پەنلىرىنى ئىگەللىگەنلەرلا بولۇپ، گەرچە ئالدىنقىدەك پەننىي بىلىملەرنى ئوقۇغانلار ئەجىرگە ئېرىشسىمۇ، لېكىن ئايەت ۋە ھەدىسلەردە تىلغا ئېلىنغان ئالىملار قاتارىغا كىرمەسمىش.

ئەمدى بۇ گەپنىڭ خاتالىقىغا ئۇزۇن دەلىللەرنى قويۇپ، ئىسپاتلاشنىڭ ئورنى بۇ يازما ئەمەس. بۇ يەردە قىسقىچە توختىلىمەن. تەپسىلاتىغا قىزىققۇچىلار مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە توختالغان مەخسۇس كىتابلارغا مۇراجىئەت قىلسا بولىدۇ . مەن بۇ يازمىدا بىر ئايەت، بىر ئۇسۇلى قائىدە يەنە زەيد ئىبنى سابىتنى يازىمەن.

مەن دېمەكچى بولغان ئايەت : ”كۆرمەمسەنكى، اﷲ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇردى. ئۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك، رەڭگارەڭ مېۋىلەرنى چىقاردى، (شۇنىڭدەك اﷲ تاغلارنى ياراتتى) تاغلارنىڭ ئاق، قىزىللىرى، ھەر خىل رەڭدىكى يوللۇقلىرى ۋە قاپقارىلىرىمۇ بار(27) شۇنىڭدەك ئىنسانلارنى، ھايۋانلارنى، چاھارپايلارنىمۇ خىلمۇخىل رەڭلىك قىلىپ ياراتتى، اﷲ نىڭ بەندىلىرى ئىچىدە اﷲ تىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، (بەندىلىرى ئىچىدە تەۋبە قىلغانلارنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر(28) “ فاتىر سۈرىسى

بۇ ئايەتتىكى ئالىملار، زېىمىن پەنلىرى (فىزىكا، خىمىيە، جۇغراپىە، گىئولوگىيە..)، ئىنسانىيەت پەنلىرى، زوئولوگىيە، بىئولوگىيە، بوتانىكا پەنلىرى ئالىملىرىدۇر. ئەنە شۇلار ئاللاھتىن قورقىدىغانلاردۇر( ئايەتنىڭ ئالدىدىكى كونتېكسىتىمۇ شۇنى كۆرسىتىدۇ. يەنە، بۇ دېگەنلىك باشقىلار قورقمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس ئەلۋەتتە). چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ھەر يەردە ھەر ساھەدە كۆرۈپ تۇرىدۇ. ئەنە شۇلار ئالىملاردۇر، چۈنكى :
– ئۇلار ئاللاھنى ۋە قۇدرىتىنى بەندىلەرگە تونىتىدۇ، ئۇلارغا مەۋجۇدىيەتنىڭ ئاللاھ بىلدۈرگەن سىرلىرىنى ئېچىپ بېرىدۇ.
-ئۇلار ئاشۇ ئىلىم – پەنلىرى بىلەن قۇرئاننىڭ ھەقلىقىنى ئىسپاتلايدۇ . ئاللاھ تائالا ”ئۇلارغا بىز تاكى ئۇلارغا قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئېنىق بولغۇچە، (ئاسمان – زېمىن) ئەتراپىدىكى ۋە ئۆزلىرىدىكى (قۇدرىتىمىزگە دالالەت قىلىدىغان) ئالامەتلەرنى كۆرسىتىمىز“ دەيدۇ (فۇسسىلەت سۈرىسى 53)
مانا مۇشۇنداق ئوچۇق تۇرسا، ئاشۇ ئىلىم پەن ئوقۇغانلارنى ئايەت تىلغا ئالغان ئالىملار ئەمەس دېسە توغرا بولامدۇ ؟ ئاشۇ ئالىملار كائىنات سىرلىرىنى يېشىپ ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن بىردەكلىنى ئىسپاتلاپ قۇرئاننى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ، فەقىھنىڭ ئەھكام ئايەتلىرىنى چۈشەندۈرگېنىگە ئوخشايدۇ . بىز دوكتۇر زەغلۇل نەججارنىڭ(مىسىرلىق گىئولوگ،ئالىم) كائىنات ئايەتلىرىنى ئىلمىي چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئاڭلىساق، خۇددى ۋەز ئاڭلىغاندا ئاللاھقا تېخىمۇ يېقىنلاشقانلىقىمىزنى ھېس قىلغاندەك تۇيغۇدا بولمامدۇق ؟ ئىبنى ئابباس رەزىياللاھۇ ئەنھۇ : ”ئالىملار، ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلگەنلەردۇر“ دېگەن . شەكسىزكى ئاشۇ پەن ئالىملىرى ئاللاھنىڭ ھەممىگە قادىرلىكىنى ئەڭ بىلگۈچىلەر قاتارىدىن.

ئۇسۇلى قائىدە بولسا : مادامىكى، بۇ پەنلەر ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىنى ھەم ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادا ياشاپ، ئاللاھ تائالا بۇيرىغان زېمىننى بەرپا قىلىش، ئورۇنباسارلىقىنى ئورۇنداش ۋەزىپىسىگە زۆرۈر بولغان ئىكەن، ئۇنداقتا، بۇ پەنلەرمۇ شەرئىي تەلەپ قىلىنغان ئىلىم قاتارىغا كىرىدۇ. ئۇنى ئۆگەنگۈچى ساۋاپقا ئېرىشىپلا قالماستىن، ئايەتتىكى ”ئاللاھتىن قورقىدۇ“ دەپ سۈپەتلەنگەن ئالىملار قاتارىغا ھەم كىرىدۇ .

بۇ پەنلەرنى ئىگەللەش، ”ۋاجىپنى تولۇقلايدىغان ۋاجىپ“ يەنى ئىككىلەمچى ۋاجىپ ئەمەس، بەلكى، ئۆزى بىرىنچى ۋاجىپتۇر. پەرز كۇپايىدۇر. ھەتتا، ماڭا تېلىپۇن قىلغان دوستۇمغا ئوخشاش، ئۆزى مۇشۇ پەنلەردە نەتىجە قازىنالايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان كىشلەرگە پەرز ئەين بولىدۇ. بۇ پەنلەردە ئوقۇغان ئالىملارغا، ئۇلار ئەتىگەن – كەچ ئىلىمگە ماڭغاندا دېڭىز دەريالاردىكى بىلىقلار مەغپىرەت تىلەيدۇ.

ئەمدى زەيد ئىبنى سابىتقا قايتساق، سىز ھەر قېتىم قۇرئاننى قولغا ئالسىڭىز، ئوقۇسىڭىز، زەيدنىڭ ئىشىنىڭ مىۋىسىنى ئوقۇيسىز. زەيدنىڭ يەنە نېمە ئىلىملەرنى ئىگەللىگەنلىكىنى بىلدىڭىز- قۇرئان ۋە مىراس ئىلىملىرىنى دېمەيۋاتىمەن – بەلكى ئۇنىڭ بىر قانچە تىل ئۆگەنگەنلىكى، قوليازما تەتقىقاتى مېتودى قاتارلىقلارمۇ بار. ئاشۇلارنىڭ ھەممىسىدە زەيد جاپا چەكتى، ئۇ ئىلىملەرنى قۇرئان ۋە سۈننەت يولىدا ئىشلەتتى، بۇ ئۈممەت ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇردى. مۇشۇنداق بولغان ئىكەن، ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ پۈتۈن مەخلۇقاتلىرى مەغپىرەت تىلەيدۇ .

بۇ يەردىكى ئۆلچەم، ئىنساننىڭ نېمە ئۆگىنىشىدىن بەكراق، نېمىگە نىيەت قىلغانلىقىدۇر. ئۇ ئىلىمنى كاتتا غايىلەر ئۈچۈن تەلەپ قىلامدۇ ياكى قورسقىغا ۋە شۆھرەت ئۈچۈن تەلەپ قىلامدۇ ؟ مىھراپتا ئېتىكاپتا تۇرغان بىر موللا بەلكىم پۈتۈن خەلقتىن بۇرۇن دوزاخقا چۈشىشى مۇمكىن.. لابىراتوردا بىرەر خىمىيەلىك تەركىپنى تەتقىق قىلغان بىر خىزمەتچى نۇرغۇن كىشىدىن بۇرۇن جەننەتكە كىرىشى مۇمكىن … ھېلىقى دوستۇمدەك بىرەر ئايەت ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بۇرۇنقىلار بايقىمىغان مەناغا ئېرىشىپ، ئۇنى ئۆزى ئوقۇغان پەنلەرگە بىرلەشتۈرگەنلەر ئاللاھ دەرگاھىدا قوبۇل قىلىنغان ۋە مەغپىرەت قىلىنغانلاردىن بولىشى مۇمكىن.. ئۆلچەم : نىيەت.

ئەي دوستۇم ! سەن قىلىۋاتقان ئىشىڭنى داۋاملاشتۇر. مەنچە، سەن پەقەت ئاشۇنىڭ بىلەنلا شەرىئەتكە ۋە ئۈممىتىڭگە مەنپەئەت يەتكۈزەلەيسەن. ئاللاھ سېنى شۇ يولدا مۇستەھكەم قىلسۇن، سېنى ھىدايەتكە ئېرىشكەن ۋە ھېدايەتكە باشلىغانلاردىن قىلسۇن!

(يازمىدىكى ئالىملار، ئاللاھنى تونىغان ئالىملارنى كۆرسىتىدۇ)

تەرجىمە قىلغۇچى: قارلۇق

مەنبە:

قېنى مەن بىلەن يۈرۈڭ!

ئاپتورى: تارىق ھىشام

 

تۇيۇقسىز بىرەر سۆھبەتكە داخىل بولۇپ قالىسىز، ياكى توردا بىرەر ئۇچۇر ئوقۇيسىز… بۇلاردا قەستەن ياكى بىخەستىلىكتىن خاتا ئۇچۇرلار ياكى يالغان دىنى مەلۇمات – يالغان ھەدىس، يالغان دىنى قىسسەلەر – بارلىقنى بايقايسىز.. سىز باشقا ئىشىڭىز تۇرسىمۇ، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇش ۋاجىبى يۈزىسىدىن، ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بېرىسىز ياكى نەسىھەت قىلىسىز… نىيىتىڭىزخالىس، ئۇسۇلىڭىز توغرا بولسا، بەلكىم سۆزىڭىزنىڭ ئۈنۈمى بولىدۇ ۋە كىشىلەرنى ۋە ئىدىيەسىنى تورا يولغا باشلىيالايسىز …
مانا بۇلارنى مەن، ”ھازىرنىڭ نەق ئىبادىتى“ جۈملىسىدىن دەپ قارايمەن …

”ھازىرنىڭ ئىبادىتى“ دېگەن نېمە بىلەمسىز؟
ھازىرنىڭ ئۆزىدە، مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە سىزنىڭ قىلىشىڭىز كېرەك بولغان ئەمەلدۇر. ئىنسان قىلالايدىغان سالىھ ئەمەللەرنىڭ كۆپلىكىدە، كىشى قانداق ئەمەلنىڭ قانداق چاغدا بەكراق مۇھىملىقىنى بىلىشى كېرەك. بىر ۋاقىتتا، بىر ئورۇندا مەلۇم بىر ئەمەل ئەڭ مۇھىم بولسا، يەنە باشقا بىر ۋاقىتا، باشقا بىر ئورۇندا، يەنە باشقا بىر ئەمەلنىڭ ئالدىنقى ئەمەلدىن بەكراق مۇھىم بولىدىغانلىقىنى بىلىش كېرەك.

مەسىلەن : ئىش ياكى خىزمەت ئۈستىدە بولغىنىڭىزدا( مەكتەپتە، دوختۇرخانىدا، زاۋۇتتا، شىركەتتە، دوكاندا، ئېتىزدا، لابىراتوردا…) ئىشىڭىزنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ، پۇختا قىلىشىڭىز، ئاللاھ ئالدىدا ئەڭ ئەۋزەل ئىبادىتىڭىز بولىدۇ.. نامازغا ئەزان توۋلىغاندا، ناماز ئوقۇشىڭىز ئەڭ ئەۋزەل ئىبادەت بولىدۇ…

ئەگەر سىز جامائەت نامازدا تۇرۇپ، يېنىڭىزدىكى نامازخان ھۇشىدىن كېتىپ، سىزنىڭ ياردەم قىلىشىڭىز كېرەك بولسا، پەرز ناماز بولسىمۇ ئۇنى كېسىپ، شۇ نامازخاننى قۇتقۇزىشىڭىز ئەڭ ئەۋزەل ئىبادەت بولىدۇ.. مانا بۇ، ئەڭ ياخشى ئەمەلنىڭ، ئاشۇ ۋاقىتتىكى ئاللاھقا ئەڭ سۆيۈملۈك بولغان ئەمەل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ .

يەنە تەسەۋۋۇر قىلىڭ.. ئۆيىڭىزدا بېرىلىپ قۇرئان ئوقۇۋاتاتتىڭىز.. بىر قوشنىڭىز ئىشىك چېكىپ، ئۆيىڭىزگە مېھمان بولۇپ كىردى.. بۇ چاغدا قايسىسى ئەۋزەل؟؟ قۇرئاننى ئوقۇۋېرىشىڭىزمۇ ياكى مېھماننى كۈتىشىڭىزمۇ؟؟ تەسەۋۋۇر قىلدىڭىزمۇ؟

قۇرئاننى قويۇپ، مېھماننى ئىززەت – ئىكرام بىلەن كۈتىسىز.. مانا بۇ ھازىرنىڭ ئىبادىتى… مانا بۇ ئىسلام.. ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئى دىنى..

يەنە بىر ئىشنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ: بىر ئوقۇغۇچى، ئۇنىڭ ئەتە ئىمتاھانى بار. ئۇ، مەسچىتكە بېرىپ ئۇ يەردە ۋەز ئاڭلىماقچى…
بۇ ئوقۇغۇچىغا دەيمىزكى، سىزگە نىسبەتەن، ھازىرنىڭ ئىبادىتى ئەتىكى ئىمتاھانىڭىزغا تەييارلىق قىلىشىڭىزدۇر(بەك ئۆگىنىۋېتىپ ئارام ئالىدىغان بولسا، بۇ باشقا)..سىزنىڭ ئىمتاھانغا تەييارلىق قىلىشىڭىز مەسچىتتىكى ئۇ ۋەزنى ئاڭلاشتىن ئەۋزەلدۇر..

يەنە بىر مىسال : بىر ئايال نەپلە روزا تۇتتى.. يولدىشى ئۇنى چاقىردى.. ئايالى روزىسىنى بۇزۇپ يولدىشىغا جاۋاپ بەردى.. مانا بۇ – يولدىشىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىش- ئۇ نەپلە روزىدىن ئەۋزەلدۇر..

دېمەك، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى ئەڭ ئەۋزەل ئىبادت، ۋاقىت ۋە زامانىغا قاراپ ئوخشىمايدۇ.. بىزنىڭ ھازىرقى زامانىمىزدا مۇسۇلمانلار ھەر جەھەتتىن ئارقىدا تۇرىۋاتىدۇ.. سانى ئازلىقتىن ياكى تەبىئى بايلىقى ئازلىقتىن ئەمەس، بەلكى، ئىلىمگە سەل قارىغانلىقتىن، چېرىكلىك ئەۋج ئالغانلىقتىن، ھەتتا بەزىبىر تەقۋادار دەپ قارالغانلارنىڭمۇ ئەخلاقىنىڭ ناچارلىقىدىن دېگەندەك نۇرغۇن سەۋەپلەر سەۋەبىدىن…

ئۆز ئوزىقىنى ئۆزى تېرىمايدىغان، ئۆزىگە لازىملىق نەرسىلەرنى ئۆزى ياسىمايدىغان، ئادالەت تۇرغۇزمىغان، ھەق – ھوقۇق دەپسەندە قىلىنىدىغان ئۈممەت تەرەققىي قىلغان ئۈممەت بولالمايدۇ. بۇ ھالەتتە، ئىلىم ئۆگۈنۈش، تارقىتىش، بىلىم مەدەنىيىتى بەرپا قىلىش، ئاللاھ ئالدىدا ئەڭ ئەۋزەل ئەمەل بولىشى مۇمكىن..

بىر ئانىنىڭ ياراملىق بىر ئەۋلات تەربىيلەپ چارچىشى، نەپلە روزا تۇرۇپ چارچىغىنىدىن ئەۋزەل بولىشى مۇمكىن.. چۈنكى ئۇ، ئۈممەت ئەڭ مۇھتاج ئەمەلنى قىلىپ ئاللاھقا ئىبادەت قىلدى. ئەلۋەتتە پەرزلەرنى تاشلىۋەتمىگەن شەرتتە.

بەلكى ئىچىڭىزدە دەۋاتقانسز : ئەي دوختۇر، گپىڭىز چۈشۈنۈشلۈك، ھەممىمز بىلىدىغان گەپ ! مەن سىزگە دەيمەنكى : بۇنى بىلگىنىڭىز ئۈچۈن ئاللاھقا شۈكۈر دەڭ. ئاندىن ئۇ گەپنى ئەمەلىيىتىڭىزدە تەتبىقلاڭ . چۈنكى مەن، خېلى يۇقۇرى شەرئى بىلىم ئالغان كىشىلەرنىڭمۇ بۇ ھەقىقەتنى ئاڭقىرىپ بولالمىغانلىقىنى كۆردۈم.

لىۋاننىڭ تارابلۇستا بىر شەرئىي مەھكىمىگە نىكاھ ئوقۇتقىلى كىرگەن ئىدىم. دەسلەپ بىر موللامنىڭ ئىمزاسىنى قويدۇرۇشۇم كېرەك ئىدى. ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كىرسەم قۇرئان ئوقۇۋاتقان ئىكەن.. ئالدىدا تۇردۇم ، ئۇ مېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ-يۇ، لېكىن قۇرئان ئوقىۋەردى.

ئىچىمدە دەپ كەتتىم : ئەي ھۆرمەتلىك موللام، سىز بۇ ئىشخانىدا كىشىلەرنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ، ئۇلارنىڭ ھاجىتدىن چىقىش ئۈچۈن ئولتۇرىسىز، قۇرئان ئوقۇش ئۈچۈن ئەمەس. خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقتىڭىزدا خالىغانچە قۇرئان ئوقۇڭ، لېكىن سىز خىزمىتىنى قىلىدىغان كىشىلەر كەلگەندە، سىزنىڭ ئىمزايىڭىزغا مۇھتاج بىرى كەلگەندە، سىز قىلىدىغان ئىبادەت شۇلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىشتۇر..

ئەمدى ئامماندىكى مېنىڭ ئامراق دوختۇرخانام ، بەشىر دوختۇرخانىسىغا كېلەيلى. سىزگە يەنە بىر مىسال بېرەي :
توغۇت ئوپىراتسىيەسى ئۈستىدە تۇرساق بامداتقا ئەزان چىقتى. ئانىغا ئوكسىگىن نەيچىسى تاقاپ تەييار قىلىپ بولغان ئىدۇق. يېنىمدىكى ياردەمچىمگە دېدىم : laryngoscope نى ئوبدانراق يۇيۇپ سالغىن.. ئۇ ئېرەنشىمەيلا چاتاق يوق، لېكىن ھازىر ناماز ئوقۇشۇم كېرەك دېدى.

سىزچە بۇ كىشى ئاللاھقا ئىبادەتنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى بىلگەنمىدۇ؟
ئالدىرىماڭ ! مېنى خاتا چۈشەنمەڭ ! مەن بامدات نامىزىنى جامائەتكە قاتنىشىپ ئوقۇشقا قارشى ئەمەسمەن . لېكىن، ھازىرنىڭ ئىبادىتى بولىۋاتقان ئىشنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە قىلىش، يەنى ئاشۇ ئوپىراتسىيە قىلىنماقچى بولغان ئانىغا لازىملىق سايماننى نامازغا بېرىشتىن بۇرۇن ئوبدان تازىلاش كېرەك ئىدى. ( ئۇ ياردەمچى جىددى ئوپىراتسىيەدە بولغانلىقى ئۈچۈن جامائەت نامىزىغا چىقمىىسىمۇ بولاتتى).. ئۇ كىشى ئاشۇ تازىلانمىغان سايماننى ئۆزىنىڭ تۇققىنىغا قوللىنىشنى ماقۇل كۆرەرمىدى؟

بەشىر دوختۇرخانىسىدىن يەنە بىر مىسال : لېكىن بۇ قېتىمقىسى ئىجابى . ئاياللار تۇغۇت بۆلىمى مۇتەخەسسىسى بىر ئايال دوختۇر بار بولۇپ، ئۆزى خىرىستىئان، كېيىن ئىسلامنى چۈشۈنۈپ مۇسۇلمان بولغان ئىدى.

بامداتقا يېقىن جىددى كەلگەن بىر ئانىنى ئوپىراتسىيە ئۈچۈن ناركوز قىلدىم . ئاندىن بالىنىڭ سالامەتلىكى ۋە ئانىنىڭ ھالىتىنىڭ مۇقىمدالغانلىقىنى پەملەپ، ئىشىكنى ئوچۇق قويۇپلا چىقىپ كەتتىم . ئۇدۇلدىكى دوختۇرلار ئىشخانىسىغا كىرىپ، جەينامازنى سېلىپ ئىككى رەكئەت نامازغا تۇرۇشقا تەمشەلدىم.. دەل مۇشۇ چاغدا، ئوپىراتسىيە قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر كېسەلنىڭ خەۋىرى كەلدى. بۇ ئايالنىڭ تۇغۇتى تەسلىىشىپ، ھامىلە بېسىمدا قالغان ئىدى (fetal distress).. خەۋەر بەرگەن كىشىگە دېدىم :مۇشۇ ئىككى رەكئەت نامازنى ئوقۇۋالاي، ئاندىن ئۇنى ناركوز قىلاي..

بۇ چاغدا ھېلىقى دوختۇرنىڭ ئاۋازى كەلدى : دوختۇر، ھازىر ناماز ئوقۇماقچى بولسىڭىز مەيلى، ئەمما مۇشۇ سەۋەپلىك سىز ئانىنى ناركوزلىماي، ھامىلىگە بىرەر كېلىشمەسلىك كەلسە، سىزنىڭ نامىزىڭىز ھالال ئەمەس دېدى.
شۇنداق، ”نامزىڭىز ھالال ئەمەس “ دېدى..

ئۇ مېنى مات قىلغان ئىدى. دەرھال ئوپىراتسىيە ئۆيىگە قايتىپ ھېلىقى ئانىنى ناركوزلىدىم. ئاندىن ناماز ئوقۇدۇم.. ئۆزەمگە سوئال قويدۇم : ئەگەر مەن ناماز ئوقۇيمەن دەپ، ناركوز كېچىككەن سەۋەپلىك ھامىلىگە زەرەر يەتكەن بولسا ئۆزۈمدىن رازى بولۇرمىدىم ؟

بەزى ئەرەب دۆلەتلىرىدە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلىدىغانلار ناماز ئوقۇش باھانىسى بىلەن نامازدىن يېرىم سائەت بۇرۇن چىقىپ، نامازدىن يېرىم سائەت كېيىن قايتىشىدۇ. بۇلارغا دەيمەنكى : ئىنساپ قىلىڭلار! سىلەر كىشىلەرنىڭ ئىشلىرىنى توختۇتۇپ قويۇپ، ئۇلارنىڭ ۋاقتىنى ئېلىشىڭلار، پەرز ناماز ئوقۇيتتۇق دېسەڭلارمۇ دىندارلىقتىن، ئىمان ۋە ئېھساندىن تولىمۇ يىراق.

پەيغەمبېرىمىزنىڭ مۇنۇ ھەدىسىنى ئويلىنىپ كۆرەيلى:
ئەنەس رەزىياللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگىنىنى يەتكۈزگەن :
“ ئەگەر قىيامەت قايىم بولۇپ بىرىڭلارنىڭ قولىدا (تىكمەكچى بولغان ) بىر كۆچەت بولۇپ قالسا ، ئۇنى تىكىۋىتىشكە قادىر بولالىسا، تىكىۋەتسۇن»

دىققەت قىلدىڭلارمۇ ؟ قىيامەت بولدى، دۇنيادىكى ھەممە نەرسە يوقالماقچى.. قولىڭىزدا تىكمەكچى بولىۋاتقان بىر كۆچەت بار، نەچچە يىلدىن كېيىن ئاندىن مىۋە بېرىدۇ.. يەنى ئۇنىڭ مىۋىسىنى كۆرەلمەيمىز..
ئاندىنچۇ؟؟ مۇشۇنداق دەپ كۆچەتنى تاشلاپ، قۇرئان ياكى ناماز ئوقۇمسىز؟
ياق، بەلكى ياخشى ئىشىڭىزنى داۋاملاشتۇرىۋېرىسىز..

ئاللاھ پاكتۇر، ئۇنىڭغا ھەمدۇ-سانالار بولسۇن.. مەن خىزمەتداشلىرىمغا دەپ كەلدىم : ئەگەر قىيامەت قايىم بولۇپ، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئوپىراتسىيەخانىدا، كېسەلگە ئوكسىگىن تاقىۋاتقان بولسا، كىشىلەرگە خىزمەت – ئاللاھ يولىدا ئىخلاس بىلەن قىلىۋاتقان شۇ ئىبادىتىڭىز-نى داۋاملاشتۇرىۋېرىڭ… شەرىئەت جەھەتتىن سىزنىڭ قىلىشڭىز كېرەك بولغىنى شۇ. باشقا ئىشلارنى قىلىدىغانلارمۇ مۇشۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئىشىنى سېلىشتۇرسا بولىدۇ.

بىز دىنىمىزنى توغرا چۈشۈنۈپ، ھەقىقى ئەمەل قىلغان كۈنى نېمە ئىشلار بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلدىڭىزمۇ ؟ ئىسلامنىڭ نەقەدەر كاتتىلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلدىڭىزمۇ ؟ ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئى دىنى بولغان بۇ دىندا ئاخىرەتكە ئاپىرىدىغان يول دەل دۇنيا يولىدۇر. بۇ يولدا ئىش بىلەن ئىبادەت ئايرىۋېتىلمىگەن . ئىسلامدا ئىككىلىسى بىر، يۇغۇرلۇپ كەتكەن.. بىردىنبىر توغرا بولغان ئاشۇ يولدا ئىككىسى بىللە ماڭىدۇ …

كېلىڭ بىللە دۇئا قىلايلى :
پەرۋەردىگارىم بىزنى ئىجابي، نەتىجىلىك مۇسۇلمانلاردىن قىلغىن.. سالىھلارغا ھەمراھ قىلغىن !

تەرجىمە قىلغۇچى: قارلۇق

مەنبە : https://islamonline.net/sahem/19794

مالىمانچىلىق شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلمان تەختكە چىققاندىن كېيىن ئىشلار

ئاپتورى: دېۋىد ھېرست

ئەنگىلىيەلىك يازغۇچى دېۋىد ھېرست، ئامېرىكا ھافىڭتون پوست بېتىدە يازغان ماقالىسىدە سەئۇدىيە پادىشاھ ئائىلىسىدە ۋەلىئەھدى مۇھەممەد بىن نايىفنى ئېلىۋېتىپ، ئورنىغا ئىككىنچى ۋەلىئەھدى مۇھەممەد بىن سەلماننى تەيىنلەش ئىشى ئۈستىدە توختالدى.
تۆۋەندىكىسى ماقالىدىن پارچىلار :

”شۇنداق قىلىپ، مەن پادىشاھ سەلمان ھوقۇققا چىققاندىن بېرى دەپ كېلىۋاتقان، قەسىردىكى سىياسى ئۆزگۈرۈش يۈز بەردى.. ھەممەيلەن قاتاردا سىياسى ئۆزگۈرۈش بولۇشىنى كۈتەتتى، لېكىن سەئۇدىيەدە يۈز بەردى.“
”بۇ ئۆزگۈرۈش، مۇسۇلمانلار يېڭى كۈن تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن ئوقۇيدىغان بامدات نامىزىدىن كېيىنلا بولدى. نەتىجىدە مىليونلىغان سەئۇدىيەلىكلەر ئويغۇنۇپ، يېڭى بىر رېئاللىق بىلەن ئۇچراشتى. ئۇ بولسىمۇ 31 ياشلىق بىر شاھزادىنىڭ ئۇلارنىڭ كەلگۈسى پادىشاھى بولىدىغانلىقى ئىدى.“
”ئۇنىڭ دادىسى پادىشاھ سالمان نىڭ تەختتىن چۈشىشى پەقەت ئېلان قىلىشتىلا قالدى ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ ريادقا قىلغان زىيارىتىدە ، پادىشاھ سالماننىڭ بىۋاستە تارقىتىلغان ئەرەب تىلىدىكى نۇتقىنى ئاڭلىغانلار شۇ ۋاقىتتا چۈشىنەلمىگەن ئىدى.“
”مانا شۇنداق قىلىپ، مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ تەختكە چىقىشىدىكى ئاخىرقى توساق يەنى ئۇنىڭ تاغىسى مۇھەممەد بىن نايىفنىڭ بارلىق نوپۇزى تارتىۋېلىندى. بىن نايىف ئاخىرىغىچە تىركەشكەن بولسىمۇ ، بۇ ئاقىۋەتنى توسۇپ قالالمىدى .“
”باشتا ئۇ پادىشاھلىق دىۋانىنى قولدىن بېرىپ قويدى، ئاندىن دۆلەتلىك بىخەتەرلىك كېڭىشى تەسىس قىلىنىپ، ئۇنىڭ نوپۇزى چەكلەندى، تەپتىش ھوقۇقىمۇ تارتىۋېلىندى. بۇ ئىش ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقداشلىرىدىن بولغان قاتارغا قىلىنغان ئىمبارگو بىلەن ئاخىرلاشتى“

”بۇ تۈزۈلمە قەبىلە تۈزۈلمىسى. بۇ تۈزۈلمىدە، قەبىلە باشلىقى قانداق يولغا كىرسە ، سېنىڭ ئۇنىڭغا ئەگىشىشتىن باشقا چارەڭ يوق. بويسۇنۇش بىلەن بىرلىككە كېلىشنى ئارىلاشتۇرىۋەتمەسلىك كېرەك. گەرچۇ بۇ ئىش بۇرۇندىن پەرەز قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن يۈز بەرگەندە  شەكسىزكى، 1964. يىلى پادىشاھ فايسال پادىشاھ سەئۇدنى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇرلىغاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ زەربە بولدى دېيىشكە بولىدۇ.“

بۇ نېمىنى بىلدۈرىدۇ ؟

ھېرستنىڭ قارىشىچە “ ھاكىمىيەتنىڭ پۈتۈن كۈچى ھازىر تەجرىبىسىز، باشتوڭ بىر ياش بالىنىڭ قولىغا جەملەشتى. ئۇ مۇداپىئە مېنىستىرلىكىدە تۇرغان قىسقىغىنە ۋاقىتتا باشتوڭ دېگەن داڭقا ئېرىشكەن.
ئۇ يەمەندە ھۇسىيلارغا قارشى ئۇرۇش ئاچتى، ئاندىن مالدىۋ ئاراللىرىدا ئارام ئېلىش ئۈچۈن يوقاپ كەتتى. ئامېرىكا مۇداپېئە مېنىستىرى ئۇنى تاپقۇچە بىر قانچە كۈن ئىزلىدى. بۇ ئۇرۇشتا ئون مىڭدەك كىشى ئۆلگەندىن كېيىنمۇ، ھۇسىيلار يەنىلا پايتەخت سانئانى ئىگەللەپ تۇرماقتا. ئازات قىلىنغان جەنۇپ تەرەپ بولسا، بۇرۇنقى زۇڭتۇڭ ئابدۇراببۇ مەنسۇرغا قارشى چىقتى، ئۇ يەردە خولىرا ۋاباسى تارقالدى. ”

بىن سەلمان قولىغا ئالغان ھەرقانداق ئىش ئۈنۈمسىز ئاخىرلاشتى

ھېرست يەنە مۇنداق دەيدۇ : ”ئۇ ئەڭ باشتا، دۆلەت مەمۇرلىرى مائاشىدىن تۇتۇۋېلىش ئارقىلىق، ئىقتىسادچىللىق بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويدى. ئۇنداق قىلمىساق دۆلەت بەش يىلدا ۋەيران بولىدۇ دەپ ئاگاھلاندۇردى. كېيىن ئۇ مائاش تۇتۇۋېلىشنى بىكار قىلىپ، ئىقتىساد مۇقىملاشتى دەپ تۇرىۋالدى. ئاندىن ئۆزلىكىدىن ئامېرىكىدىن 500 مىليارد دوللارغا قۇرال ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرخىل سودا توختىمى تۈزدى“

”ھازىر، ئىقتسادچىللىق سىياسىتى تەتبىقلىنىۋاتقان بۇ دۆلەتتە، پۈتۈ سەئۇدىيەلىكلەر بىر ھەپتە قوشۇمچىسى بىلەن، ھېيتتا ئىككى ھەپتە دەم ئالماقچى.“

”ئۇنىڭ باشتۇڭلۇق بىلەن چىقارغان قارارلىرىنىڭ تەپىسىلاتى ئېنىق ئەمەس. يەنى ئۇ قارارلارنى قانداق ئىجرا قىلىدۇ دېگەندەك . نىفىت گېگانتى ئارامكونىڭ 5% پېيىنى لوندون ۋە نيويورك ئاكسىيە بازىرىدا سېتىشقا چىقىرىش قارارىغا قارىتا ئاگاھلاندۇرۇشلار چىقتى. نيويوركتا، 11.سىنتەبىردا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلىلىرىنىڭ بۇ شىركەتنىڭ بازارغا كىرگەنلىكىدىن پايدىلىنىپ دۆلەت  ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلىشى ياكى دۆلەتنىڭ زاپاس مەبلىغىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلىش خەتەرلىرى بار. لوندون تەرەپمۇ بۇ پىلانغا قارشى تۇرىۋاتىدۇ.“

”سۈرىيەدىمۇ ئوخشاش ھېكايە، ئۇ يەردىكى ئەڭ رادىكال گورۇھلارنى كىمنىڭ قوللىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمايلى. بۇ ئىش بەندەر بىن سۇلتان دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى چاغدا بولغان . ئۇ چاغدا باسقۇنچىلىق ،قاتىللىق بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان 1239 جىنايەتچى سۈرىيەگە بېرىپ ”جىھادقا قاتنىشىش“ شەرتى بىلەن قويىۋېتىلگەن . بۇ، 2012 .يىلى 17. ئاپرىل تارىخلىق ھۆججەتتە ئوچۇق يېزىقلىق.“

”مۇھەممەد بىن سەلمان سۈرىيە مەسىلىسىنى باشقۇرۇشتا، سۈرىيە ئۆكتىچى گورۇھلىرىنىڭ چوڭ كىچىك ئىشلرىغا يېقىندىن ئارىلىشىشتىن(ھەتتا جەنۋەدىكى سۆھبەتى بۇزۇش ئۈچۈن، سۆھبەت گورۇپپىسى باشلىقىغا، قانداق چاغدا يىغىننى تاشلاپ چېكىنىش ۋاقتىدىن تارتىپ بېكىتىپ بەرگەن.) پۈتۈنلەي كارىنى قىلماسلىققا ئۆزگەردى. سىز سەئۇدىيەگە ئىتتىپاقداش بولسىڭىز، ھەرۋاقىت كارى بولماسلىق ئاندىن پۈتۈنلەي ئۇنتۇلۇش مۇئامىلىسىگە ئۇچراش ئېھتىماللىقىڭىز بار.“

ھېرستنىڭ قارىشىچە  مۇھەممەد بىن سەلمان مەيلى  سۈرىيە ياكى قاتاردا بولسۇن، ”مالىمانچىلىق شاھزادىسى ”دېگەن نامغا ئېرىشتى.

بىن سالماننىڭ ”پىرى“

ھېرست يەنە مۇنداق دەپ يازغان : يۇقارقى ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇ باشقىلارنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەگەشكەن. ئۆز ۋاقتىدا middle-east-eye تورى ئاشكارىلىغاندەك، مۇھەممەد بىن سۇلايماننىڭ ”پىرى“ ئەبۇ زەبى ۋەلىئەھدىسى مۇھەممەد بىن زايىد، ئۇنىڭ ئەرشكە ئەڭ تىز ئولتۇرۇشى ئۈچۈن ئىككى ئىشنى مەسلىھەت بەرگەن.“

”بىرىنچىسى : ئىسرائىلىيە بىلەن ئالاقە يولىنى ئېچىش. بىن سەلمان بۇنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئۇنىڭ باشقۇرىشىدا سەئۇدىيە باشقا ھەرقانداق ۋاقىتقا قارىغاندا، تىل ئاۋىۋ بىلەن سودا ئالاقىسى قۇرۇشقا ئەڭ تەييار ھالەتتە تۇرماقتا. شۇڭلاشقا تاشقى ئىشلار مېنىستىرى ئادىل جۇبەير ۋە ئامېرىكىنىڭ ب د ت ۋەكىلى نىكى ھايلىنىڭ ھاماسنى قارا تىزىملىككە قويۇش ئۈچۈن ئوخشاش مەنبەدىن كېلىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس.“

”ئىككىنچىسى : سەئۇدىيەدە دىننىڭ نوپۇزنى ئازايتىش. گەرچە بىن سەلمان دىنى ئورگانلارنىڭ سەئۇدىيەلىكلەرنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدىكى نوپۇزىنى ئازايتىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە، بۇ ئورگانلارنى ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈنمۇ قوللىنىدۇ. بۇنىڭ روشەن دەلىلى ئۆلىمالار ھەيئىتىنىڭ تىۋىتتەردىكى باياناتلىرى دىننى سىياسەتكە قانداق خىزمەت قىلدۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.“

تۆۋەندىكسى ئۆلىمالار ھەيئىتىنىڭ تىۋىتتەر باياناتلىرىدىن :
”ئىخۋانلار توغرا مەنھەجدىكىلەردىن ئەمەس“ شەيخ لۇھەيدان
”ئىخۋانلار ھاكىمىيەتكە ئېرىشمەكچى، ئەقىدىنى توغرىلاشقا دەئۋەت قىلمايدۇ“ شەيخ ئەلفەۋزان
”قۇرئان ۋە سۈننەتتە كۆپ پارتىيە ۋە كۆپ جامائەتكە يول قويىدىغان دەلىل يوق، بەلكى ئۇنى ئەيىپلەيدۇ“

”بۇ باياناتلار بېرىدىغان ئۇچۇر ئىنتايىن ئېنىق. نېگىزى شۇ : سىياسى پارتىيەلەرگە رۇخسەت يوق، سىلەرگە دېمۇكراتىيە ئەمەس بەلكى  ھوقۇقپەرەسلىك ۋە دىن نامىدا دىكتاتورلۇق بار“

”ئالدىنقى كۈنىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ ۋاقتىمۇ دىققەت چېكىدۇ. مۇھەممەد بىن سەلمان پادىشاھ ئائىلىسىدىن ۋە پۇقرالاردىن مەككىدە رامىزاننىڭ 27. كۈنى، ئىبادەت ئەجرى نەچچە مىڭ ھەسسىلىنىدىغان، ئىسلام كالىندارىدا ئەڭ مۇقەددەس بىر كېچىدە بەيئەت ئالماقچى.“

ھېرست يەنە مۇنداق يازدى ”بۇنداق ئادەم دىننى دۆلەت ئىشلىرىدىن يىراقلاشتۇرىدىغان بىرى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ دىكتاتۇرلۇق  ھاكىمىيىتىنى مۇقىمداش ئۈچۈن دىننى سۈيئىستىمال قىلىدىغان بىرى.“

”قاراقچىلار دائىم بىر-بىرىنى ئۆرۈشكە كۆنۈپ قالغان . ھازىرغىچە بىن زايىد -سىياسى ئىسلام ۋە دىموكراتىك ئىسلاھات ھەرىكىتى قىلىۋاتقانلاارغا قارشى جان جەھلى بىلەن زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان شەخس- بىن سالمانغا ياردەم قىلىدۇ. چۈكى بىن زايىد بىن سالماننىڭ پادىشاھ بولىشىغا يول راسلىغۇچى.“

”لېكىن، بىن سالمان تەختكە ئولتۇرسا، ياش پادىشاھ ئۆزىنىڭ دۆلىتىدىن نەچچە ھەسسە كىچىك بىر دۆلەتتىكى ۋەلىئەھدىدىن كۆرسەتمە ئېلىشنى ياقتۇرمايدۇ. ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ مەنپەئەتلىرى ئوخشىمىغانلىقتىن ئارىسى بۇزۇلىدۇ. بىز بۇ ئەھۋالنى مىسىردا بىر قېتىم كۆردۇق. پۈتۈن كۈچى بىلەن يۆلەپ چىقارغان مسىر دىكتاتورى، سەئۇدىيەنى ئىرانغا قارشى كۆرىشىدە قوللىمىدى.“

”بىن سالمان ۋە بىن زايىد ئىتتىپاقى ئۇلارنىڭ كۈچىيىۋاتقان نوپۇزىغا قارشى، ئۇلار خالىماي، يېڭى ئىتتىپاقلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەپ بولىدۇ. سەئۇدىيەنىڭ قاتار بىلەن چېگراسىنى تاقىشى بىلەن تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ دەۋھەگە كېلىشى تىزلەشتى. بەلكى تۈركىيە، كۈۋەيت ۋە ئومان ئىران بىلەن يېقىنلىشىىشى مۇمكىن. بۇنداق بولسا، ھىزبۇللاھ بىلەن ھاماسنىڭ سۈرىيە ئۇرۇشى سەۋەپلىك بۇزۇلغان ئارىسىمۇ تۈزىلىشى مۇمكىن“

ھېرست ئاخىرىدا ”پادىشاھ ئابدۇللانىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن سالمان ۋە ئوغلى مۇھەممەد ھاكىمىيەتنى ئالغاندا، كىشىلەر بۇ ئىككىسىنىڭ پۈتۈن سۈننىيلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، بۇ رايۇن ئەڭ زار بولغانغا بىر رەھبەرلىكىنى بارلىققا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىت قىلغان . لېكىن ئۇنداق قىلىشنىڭ ئورنىغا، بۇ ئىككى كىشى بۇ رايۇننى كېيىن قايتا تۈزەلتىكى بولمايدىغان دەرىجىدە بۆلىۋەتكەندەك قىلىدۇ“

تەرجىمە قىلغۇچى: ئۆچمەس

مەنبە: http://arabi21.com/story/1015940/%D9%87%D9%8A%D8%B1%D8%B3%D8%AA-%D9%85%D8%AD%D9%85%D8%AF-%D8%A8%D9%86-%D8%B3%D9%84%D9%85%D8%A7%D9%86-%D8%A3%D9%85%D9%8A%D8%B1-%D8%A7%D9%84%D9%81%D9%88%D8%B6%D9%89-%D9%85%D8%A7%D8%B0%D8%A7-%D8%A8%D8%B9%D8%AF-%D8%AA%D8%B9%D9%8A%D9%8A%D9%86%D9%87

باغدادىنىڭ ئۆلۈشى بىلەن دائىش يوقىلامدۇ؟

ئاپتورى: شەمسۇددىن ئەلنەققاز (تۇنىس)

پات پات دۆلەت تەشكىلاتى باشلىقى ئەبۇ بەكرى باغدادىنىڭ ئامېرىكا ياكى روسيە ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋېرى چىقىپ تۇرىدۇ. باغدادى  بولسا ئارىلىق تاشلاپ ئانچە مۇنچە ئاۋازلىق بايانات ئېلان قىلىپ، جەڭچىلىرىگە ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەشۋىق قىلىۋالىدۇ.

قارىغاندا باغدادى، ئىتتىپاقداش ئارمىيە ، روسىيە ۋە ئىراق ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلىكى ھەققىدىكى رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغاندەك قىلىدۇ.  دۇنيادىكى بىرىنچى نۇمۇرلۇق ئىزدىلىۋاتقان كىشى، بۇ خەۋەرلەرنى ئۆزىنى سىرتتا تەشۋىق قىلىشتىكى پۇرسەت ، يېنىدىكىلەرگە بولسا قىزىقارلىق بىر يۇمۇر سۆزلەپ ، كەيپىياتىنى ئۈستۈرىدىغان پۇرسەت دەپ بىلسە كېرەك.

ئالدىنقى ھەپتە روسىيە مۇداپىئە مېنىستىرلىكى باياناتىدا سوخوي35 ۋە سوخوي 34 كۆرەشچى ئايروپىلانلىرىنىڭ 28.مايدا دۆلەت تەشكىلاتىنىڭ رەققەنىڭ جەنۇبىدىكى بىر يىغىلىشىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، بۇ ھۇجۇمدا باغدادىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دائىش باشلىقلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىنى ئېلان قىلغان .

يۇقارقى باياناتتا يەنە، بۇ قېتىمقى روس ھۇجۇمىدا ئۆلگەن دائىش باشلىقلىرىنىڭ 30، ئەسكەرلەردىن 300 ى ئىكەنلىكى، ئارىسىدا رەققە ئەمىرى ئەبۇھەججى ئەلمىسرى، رەققەدىن سۇخنەگىچە بولغان رايۇن ئەمىرىى ئىبراھىم نايىف ئەلھاج ۋە دائىش ئىستىخبارات باشلىقى سۇلايمان شەۋۋاھ بار دەپ ئېلان قىلىنغان.

روسىيە مۇداپىئە مېنىستىرلىكىنىڭ بۇ باياناتى مىسلىسىز يالغانغا  تولغان بولۇپ، ئىتتىپاقداش ئارمىيە باياناتچىسى ريان دايلۇن بۇ خەۋەرنىڭ  راستلىقىدىن گۇمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، باغدادىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى جەزملەشتۈرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان . نەتجىدە روسىيە تەرەپ تىزلا تېمىنى ئۆزگەرتىپ، باغدادىنىڭ يۇشۇرۇنغا ئورنىنى ئېچىپ تاشلايدىغان باشقا بىر ئەپقاچتى گەپ چىقارماقچى بولغان.

بىز بۇ ئۇچۇرلارنى ئازراق تەھلىل قىلىپ سوئال قويۇپ باقايلى. ھەر تەرەپتە مۇھاسىرە ئىچىدە قالغان بىر تەشكىلات قانداقسىگە بۇنچە كۆپ ئادەمنى كەلگۈسى پىلانلىرىنى تۈزىش ئۈچۈن بىر يەرگە يىغالىدى؟

ئىككىنچى سوئال بولسا : ھەر تۈرلۈك ئايروپىلانلار رەققا ئاسمىنىدا ئايلىنىپ يۈرگەندە، 300 دىن ئارتۇق ئادەمنى بىرلا ۋاقىتتا سىغدۇرغىدەك ئورۇن بارمىكەن؟؟
ئۈچۈنچى سوئال : قايسى بىر ئەقىل ئېگىسى بۇنداق ئەقىلگە سىغمايدىغان روس ھېكايىسىگە ئىشەنسۇن؟

بىز بۇ بايانات ھەققىدە ئارتۇق گەپ قىلمايمىز. ئەمما ئەبۇ بەكرى باغدادىنىڭ ھازىرقى رولى ۋە ئۇنىڭ ئۆلىمىنىڭ تەشكىلات ۋە ئەسكەرلىرىگە ۋە ئۇنىڭدىن جاق تويغان ”پۇقرالىرى“غا قانچىلىك تەسىرى بارلىقى ھەققىدە،  شۇنداقلا ئىتتىپاقداش ئارمىيە ھەم روسىيەنىڭ پات – پات ئۇنىڭ ئۆلىمىنى ئېلان قىلىشتىكى مەقسىدى ھەققىدە توختىلايلى.

ئەبۇ بەكرى باغدادىنىڭ ئەسلى ئىسمى ئىبراھىم ئاۋاد ئىبراھىم ئەلبەدرى، ئۇ باغدادنىڭ شىمالىدىكى سامەررا شەھرىدە 1971 .يىلى سۈننى  ئائىلىدە تۇغۇلغان . بىر مەزگىل جىھاد تەشكىلاتىغا يىتەكچىلىك قىلىپ، 2014. يىلى ئىيۇندا سايكس پىكو چېگرالىرىنى بۇزۇپ، خىلاپەتلىك ئېلان قىلىپ پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان  بولۇپ، ئاددەتتىكى بىر شەخس ئەمەس .

ساددام ھۈسەين ئىسلام تەتقىقاتلىرى ئۈنىۋېرسىتدىن قۇرئان تەتقىقاتلىرىدا دوكتۇرلۇقنى ئالغان باغدادى ناتىقلىقى بىلەن رەھبەرلىك سالاھىتىگە ئېگە شەخس. كۈزەتكۈچىلەر ۋە تەھلىلچىلەر ئىبراھىم ئاۋاد ئەلبەدرىنى ئۇستا ناتىق، قۇرئان ۋە ھەدىستىن دەلىل ئېلىشقا كەلگەندە، سۆزلىرىنى ئىنتايىن ئىنچىلىك بىلەن تاللايدۇ دېيىشىدۇ.

دائىشنىڭ كېڭەش مەجلىسىدىكىلەر باغدادىنىڭ ئۆلىمىنىڭ، خىلاپەت دۆلىتىنىڭ دەردىنى كۆپەيتىۋېتىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئامېرىكا ئىراقنى بېسىۋالغاندا ”بوكا“ تۈرمىسىدا تۇرغان ئون ئايدا جىھادچىلارنى ئۆزىگە قارىتىۋالغان باغدادى، خىلاپەتلىك ئېلان قىلىپ پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ، بازا تەشكىلاتى باشلىقى ئەلزاۋاھىرىنى ئىچىگە ئالغان باشقا جىھادچىلاردىن دىققەتنى ئۆزىگە تارتىپ كەلگەن.

جىھادچىلار يازمىلىرىدا،  باشلىقلىرىنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئۇلارغا چوڭ تەسىرى بولمايدىغانلىقى، ئۇلارنى تۇتقان يولىدىن گۇمانلاندۇرۇشنىڭ ئەكسىگە، تېخىمۇ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىشىدۇ.
دائىشنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى سەپ باشلىقلىرىدىن نەچچە ئونى ئۆلگەن بولسىمۇ، تەشكىلات ئىچكى كىرىزىس ياكى بۆلۈنۈش خەۋپىگە دۇچ كەلمىدى. لېكىن ئىككى يىل بۇرۇن ”بىلمىگەن كىشىنىڭ ئۆزرىسىنى قوبۇل قىلىش“ مەسىلسى ھەققىدە باغدادىنى كاپىرغا چىقارغان بىر قىسىم موللىلىرىنى ئۆلتۈرۋەتكەن.

ئامېرىكا ۋە روسىيەنىڭ باغدادىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن رېقابەتلىشىشى، ئۇزۇنغا سوزۇلغان بۇ ئۇرۇشتا مەنىۋى غەلىبىگە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ. لېكىن كۆپلىگەن كىشى، پات پات باغدادىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلىشنىڭ ئارقىسىدا باغدادى ياكى ئۇنىڭ يېقىنلىرىنىڭ ئۆز ئارا قىلغان ئالاقىسىنى قولغا چۈشۈرۈش مەقسەت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

ئاخىرىدا دەيمىزكى، ئەمەلىيەتتە باغدادىنىڭ ئۆلىمىنىڭ دائىشقا بولىدىغان تەسىرى بەكمۇ چوڭ، گەرچە كېيىنكى خەلىپىنى تاللاش كېڭەش مەجلىسى تەرىپىدىن ئېنىق بىكىتىلگەن بولسىمۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يېڭى زامان تارىخىمزدىكى ئەڭ ۋەھشى تەشكىلاتنى قۇرغان كونىلار بىر بىرلەپ ئۆلتۈرۈلۈپ تۈگىدى. ئۇلار ئۆزلىرىدىن كېيىنكى يېڭى بىر ئەۋلاد ياشلار ۋە ‘خىلاپەت شىرلىرى“گە يول ئېچىپ قويۇپ كەتتى. لېكىن بۇ ياشلاردا كونىلاردىكى ئەقىل ۋە تەجرىبىلەر يوق. شۇڭلاشقا نەچچە ئون مىڭ ئەسكىرىى ئۆلۈپ تۈگىگەن بۇ تەشكىلات، ئىتتىپاقداش ئارمىيە ئىراق ۋە سۈرىيەدە بۇلارغا قارشى ئۈچ يىل بۇرۇن باشلىغان بۇ ئۇرۇشتا تىزلا يوقىلىپ تۈگىشى مۇمكىن .

تەرجىمە قىلغۇچى: ئۆچمەس

مەنبە: http://www.noonpost.org/content/18475

ئىتتىپاقداشلارنىڭ راققانى بومباردىمان قىلىشىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئىشەنگ

رويتېرز ئاگېنتلىقى ب د ت نىڭ ئۇرۇش جىنايەتلىرى مۇپەتتىشلىرىدىن نەقىل ئېلىشىچە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرپ ۋە ئەرەپ دۆلەتلىرى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ رەققەنى قايتۇرىۋېلىش ئۇرۇشىغا قىلغان ھۇجۇمىدا ”پۇخرالاردىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئىشەنگۈسىز كۆپ“

كۇرتلەردىن تەركىپ تاپقان سۈرىيە دېموكراتىك ئارمىيەسى ۋاشىنگتوننىڭ باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداشلارنىڭ ياردىمى ئاستىدە رەققانى قايتۇرىۋېلىش جېڭىنى ئۆتكەن ھەپتە باشلاتقان.  ئىتتىپاقداشلارنىڭ ھاۋادىن قىلغان كۈچلۈك ھۇجۇمى ياردىمى ئاستىدا شەھەرنىڭ بەزى رايۇنلىرىنى ئىگەللىدى.

ئىنسان ھەقلىرى كېڭىشىنىڭ تەپتىش گورۇپپىسى باشلىقى پاۋلو بىنىيرو مۇنداق دېدى : سۈرىيە دېموكراتىك ئارمىيەسىنىڭ ئىلگىرلىشى ئۈچۈن يول ئاچقان ھاۋادىن قىلىنغان ھۇجۇم پەقەت پۇخرالارنىڭ ئىشەنگۈسىز كۆپ ساندا ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. يەنە 160 مىڭغا يېقىن پۇخرانىڭ ئۆيلىرىدىن ئايرىلىپ كۆچمەن بولىشىغا سەۋەپ بولدى“. بېنىيرۇ ئۆلگەنلەرنىڭ ئېنىق سانىنى بەرمىدى. رەققادا ئوخشىمىغان تەرەپلەر زېمىن ئېگەللەش ئۈچۈن بەسلىشىۋاتىدۇ. غەرپ تەرەپتىن سۈرىيە ئارمىيەسى كېلىۋاتىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن ئىنسان ھەقىلرى كۈزىتىش ئورگىنى ئېلان قىلغان باياناتىدا ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ پۇخرالار ئولتۇراقلاشقان رايۇندا چەكلەنگەن كۆيدۈرگۈچى فوسفور قوللانغانلىقى سەۋەپلىك ئۇلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئورگان ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن دائىش مۇسىلنى ئىگەللەپ تۇرغاندا، ئوخشاشلا چەكلەنگەن كۆيدۈرگۈچى فوسفور قوللانغانلىقىنى تىلغا ئالغان .

تەرجىمە قىلغۇچى: ئۆچمەس

مەنبە: http://alasr.ws/articles/view/18724

ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەگە سىنارەد يۆتكىشى ”بىخەتەر بۆلگە“ تەييارلىقىدۇر

ئامماندىكى ئەلقۇدۇس گېزىتىنىڭ مۇدىرى ئامېرىكىنى سۈرىيەدە ئۇرۇشقا ئارىلىشىپ قېلىشنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى ئالدى دەپ، ئامېرىكىنىڭ بىرقانچە كۈن ئىلگىرى سۈرىيەدىكى ئوخشىمىغان دۆلەتلەرنىڭ كۈچ تالىشىش نۇقتىسى بولۇپ قالغان تەنەف رايونىغا ئۆزىنىڭ ئەڭ ئىلغار ۋە كۈچلۈك دەپ قارالغان ھىمارس سىنارەد سىستېمىسىنى يۆتكىگەنلىكىگە باھا بەردى.

ئامېرىكا ھەربى تەرەپتىن ئۈچ مەسئۇل كىشى ئامېرىكا تاراتقۇلىرىغا بەرگەن دوكلاتلىرىدا بۇ ھەقتە توختالغان بولۇپ، سىنارەتلەر ئىئودارنىيەدىن سۈرىيە ئىچىگە 20 كىلومتېر دائىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ ھەرىكەت ئىراننىڭ ئىنقىلاپ قوغداش ئارمىيەسى گېنىرالى قاسىم سۇلايمانىنىڭ تەنەف رايۇنىغا شەرق تەرەپتىن كىرگەنلىكىگە قارشى ئېلىنغان  قەدەم دەپ قارالدى. سۇلايمانىنىڭ بۇ رايۇنغا ئىككى ھەپتە بۇرۇن كىرگەن ئىران، ئافغان ۋە بېنگاللىقلارشىئەلەردىن تەركىپ تاپقان ئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىكتە چۈشكەن رەسىمى تارقالغان ئىدى.

مۇدىرنىڭ قارىشىچە ئامېركىنىڭ سىنارەت يۆتكەشتىن مەقسەت، بۇ رايۇنغا ئۈزۈكسىز يېقىنلىشىۋاتقان ۋە سۈرىيە ھەم روسىيە سۈكۈتتە قوللاۋاتقان شىئە ياللانما ئەسكەرلىرىگە بېرىلگەن سىگنال ئىكەن.

ئۇنىڭدىن بۇرۇن تەنەفكە ئىئوردانىيە تەرەپتىن ئورۇنلاشقان ئامېرىكا ئارمىيەسى سۈرىيە قوشۇنى ۋە شىئە ئەسكەرلەرنى بۇ رايۇنغا 50 كىلومېتىرگىچە يېقىنلىشىشتىن ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

لېكىن چىققان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، سۇلايمانى ھىيلە ئىشلىتىپ، شەرق تەرەپكە ئورۇنلىشىپ چوڭ بىر بازا قۇرغان بولۇپ، بۇ ئىشنى ئاممان(ئىئوردانىيە)، دەرئا تەرەپتىن يېقىنلاشقان ھىزبۇللا ئەسكەرلىرىنىڭ  كېلىشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىگە تەھدىت دەپ قارىغان

كۈزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە ئىرانلىقلار ۋە شىيئەلەرنىڭ بۇ ئىلگىرلەشتىن مەقسەت ئوتتۇرا دېڭىزغا تۇتاشقان سۇ يولى ئېچىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ،  شۇ سەۋەپتىن ئىئوردانىيە ۋە ئامېرىكا بىرلەشمە قومانداقلىقى تىز سۈرئەتتە ئىنكاس قايتۇرغان.

بەزى مەنبەلەر ئامېرىكا بىلەن روسىيەنىڭ ئارىسىدا مەخپى كېلىشىم بارلىقىنى ، بۇ كېلىشىم بويىچە سۈرىيەنىڭ فىدراتىپلاشتۇرۇلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

تەرجىمە قىلغۇچى: ئۆچمەس

مەنبە: http://www.alquds.co.uk/?p=737381